كۆزەتكۈچىلەر: «رۇسىيەنىڭ سۈيىقەست شېرىكى بولغان خىتايمۇ جازالىنىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.03.14
كۆزەتكۈچىلەر: «رۇسىيەنىڭ سۈيىقەست شېرىكى بولغان خىتايمۇ جازالىنىشى كېرەك»
REUTERS

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى «ئىشغال» دەپ ئاتىماسلىقى ۋە ئۇنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغاننى ئاز دەپ، ئۇنىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىقتىن ئالىبۇرۇن خەۋىرى بارلىقى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مەزگىلىدە پۇتىننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.

يېقىندا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن بىر پارچە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئورنىغا باھا بەرگەن.

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان: «رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا رەھىمسىزلەرچە ۋە سەۋەبسىزچە تاجاۋۇزچىلىقىنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى «بىتەرەپ دۆلەت»، ھەتتا «كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ يوشۇرۇن ئاچقۇچى» دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ ياردەمچى سۈيىقەستچىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلماقتا. پەرەز قىلغىنىمىزدەك، خىتاي تەرىپىنى تاللىدى، ئەمما ئۇنىڭ تاللىغان تەرىپى ئۇكرائىنا ياكى غەرب ئەمەس.»

جوش روگىن ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بىلەت تاشلانغاندا، بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بەزى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ئارىسىدا خىتاي ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە گاڭگىراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن كەيپىياتنى ياراتقان بولسا؛ يەنە ھەتتا خىتاينى پۇتىنغا بېسىم ئىشلىتىشكە كۆندۈرۈشىمىز كېرەك، دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ھەتتا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«ئەمەلىيەتتە بىز بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتىگە قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بالدۇرلا كېلىشىپ بولغانلىقى ئېنىق. تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ 5000 سۆزلۈكتىن ئوشۇق ھەمكارلىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ يەنە پۇتىن بىلەن بېيجىڭغا پايدىلىق شەرتلەر ئاساسىدىكى 30 يىللىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلغىنىدەك، شى جىنپىڭ پۇتىنغا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپلا قالماي، پۇتىندىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقۇچە ساقلاشنى تەلەپ قىلغان. دەرۋەقە، پۇتىن قىشلىق ئولىمپىكنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەتىسىلا ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىدىكى ئىككى رايوننى ‹ئىككى مۇستەقىل دۆلەت› دەپ تونۇيدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. مانا بۇ ۋاقىت جەدۋىلى ھەممىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا.»

يۇقىرىقى بۇ كۆز قاراش نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىدە بىردەك ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندېرس كورمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ مۇھىم شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، قۇدرەتلىك دىكتاتورنىڭ بىرى بولغان شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغالىنى باشتىن بېرى قوللىغان. چۈنكى پۇتىننىڭ بۇنداق بىر قوللاشقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى پۇتىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىمنى بالدۇرلا تۈزۈپ بولغان، دەرۋەقە، ئۇ خىتاينى 30 يىل تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان كېلىشىمنى ئولىمپىك مەزگىلدە تۈزدى. شۇڭا مەن شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا يېشىل چىراق ياققانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ كۆز قاراشنى ئالغا سۈرۈپ: «خىتاينىڭ ئالدىن خەۋىرى بارلىقىدا شۈبھە يوق» دېدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق. بۇنىڭ نۇرغۇن ئالامەتلىرى بار. خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ناھايىتى تېزلا قولغا ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ غەرب رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، شۇڭا رۇسىيەدىن كېيىن بىزمۇ تەيۋەننى قولغا ئالىمىز، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىشلار خىتاينىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى خىتاينىڭ قوللاپ بەرگەنلىكى ئېنىق.»

«ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ئولېگ ئۇستېنكو يېقىندا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ يىغىنىغا سىن ئارقىلىق قاتنىشىپ سۆز قىلغاندا: «ھازىر ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر دۆلەت خىتاي بولۇپ قالدى. رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە چوقۇم ھەممە تەرەپلىك ئېمبارگو بولۇشى كېرەك،» دېگەن. ئۇستېنكو ئەپەندى يەنە «موسكۋانىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا خەلقئارالىق جازا تەدبىرلىدىن قېينىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئالاقە قىلغۇچىسىنىڭ خىتاي بولىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

دوكتور ئاندېرس كورمۇ بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتايغا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇرۇش رۇسىيەنى خىتاينىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئۇرۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى ئۈستىدىكى دىققەتنى بۇرىۋەتتى. مۇشۇ تاپتا بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكانىڭ خېلى نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ خىتايدىن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. يەنى يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشتىن ئاۋۋال ئامېرىكانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىنغان خىتاي ھازىر قايتىدىن غەربلىك ئەمەلدارلار كۆزىدە بىر قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە ئايلاندى. مەنچە، بۇ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ سۇيقەستچى شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاتىشى ۋە رۇسىيەگە قويغانغا ئوخشاش كۆلەمدىكى جازا تەدبىرلىرىنى قويۇشى كېرەك. ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشتىن پايدا ئېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتايدىن ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە باشقا ياردەملەرنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن جازالاش تەدبىرلىرىدىن قېچىشىغا ياردەم قىلسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ مۇقەررەر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەيك سوللىۋان بۇ سۆزلەرنى 14-مارت دۈشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ياڭ جيېچى بىلەن ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۇچرىشىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىغىندا خىتاي تەرەپكە ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى تەكىتلەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، جەيك سوللىۋان ئۇچرىشىشتا خىتايغا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئەمەس، ئامېرىكانى قوللاشنى، ئۇنداق بولمايدىكەن خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشتىن خەۋىرى بارلىقى ھەققىدىكى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك پاكىتلارنى ئاشكارىلايدىغانلىقى، ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇدىغانلىقىنى دەپ بېسىم قىلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «جەيك سوللىۋېن بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا قىسقىسى خىتايغا تەھدىت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭ رۇسىيەنى قىستايدۇ، ئۇلار يەنە جازاغا ئۇچرىماي تۇرۇپ رۇسىيەنى قوللاشنىڭ يولىنى بەرىبىر تاپىدۇ. بۇ بىر قېيىن ئويۇن. مەنچە، ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرى شى جىنپىڭنى ئۆزىگە قايىل قىلىمىز، دەپ قاراۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلار خىتاينىڭ بىر زالىم دېكتاتورلىقىنى، ئۇنىڭ تىنچلىق ئەمەس، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدەك پاكىتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى مەسىلىنى دېپلوماتىيە ھەل قىلىش تەرەپدارى. ئەمما رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەر ئىككىلىسى ھوقۇق ۋە قۇدرەتكە تويمايدىغان، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان زالىملار بولۇپ، ئۇلارغا يالغۇز دېپلوماتىيە يېتەرلىك ئەمەس. ئامېرىكا خىتاينى پەقەت تەھدىت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىدىغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەر بىلەن جازالىشى، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى تەيۋەن، جەنۇبىي كورىيە ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىشى كېرەك. قىسقىسى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئەمدى دېكتاتور ھاكىمىيەتلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشنى توختىتىشى، ئىقتىسادىي ئالاقە ئارقىلىق ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈشنى توختىتىشى، زالىم دىكتاتورلارنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىنمۇ ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە بۇنى ئەسكەرتىپ: «پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، غەربنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەسى ھازىر قۇرۇق گەپكە ئايلاندى. شۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارشى ھەمكارلىشىش ئۇقۇمىمۇ ئوخشاشلا ئەخمىقانىلىقتۇر. بىز رۇسىيە-خىتاي بىرلىكىنى ئايرىۋېتەلمەيمىز، شۇڭا بىز ھەر ئىككىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.