شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق داۋالغۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.21
putin-xi-putin-shi-2023.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 21-مارت، موسكۋا، رۇسىيە.
AP

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنى رۇسىيەگە بېرىپ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان، ئۇنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە نېمە دېيىشكەنلىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نەزەرىدە بولماقتا.

بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى دۆلەت زىيارىتى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان 10 يىللار مابەينىدە پۇتىن بىلەن 40 قېتىمدەك كۆرۈشكەن.

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 20-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتى داۋامىدا پۇتىن بىلەن غەيرىي رەسمىي شەكىلدە 4 سائەت سۆھبەتلەشكەن. شى جىنپىڭ «خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى قوغداشقا تەييارلىنىپ بولدى» دېگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، تىنچلىق سۆھبىتىنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم پۇتىننى زىيارەت قىلىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «قارىغاندا، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى، جۈملىدىن ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شى جىنپىڭ موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئوخشاش مەقسەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ يەردە چاقچاق قىلمايۋاتىدۇ، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ھەر ئىككىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؛ ئۇلار سىياسەتلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، خەلقئارا سىستېمىنى ئىككى لاگېرغا بۆلۈپ، يېڭى بىر ئوق مەركىزى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇكرائىنا گويا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى بېكىتىگە ئايلىنىپ قالدى، خىتاي بىلەن رۇسىيە تەشەببۇسكارلىقنى قولىغا ئېلىۋالدى. بۇ ئەھۋال خۇددى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغاندەك بىر ۋەزىيەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ».

خىتاي ئالدىنقى ئايدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ھەققىدە 12 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلىنكىسى ئۇنىڭغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا خىتاينىڭ بۇ ئىشتا پۇتىننىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«ئەل-جەزىرە» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئولېگ نىكولېنكو شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ‹ئۇرۇش جىنايەتچىسى› دەپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي پرېزىدېنتىنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىشى رۇسىيەنىڭ بۇ جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا چاپان ياپقانلىق. دېمەك، خىتاي پرېزىدېنتى ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھىشيلىككە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېگەن.

بۇ ھەقتە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكىن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كىرزىسىنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان مۈجمەل پىلانلىرىنىڭ پەقەت رۇسىيەگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزگەن بىر قاتار ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيبلىگەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى رايموند (Raymond Kuo) خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوخشاش كېمىدە كېتىۋاتقان جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئانتونى بىلىنكىن شى جىنپىڭنى پۇتىننىڭ جىنايىتىگە چاپان يېپىۋاتىدۇ، دېدى. بۇ ناھايىتى توغرا گەپ. چۈنكى پۇتىنغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. مانا بۇلار خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».

شى جىنپىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە 75 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى، ھىندىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئۇكرائىنانى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلىشى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىتتىپاقىغا قارشى مەيدانىنى روشەن ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكادىكى مارشال فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى زاكارى كوپېر (Zachary Cooper) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە، سانائىتى تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا بەزىلەر ئۇنى يەنە بىر قۇتۇپ دەپمۇ ئاتىماقتا. مەنچە بۇ رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ».

ئانالىزچى رايموند كو ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى ئىقتىسادىي دۆلەتلەرنى ۋە ئۇكرائىنانى قوللايدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرمەكتە. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن بەلكى غەرب دۇنياسى رەھبەرلىك قىلمايدىغان بىر دۇنيا تەرتىپى قۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشتى. ھالبۇكى، ئەركىن-دېموكراتىك خەلقئارا تەرتىپ يەنىلا كۈچلۈك ھەم ئۇيۇشقاق. مەنچە، بۇ ھالەتنىڭ ئۇزاق داۋام قىلىشى ئاساسەن ئۇرۇشنىڭ سوزۇلۇشى، ئۇكرائىنانىڭ مۇشۇ ئەتىيازدا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشى ۋە غەلىبە قىلىشىغا باغلىق بولۇپ قالدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.