مۇتەخەسسىسلەر: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قازاقىستان ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر قىلىدۇ

0:00 / 0:00

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا قارشى زور كۆلەملىك ھەربىي تاجاۋۇزلۇق بىلەن باستۇرۇپ كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئىلگىرى، يەنى سوۋېت دەۋرىدە رۇسىيە بىلەن بىر ئىتتىپاق مەملىكەتتە بىرگە بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرى رۇسىيەگە قارشى قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانىدى. چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى ناھايىتى قويۇق بولغان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىمپورت قىلىدىغان تاۋارلارنىڭ سالماقلىق قىسمى رۇسىيەگە توغرا كېلىدىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە غەربنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە.

قازاقىستاننىڭ «فوربېس» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنيا بانكىسى: ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە زەربە بولىدۇ» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى 10-ئاپرېلدا مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىغا باھا بەرگەن. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل 4.1 پىرسەنت كېمىيىدىكەن. بۇ، ئىككى يىل مابەينىدىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك كېمىيىش بولۇپ، دەسلەپتە بۇنىڭغا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەب بولغان. ئىقتىسادىي كرىزىس خام ئەشيا ، مالىيە، سودا ۋە كۆچمەنلەر ساھەلىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ، مەملىكەتلەر ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچكە سەلبىي تەسىرلەرنى يەتكۈزگەن. بۇنىڭدىن بىرىنچى نۆۋەتتە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا، شۇنىڭدەك بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان، مولدوۋا ۋە تاجىكىستاننىڭ زەرداب چېكىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ماقالىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ ياۋروپا ۋە مەركىزىي ئاسىيا بويىچە باش ئىقتىسادچىسى ئاسلى دېمىرگۇچ-كۇنتنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ۋە كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ ئىقتىسادقا كەڭ كۆلەمدە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر رايون مەملىكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بولۇپمۇ ئاھالىنىڭ ئاجىز قاتلاملىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئالاھىدە دىققەت بۆلۈشى لازىم ئىكەن. ئۇرۇش سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

رۇسىيە-ئۇكراىنا ئۇرۇشى ۋە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ كەلگەن قازاقىستان ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىدۇ؟

ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، مەركىزىي ئاسىيا بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئېركىن بايداروف مۇنداق دېدى: «داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، يەنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باسقۇنچىلىقى پەقەت قازاقىستان ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيەتكىمۇ سەلبىي تەسىر قىلىدۇ. كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولغان قازاقىستان ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى مەزكۇر ئاتالمىش <ھەربىي ئوپېراتسىيەنى> ھەر خىل چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئېنىق قازاقىستان ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىگە توختالساق، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئېمبارگولار شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئىقتىسادىغىمۇ تېگىدۇ. بىر <ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بوشلۇقىغا> ئەزا بولۇشنىڭ ئۆزىلا ۋەزىيەتنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. قازاقىستان رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن غەرب بازىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە <ئالماشتۇرغۇچىسى> بولالايدۇ ھەم بولۇشى كېرەك. رۇسىيە تاۋارلىرى كۆپلىگەن قازاقىستان تاۋارلىرىنىڭ رىقابەتچىسىگە ئايلانماقتا. بۇنىڭ ئاخىرى نېمىگە ئېلىپ كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھازىر ئېنىق قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ بىۋاسىتە قايسى ساھەلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتالمايمەن. بۇ ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى ئېنىقلايدىغان مەسىلە».

سىياسەتشۇناس پيوتر سۋوىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ بارلىق ئېكسپورتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رۇسىيە ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىمپورتىنىڭ كۆپ قىسمىمۇ رۇسىيە بىلەن باغلىنىشلىق.

دېمەك قازاقىستان ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەم ئېكسپورت ھەم ئىمپورت ئارقىلىق رۇسىيەگە مەھكەم باغلانغان. ئەمما قازاقىستان ئېكسپورتى ئېمبارگولار تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. مۇبادا قازاقىستان رۇسىيە مەنپەئەتلىرىگە قارشى تۇرمايمايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا قازاقىستان ئۆز پايدىسىغا ئىگە بولىدۇ. يېقىن ئارىدىكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ۋەزىيەت شۇنداق بولىدۇكى، قازاقىستاننىڭ ھەم ئېكسپورتى ھەم ئىمپورتى ساقلىنىپ، سەلبىي ھادىسىلەر يۈز بەرمەيدۇ. قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى بولسا، رۇسىيەگە قارىغاندا خېلى تۆۋەن. ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا بارلىق نەرسە ئادەتتىكىدەك، يەنى خام ئەشيا سېتىلىپ، تەييار تاۋار سېتىۋېلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يېقىن ئارىدا رۇسىيە ئىقتىسادى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسە، قازاقىستاندا مۇنچىلىك ئېغىرچىلىق يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن بۈگۈنكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر قازاقىستان ئىقتىسادىغا خېلى چوڭ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن».

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن قازاقىستانغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ چەتئەلدىن ئالىدىغان ئىمپورتىنىڭ 40 پىرسەنتى رۇسىيەگە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا جىق مەسىلىلەر چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستان ياۋروپاغا نېفىتنى رۇسىيە ئارقىلىق چىقىراتتى. ئومۇمەن دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا سودا تەشكىلاتلىرى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ، يەنى دۆلەتنىڭ بىر يىللىق ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر يېرىم-ئىككى پىرسەنت تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى تەخمىنلەپ، ئېلان قىلدى. تاۋارلار، يېمەك-ئىچمەكلەر قىممەتلەۋاتىدۇ. قازاقىستاننىڭ تەڭگىسى پاخاللىشىۋاتىدۇ. سودا يولى بۇزۇلدى. مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئاساسەن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان كۆپرەك زىيان تارتىدۇ».

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ پەقەت مەملىكەتلەر ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇرۇنقىدەك، 2021-يىلى يا بولمىسا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا بولغاندەك ھۆكۈمەتلەرنىڭ، پرېزىدېنت يا بولمىسا پارلامېنتلارنىڭ كۈن تەرتىپىدە بولۇپ، سەككىز دۆلەت ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، بىر مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشقا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارار ئالغان. مۇشۇ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇنداق قارارلار ئېلىنمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا كۆپ دۆلەتلەرنى ئارىلاپ چىقتى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغانلارمۇ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقىدەك دۆلەت، ھۆكۈمەت، پارلامېنت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە دىققىتىدە ئەمەس. ھەممە مەسىلە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، كرىزىسنى توختىتىش ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە زىيان بولۇۋاتىدۇ».

قەھرىمان غوجامبەردى دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن، ئاكتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ۋە ھەرتەرەپلىمە كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كوممۇنىستىك خىتاينىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان، كەلگۈسىدە چوڭ ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر دۆلەت بولغانلىقتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنىڭمۇ كۈچىيىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قازاقىستاننىڭ قوشنا ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە. 15-ئاپرېلدىن تارتىپ قازاقىستان ئۆزبېكىستانغا ئىمپورت قىلىنىدىغان بۇغداي ۋە ئۇننى چەكلەپ، يىللىق نورما قويماقچى. بۇ يىل ئۆزبېكىستان قازاقىستاندىن 100 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانىكەن.