ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ تارىختىن بېرى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىككى مۇھىم ئۈستۈنلۈكى بولۇپ كەلدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي تارىختىن بېرى سۈركىلىشىپ كەلگەن جاھانگىر ھەم مۇستەبىت دۆلەتلەر بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنياۋى تەسىرى ئالدىدا بىرلىشىش يولىغا قەدەم باستى، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ خىل قۇتۇپلىشىش روشەن كۆرۈلدى.
4-ئاينىڭ 16-كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى: خىتاي رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى قوغدىماقچى» دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئەمدى ھەربىي ھەمكارلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنسىتىرى لى شاڭفۇ 4-ئاينىڭ 16-كۈنى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ۋىلادىمىر پۇتىنغا: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ھەمكارلىقىمىز ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشتى. خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ» دېگەن. پۇتىن بولسا لى شاڭفۇغا ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئېيتقاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاي دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزۇۋاتقان دۆلەتلەر تۇرۇقلۇق، لى شاڭفۇنىڭ «دۇنيانىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېگىنى ئىنتايىن مەسخىرىلىك بىر گەپ بولغان. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مەقسىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن خەلقئارا تەرتىپنى، يەنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۇنيانى ئۆزگەرتىش، شۇندىلا بۇ دۇنيا خىتاي ئۈچۈن مۇقىم ۋە خەۋپسىز بولغان بولىدۇ».
بۇ قېتىمقى زىيارەت لى شاڭفۇ بۇ يىل 3-ئايدا ۋەزىپىگە رەسمىي ئولتۇرغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۇنجى دۆلەت زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى ۋە خىتاي كومپاتىيەسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان؛ شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن 4 سائەت مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدى.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «غەرب تاراتقۇلىرى ھە دېسە بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا باغلىۋالىدۇ. خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتى يوق، ھېچكىم بىزنى بۇنىڭغا مەجبۇرلىيالمايدۇ» دېگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىغا قارشى جەڭ مەيدانى ھازىرلاش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئىزچىل قوللىشى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا كۆرە، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رۇسىيەگە مەخپىي قورال تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا يوشۇرۇن جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەن. خىتاي رۇسىيەدىن ئەرزان باھادا ئالغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تارىختا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. رۇسىيە بولسا غەرب ئەللىرىدىن كىرگۈزەلمىگەن ئېلىكتىېر بۇيۇملىرى، ماشىنا ۋە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى خىتايدىن كىرگۈزگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور مۇنداق دەيدۇ: «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بۇرۇن ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە خىتايدىن كۈچلۈك ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر رۇسىيەنىڭ ئېنىرگىيە بايلىقىنى ئىمپورت قىلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت، ھالبۇكى خىتاي باشقا يەردىن، مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن نېفىت ئالالايدۇ. رۇسىيە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراشتىن بۇرۇنلا خىتايغا تايىنىپ كەلگەن. رۇسىيە ھازىر خىتاينىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللىشغا تايىنىپ، خىتايدىن قورال سېتىۋېلىشنىڭ كويىغا كىردى. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى رۇسىيەنى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىن يىراقلاشتۇردى، بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە خىتايغا ھەربىي تەھدىت سالالمايدۇ ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئەلۋەتتە، پۇتىن ۋە رۇس مىللەتچىلىرى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ بۇ دەرىجىگە بېرىشىنى ۋە خىتايغا پايدىلىق بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز بېشىغا بالا تاپتى».
ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىشى خىتايغا زور ئىشەنچ بەرگەن بولۇپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۇزاققا سوزۇۋاتقان رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ قېتىم ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىشى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا داۋاملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ خىتاينىڭ رەزىل كۈچلەر ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇرەسسە-مادارا قىلىدىغان تارىخىي خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ياۋروپا ئۈچۈنمۇ بىر تەھدىت، ئەگەر ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ تەھدىتنى تونۇپ يېتەلىگەن بولسىدى، ياۋروپادا ئالدىنقى ئەسىردە پارتلىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق پالاكەتلەرگە ئۇچرىمايتتى».