كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەت، شۇ جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دىيارنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، بولۇپمۇ يۈزلەپ، مىڭلاپ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىشى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىقارلىق ماۋزۇغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇنىڭ رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يورۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يورۇتۇلۇۋاتقان ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتى، يەنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياشاش، بالا تېپىش ۋە تەربىيەلەش ھەم باشقىمۇ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بولماقتا.
رۇسىيەنىڭ «لېنتا. رۇ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىق ئۈچۈن خىتاي رەھبەرلىكى ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىشنى خالىماقتا» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار خەلقئارا جىنايەت سوتىدا خىتاينى قىرغىنچىلىقتا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە ئەيىبلەپ، تەرگەۋ يۈرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانىكەن. خىتاينىڭ مۇنداق جىنايەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماسلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىمۇ باركەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەقەت بىر شەھەردىلا خىتاي ھۆكۈمىتى 14800، بىر رايوندىلا 8000 دىن ئوشۇق ئايال كىشىنىڭ تۇغۇتىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا مەخسۇس خىراجەت ئاجراتقان.
يەنە شۇ «لېنتا. رۇ» ئاگېنتلىقىدا «خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشتا گۇمان قوزغىماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت 2015-ۋە 2018-يىللار ئارىلىقىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تۇغۇت 84 پىرسەنتكە كېمەيگەن ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە يەنە ئىچكىرىدىن خىتايلارنى كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارماقتىكەن.
«RTV I»، يەنى «رۇس خەلقئارا تېلېۋىزىيەسى» دە ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى مەجبۇرىي كونترول قىلماقتا» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن يۈز مىڭلاپ ئاياللارنى بالىلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇرلىماقتىكەن. بۇ قائىدىنى بۇزغانلار يا لاگېرلارغا ئەۋەتىلىدىكەن، يا كۆپ مىقداردا جەرىمانە پۇلى تۆلەيدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ساقچىلار ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن يوشۇرۇۋېلىنغان بالىلارنى تېپىش ئۈچۈن ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ماقالىدا يەنە بۇ ھەرىكەتلەرنى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ كومىتېتى مۇدىرى، تىلشۇناس كاندىدات دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللىي، دىنىي، ئىرقىي، مەدەنىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەم بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ، ئانالىزچىلارنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسىغا ئايلانغان.
دىلنۇر قاسىموۋا مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ بەزى سىياسىي پارتىيەلىرى ياكى مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ. ئەڭ بىرىنچى مەسىلە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەش پروگراممىسى. بۇ نېمىگە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بىرىنچىدىن، مىللەتنى يوقىتىش. بۇ ئەڭ دەھشەتلىك پروگرامما. ئانىلارنى بالىدىن، پەرزەنتتىن چەكلەش-دېمەك بۇ پۈتۈن بىر خەلقنى ئۇرۇقىدىن يوقىتىش دېگەن پروگرامما. رۇسىيەنىڭ ھوقۇق قوغداش پروگراممىلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: ھازىر ئاياللار مەسىلىسى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللار مەسىلىسى بۇ ئاياللارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. بۇ پۈتكۈل ئىنسان مەسىلىسى بولۇپ قېلىشى كېرەك. شۇڭا ئىنسان ھوقۇقىنى قوغدايدىغان كومىتېتلار بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشى كېرەك دېگەن پىكىرلەر بار.»
دىلنۇر قاسىموۋا ھازىر رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى تاتارىستاننىڭ مۇسۇلمان ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» پروگراممىسىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىگە قارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پېشقەدەم زھۇرنالىست نائىلەم ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە خىتاي خەلقىمىزنى تۈرمىلەرگە سولاپ، لاگېرلاردا قىيناپ، ياشلىرىمىزنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قۇللۇققا ئېلىپ كېتىپ، ئالىملىرىمىزنى سولاقلاردا قىيناپ، مۇشۇنچىلىك زوراۋانلىقنى ئاز دەپ، يەنە دۇنياغا كەلمىگەن سەبىي بالىلىرىمىزنىڭ ئالدىنى توسماقتا. قىزلىرىمىزنى بالا تېپىشتىن، بالا سۆيۈشتىن، ئەرگە تېگىشتىن، ياشاشتىن مەھرۇم قىلماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن چىداپ تۇرۇش تاقىتىم قالمىدى. بۇ نېمە دېگەن ھايۋانلىق. بۇنىڭغا قانداق قاراپ تۇرىمىز؟ قانۇن ماقۇللىنىپ بولدى. تۇغۇتنى چەكلەشنى توختات، خىتاي!»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇسىيەلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى بەھرام ھەمرايېف ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇمەن زور كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ يوقىتىشتىن تاشقىرى، قازاقىستانغىمۇ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق كىرىشكە تىرىشىدۇ دېگەن خەۋەرلەرمۇ بار. ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مىللەت. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئەركىن تەرەققىي ئېتىدىغان بولسا، خىتاي ئۆز لايىھىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ھازىرچە ئۇيغۇرلار بۇفېر (توسۇق) بولۇپ تۇرماقتا. مۇبادا ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقاتسا، كېيىن قازاقلارغا، ئۆزبېكلەرگە ۋە باشقىلارغىمۇ نۆۋەت كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇسۇلمان، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىماي، خىتاينى ياقلىشى بۇ ياخشى پوزىتسىيە ئەمەس. بۇ جىنايى پوزىتسىيە. ئۇلار ئەكسىچە، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن تىك تۇرۇشى كېرەك ئىدى. قىيامەت كۈنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان ھەققى بار. بىزنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرغا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئايالىغا نىسبەتەن ئېنىق پوزىتسىيەمىز بولۇشى لازىم ئىدى. ئەپسۇسكى مۇنداق بولمايۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ياقلاۋاتىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر.»
بەھرام ھەمرايېف يەنە پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىك، ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە بۇ مەسىلىگە بىپەرۋا قارىمايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى توختىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يېقىندا «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىشى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، مۇتەخەسسىسلەردە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغانكەن. جۈملىدىن بۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ زور ئىنكاس پەيدا قىلغان.
0:00 / 0:00