بىر ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 28-ئاپرېلدا مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن بولغان قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا قوراللىق چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا. مەزكۇر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىشى تېخىمۇ ئەۋج ئالماقتىكەن.
«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمى ئېلان قىلغان «قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئەسكەرلىرىنى چېگرادىن ئېلىپ كەتتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تۆت كۈنلۈك توقۇنۇشتا قىرغىزىستان تەرەپتىن 35 ئادەم ئۆلۈپ، 183 ئادەم زەرداب چەككەن بولسا، تاجىكىستان تەرەپتىن 8-10 ئادەم ئۆلۈپ، 90 ئادەم يارىدار بولغانىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىر نەچچە تۇرۇشلۇق ئۆيلەر، مەكتەپلەر، چېگرا پونكىتلىرى ۋە باشقىلار ماددىي چىقىم تارتقانكەن.
«قىرغىزىستان 24» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «چېگرالارنىڭ بەلگىلىنىشى: قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ بىرلەشكەن كومىسسىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشى» دېگەن ماۋزۇدىكى باقتىگۈل ئوسمونالىيېۋانىڭ ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-2-مايدا مۇزاكىرىلەر يۈرگۈزۈلۈپ، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ توقۇنۇشنى تېز ئارىدا ھەل قىلىشقا ۋە تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان تېرىتورىيەلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كېلىشكەن ئىكەن. مەزكۇر ماقالىدا قىرغىزىستاننىڭ 36 ئادىمىنىڭ ئۆلۈپ، 189 ئادىمىنىڭ زەرداب چەككەنلىكى، تاجىكىستاننىڭ 16 ئادىمىنىڭ ئۆلۈپ، 150 ئادىمىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئېيتىلغان.
قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى نېمە؟ مۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ توقۇنۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا زىددىيەتلىرى ئوتتۇز يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ زىددىيەتلەر چوڭ-كىچىك توقۇنۇشلار بىلەن ئاياقلاشماقتىكەن. ئاخىرقى توقۇنۇشلار ئەڭ قانلىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
رەھىم ھاپىزوف ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىكىنىڭ ئوتتۇز يىل مابەينىدە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستان بىلەن قوشنا قازاقىستاندا، ئۆزبېكىستاندا، تاجىكىستاندا ۋە خىتايدا ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەر ئورنىتىلغان. بۇ دۆلەتلەردە سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى يوق. ئۇلاردا ئىنسان ھوقۇقلىرى، ئاساسىي قانۇن ماددىلىرى بۇزۇلماقتا. دېموكراتىيە تەقىب ئاستىدا. مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە تۈزۈمى بار قارغىزىستان رېسپۇبلىكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتلەر قىرغىزىستانغا يوشۇرۇن سەلبىي كۆز بىلەن قارايدۇ. شۇنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئومۇمىي بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى دوستانە ۋە تىنچلىق يولى ئارقىلىق چېگرا مەسىلىسىنى ياخشى يولغا قويىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز.»
رۇسىيەلىك سىياسەتشۇناس بەھرام ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا چىققان چېگرا مەسىلىسىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنكەن. مەسىلەن، رۇسىيە بۇ توقۇنۇشتىن كەڭ كۆلەملىك بىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، بۇ ئويى ئەمەلگە ئاشمىغانكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قىرغىز ۋە تاجىكلار مۇسۇلمان مىللەتلەر. ئۇلار كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنى خالىمايدۇ. بۇ توقۇنۇشنى ئۇلار ئۆز ئارا ھەل قىلىۋالاتتى. ئەمما بۇ توقۇنۇشنى ئۆزبېكىستانغا قارشى قارىتىش رۇسىيە ئۈچۈن باش مەقسەت بولغان. چۈنكى ئۆزبېكىستان ھازىر رۇسىيەدىن يىراقلىشىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. قىرغىزىستان تەركىبىدىكى باتكېن رايونىدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي بازىسى ئورۇنلاشقان. رۇسىيە بۇ توقۇنۇشنى پەرغانە ۋادىسىغا يايدۇرماقچى بولغان. ئۆزبېكىستان رۇسىيە قۇرغان تەشكىلاتلارغا ئەزا ئەمەس. تاشكەنتنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقى رۇسىيەنى قاتتىق رەنجىتمەكتە. قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشقا يا سۇ مەسىلىسى، يا تېرىتورىيە مەسىلىسىسى سەۋەب بولمىدى. بۇ يەردە رۇسىيەنىڭ گېئو-سىياسىي مەنپەئەتلىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمدى خىتايغا كەلسەك، خىتايمۇ مۇنداق توقۇنۇشلاردا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. خىتاي ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا پايدىلىنىدۇ. خىتاي ھازىر مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەر قانداق بىر ئەلنىڭ تېررىتورىيەسىنى سېتىۋېلىشنىمۇ، تارتىۋېلىشنىمۇ خالايدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ مەبلەغلىرى بىلەن ھەر ئىككى دۆلەتنى يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى كۈچلۈكرەك.»
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ قېتىملىق قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان چېگرا ماجراسىنىڭ پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىياغا تارىلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ تۇغدۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ھەر قانداق بىر چېگرا مەسىلىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەھرىمان غوجامبەردى مەركىزىي ئاسىيادا سۇ مەسىلىسىنىڭمۇ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭمۇ تۈگەل ھەل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ئىككى دۆلەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا. ھەل قىلغۇچى رولنى ئاساسەن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوينايدۇ. ئۇلار ئارىلاشقىنى يوق. ھەم بېيجىڭ، ھەم موسكۋا مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىڭلار دەپ قاراپ ئولتاردى. شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت رۇسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ھەمكارلىق ھەربىي تەشكىلاتقا ئەزا. بۇ تەشكىلاتمۇ ئىشلىمىدى. سۇ، تېرىتورىيە ۋە چېگرا مەسىلىسى مەركىزىي ئاسىيادا چوڭ توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مەسىلە. تېخىچە ھەل قىلىنغىنى يوق. پەقەت قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان مەسىلىنى ھەل قىلدى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ دۆلەت ۋە سىياسەت ئەربابى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى ۋياچېسلاۋ نىكونوفنىڭ «قازاقىستان تېرىتورىيەسى رۇسىيە تەرىپىدىن قىلىنغان چوڭ سوۋغا» دېگەن پىكرى قازاقىستانلىق دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ، زىيالىيلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغاندى. بۇ شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قاتتىق نارازىلىق تۇغدۇرغاندى.