مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەدە ھازىر تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى موسكۋا ۋە باشقا بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەرگە تارقالغان. موسكۋا شەھىرى رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. موسكۋادا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئورۇن كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھەر يىللىق رامىزان ئېيىدا ئىپتارلىق بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، نۆۋەتتىكى سىياسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ يىلمۇ رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
يېقىندا رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «رامىزان چېدىرى» ناملىق مەخسۇس ئىپتارلىق پائالىيەتلىرىڭ بىرىدە «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېچىسى» دەپ ئاتالغان ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە موسكۋا شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلار، مۇسۇلمان ئاھالىلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 600 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.
«رامىزان چېدىرى» ئىپتارلىق پائالىيىتى موسكۋا شەھىرىنىڭ مۇسۇلمان باشچىلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا بەش يىلدىن بۇيان ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە. پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى رامىزان ئېيىنىڭ ئوتتۇز كۈنى جەريانىدا موسكۋادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ھەم ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي-كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ يىللىق ئىپتار چېدىرىغا «ھېكمەت ئۆيى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئىككى سائەتلىك پائالىيەت داۋامىدا ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىب توغرىسىدا فىلىم كۆرسىتىلگەندىن تاشقىرى ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى، مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى ۋە مىللىي بۇيۇملار كۆرسىتىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتى موسكۋا شەھىرىنىڭ «ئىبادەت تاغ» مەھەللىسىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمام-خاتىبى ئەسخەت ھەزرەت گىماتدىنوفنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن باشلاندى. ئەسخەت ھەزرەت ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى، ئۆلىمالارنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئازابلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى.
مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتى موسكۋادىكى «ئىلشات» ساخاۋەتلىك فوندىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىلشات» فوندىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ئابباسوف ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، موسكۋادىكى «رامىزان چېدىرى» پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى، مۇقاملىرى، يېتىشىپ چىققان ئۆلىمالىرى ۋە تارىخىنى رۇسىيە ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئىپتار پائالىيىتىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىپتارلىق ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۇيغۇر تائاملىرىنى بەك ياقتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئەنۋەر ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتتىن ئۆزىنىڭ ئېچىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر دائىم ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە موسكۋادىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇئالىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقلىرىنى، بولۇپمۇ ئىمام-خاتىپ ئەسخەت ھەزرەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقىسى بولغاچقا ھەر دائىم سەمىمىي دۇئالارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رامىزان ئېيى جەريانىدا رۇسىيەدىكى نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نۇرغۇن ئىپتار پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىبادەتلەرنى بىرلىكتە قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەزاسى خەمىت توختىيېف ئەپەندى نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا مۇسۇلمان مۇساپىرلارغا ھەر كۈنى ئىپتارلىق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر يىگىت بېشى ئۇمرۇللايېف سۇلتان ئەپەندى ئىپتار پائالىيەتلىرىدە جامائەتنى بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي مۇراسىملارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيەدىكى يەنە يېكاتېرىنبۇرگ، ئومسك ۋە تومسك قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئىپتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
قىرغىزىستاندىكى جالال-ئاباد ۋىلايەتلىك ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئىمام خاتىپ ئەلىشىر ناسىراخۇنوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى كەڭ تونۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئەنۋەر ئەپەندى ۋە «ئىلشات» فوندىغا سەمىمىي مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00