ئاندېرس كور: «خىتاي رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.02.28
ئاندېرس كور: «خىتاي رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تور ئارقىلىق سۆھبەتتە. 2021-يىلى 15-دېكابىر، موسكۋا.
AP

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە دۇنيانىڭ بۇ ئۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى مەلۇم. بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ بۇ خىلدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئامېرىكا ئۈچۈن گېئو-سىياسىي رىقابەتنى كۈچەيتكەن.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتى 27-فېۋرالدىكى سانىدا «ئۇكرائىنا كرىزىسىدا ئامېرىكا خىتاينى رۇسىيە بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك بەدەل تۆلىتىدىغاندەك قىلىدۇ» سەرلەۋھلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىگە ئاساسلانغاندا، ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى (Jen Psaki)ئالدىنقى ھەپتە مۇنداق دېگەن: «خىتايغا قارىتا مەن شۇنى دەيمەنكى، ئەلۋەتتە بۇ پرېزىدېنتنىڭ قارىشى، ھازىر دۇنيا رەھبەرلىرى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ قارارىغا قارشى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپلە قالماستىن، بەلكى يەنە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇدىغان بىر پەيتتۇر. بۇ ھەرگىزمۇ كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان ياكى سۈكۈت قىلىپ كېيىنكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىدىغان پەيت ئەمەس.»

ئامېرىكا كلارېمونت مەككېننا ئىنىستىتۇتى (Claremont McKenna College) نىڭ پروفېسسورى پېي مىنشىن (Minxin Pei) «لوس-ئانجىلىس ۋاقتى» گېزىتىدە «خىتاي مەيلى رۇسىيە تەرەپتە تۇرسۇن ياكى تۇرمىسۇن، بەرىبىر بەدەل تۆلەيدۇ» سەرلەھىلىك بىر پارچە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى پايدىسى ۋە زىيىنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، خىتاي بۇ ئۇرۇشتىن بەلكىم گېئو-سىياسىي پايدىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. چۈنكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكا دىققىتىنى روسىيەگە قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. رۇسىيەنىڭ ھەربىي غەلىبىسى تېز بولغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ يېڭىدىن سوغۇق ئۇرۇشقا كىرىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ ھەر قانداق پايدىسىدىن تارتىدىغان زىيىنى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. خىتايمۇ غەربنىڭ روسىيەگە قاراتقان جازاسى ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئىقتىسادىي ھەم گېئو-سىياسىي جازاغا مۇقەررەر دۇچ كېلىدۇ.»

ئامېرىكادىكى «كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. شى جىنپىڭ ۋە پۇتىن دېموكراتىيەنىڭ كۈچىگە سەل قاراپ قالدى. دېموكراتىيە تۈزۈمى ئاستىدا خەلق ئاستا قوزغالغاندەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتەك دېموكراتىيەگە ئېچىلغان ئۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، پۈتۈن خەلق تەڭ قوزغىلىدۇ. دېموكراتىيە ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا ئۇكرائىنا ناھايىتى يارقىن بىر مىسال بولدى. ئۇكرائىنادا بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز ئۇنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچىمەيۋاتىمىز. مەن ئامېرىكالىقلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنى ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ، بىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ‹قوشنىڭىز› نىڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداشقا ياردەملەشمىسىڭىز، ئۇ چاغادا دېموكراتىيە دىكتاتورلۇققا ئۆگىرىدۇ ۋە كېيىنكى ھۇجۇم نىشانى مۇقەررەركى سىز بولىسىز. يەنى بۇ مەسىلە مۇشۇ قېتىم ھەل بولسا بولدى، بولمىسا مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ. پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ، دېموكراتىك تۇپراقلانىڭ ھەر بىر پارچىسىنى موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ رەزىل نېيىتىدىن قوغدىشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان قانلىق تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ بىر شىرىكى. خىتاي بۇ جىنايەتكە شىرىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغىمۇ جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك. خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا باستۇرۇپ كېرىشىنى ئەيبلىمەيلا قالماستىن، بەلكى بۇ تاجاۋۇزچىلىققا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا، يەنى ئۇكرائىناغا بېسىپ كېرىشتىن بۇرۇن، پۇتىن شى جنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، 30 يىللىق گاز بىلەن تەمىنلەش توختامىنى ئىمزالاشقان. بۇ ئېنىقلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بېسىپ كېرىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىك. رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كېرىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي رۇسىيەدىن بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ يەنە بىر قېتىملىق رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يېقىپ بېرىلگەن يېشىل چىراق. شۇڭا بىز پەقەت خىتاينى رۇسىيەنى ئەيىبلەشكە چاقىرماستىن، بەلكى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلىمىگەنلىكى، يەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا جازا تەدبىرى قوللىنىشمىز كېرەك.»

ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈنلۈك ئەھۋالغا قارىغاندا، پۇتىن ئۇكرائىنانى ناھايىتى تېزلا بويسۇندۇرۇشنى پىلانلىغان، لېكىن ئۇكرائىنا خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى روسىيەنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتقان. غەرب دۆلەتلىرى بولسا روسىيەگە بولغان ئىقتىسادىي بېسىمنى كەسكىنلەشتۈرگەن.

«نيۇ-يورك راقتى گېزىتى» نىڭ 27-فېۋرال بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى قويۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەردە جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۈزۈشكە قۇربى يەتمەيدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇشى، خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزارتىش پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.»

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئىلگىرى بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولغان تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر بىر پارتىيەلىك دىكتاتور تۈزۈمنى قوغداپ كەلدى. شۇڭا رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىمۇ ئۆزىنىڭ سىسىتېمىسىنى قوغداپ كەلگەن. شۇڭا شى جىنپىڭ ۋە پۇتىن ئىككەيلەن بىرلىكتە غەربنىڭ دېموكراتىيە ئەركىنلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدېئولوگىيەسىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىشقا، دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇش دېمۇكراتىيەگە قارشى ئېچىلغان بىر ئۇرۇش، خىتاي نەق شۇنى قوللاۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇرۇشتا پۇتىننى قوللاشنىڭ ئاقىۋىتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.»

مەلوم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بانكا ۋە تېخنىكا شىركەتلىرى روسىيەنى ماھىيەتلىك مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن جازا تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە خىتاي ئىقتىسادتا ئۆزىگە تايىنىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم سودا-تىجارەتتە يەنىلا غەرب بازىرىغا تايىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.