يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، جۈملىدىن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئافغانىستاندىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشى ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تالىبانلار ھۇجۇملىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئەلدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ھەم ئۇنىڭ قوشنا ئەللەرگە تەسىرى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تالىبانلارغا چېتىشلىقى ئوخشاش مەسىلىلەر ئەتراپىدا بەس-مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «موسكوۋسكىي كومسومولېتس» ( موسكۋا كومسومولى) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تالىپلار ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندا: تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى داۋام قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا رۇسىيەلىك ھەربىي مۇتەخەسسىس ئالېكساندىر مىخايلوۋسكىينىڭ قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ پەرىزىچە، مۇشۇ يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە تالىبانلار پۈتكۈل ئەلگە ئىگىدارچىلىق قىلىشى مۇمكىنكەن. بۇ جەھەتتە تالىبانلار ئۆزلىرىنىڭ قوشنا مەملىكەتلەرگە تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كەسكىنلىشىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«نېزاۋىسىمايا گازېتا» ( مۇستەقىللىق گېزىتى) دا بېرىلگەن «بېيجىڭ تېررورچىلارنىڭ ئافغانىستاندىن شىنجاڭغا كىرىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن پاكىستان ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھەسىنى قوغداش ئۈچۈن تالىپلار بىلەن مۇزاكىرىلەر يۈرگۈزۈۋاتقانىكەن. بۇ جەھەتتە پاكىستان ئىككى تەرەپنىڭ يوشۇرۇن ۋاسىتىچىسى رولىنى ئاتقۇرماقتا. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تالىبانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا ۋەدە بەرمەكتە ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا.
مەتبۇئات ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستان ۋەزىيىتى رۇسىيەنىمۇ بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە 2003-يىلدىن بۇيان تالىبانلار ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىمىغا كىرگۈزگەنىكەن.
ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق يوللىرى بار؟ بۇ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە خەۋپ تۇغدۇرامدۇ؟ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى؟ نېمە ئۈچۈن ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىندى؟
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار ئافغانىستاندىكى ئەڭ مۇرەككەپ، يەنى دىنىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتىكەن. ئومۇمەن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىرىنچى نۆۋەتتە ئىچكى ئەھۋالنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى تالىپلار بىلەن ئورتاق تىل تېپىشالمايۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەت ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن تىل تېپىپ، ئۇنى ھۆكۈمەتكە ئېلىپ كېلىش كېرەك. مەلۇم دەرىجىدە ھاكىمىيەتنى بۆلۈشۈش كېرەك. بىزنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىدىغىنىمىز، تالىپلار ۋەكىللىرى رۇسىيەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت قىلدى. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شۇنداق خەۋەر بەردى: تالىپلار مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چېگراسىغا بېسىپ كىرمەيدۇ. ئىككىنچى، خىتاي بىزنىڭ دوستىمىز، دېگەن مەسىلە چىقتى. تالىپلار تەخت بېشىغا چىقىپ قالسا، مەن ئويلايمەن، تالىپلار ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشىدۇ، سەۋەبى خىتاي مەبلەغ سالالايدۇ، ياردەم بېرەلەيدۇ».
قەھرىمان غوجامبەردى تالىبانلار ھۆكۈمەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت ساقلايدىغانلىقىنى، باشقىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە تالىبانلارنىڭ بىۋاسىتە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەمما بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەرىكەت. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل كۈچلەر بار. شۇ جۈملىدىن ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندا ئىسلام دۆلىتى قۇرىمىز دېگەن ھەرىكەتلەر بار. شۇ كۈچلەر تالىپلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئۆز دۆلەتلىرى ئۈچۈن خەۋپ تۇغدۇرىدۇ. خىتاي ھەتتا سىياسىي غەرەزلىك بىلەن ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورىزمىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، تالىپلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بار دەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى يالغان».
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئەزىمباي غالى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئويۇمچە، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستاندا تالىپلارغا قارشى تۇرىدىغان تېگىشلىك ھەربىي كۈچمۇ يوق. ئۇنىڭغا ھەتتا يۇرت ئىچىدىن، بولۇپمۇ ياشلاردىن قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئوق ئېتىش ۋەقەلىرىمۇ بولدى. تالىپلار رادىكال كۈچلەر بولغانلىقتىن ئۇلار بىلەن كېلىشىمگە كېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھەربىي كۈچ بىلەنلا يوقىتىش لازىم. ئۇلار بىلەن بىرەر شەرتنامە تۈزۈشنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك».
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىلىق بىرەر ئېنىق پىكىر قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەمما تالىپلار تەرىپىدىن بۇ دۆلەتلەرگە قورقۇنچ خەۋپى بار. بۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تالىپلارنىڭ تەسىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەملىكەتلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن چۆچۈمەكتە. رۇسىيە ئۆز پەيتىدە تالىپلار ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە مۇشۇ تېررورلۇق تەشكىلات بىلەن يېقىندا موسكۋادا مۇزاكىرىلەرنى يۈرگۈزدى. دېمەك رۇسىيە ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلاتنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى».
رەھىم ھاپىزوف ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رەھىم ھاپىزوف تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تەقدىردە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ۋە خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت تۇتىدىغانلىقىنىڭ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، تالىبانلار خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قوراللىقلىرىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دېگەنلىك تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى.
رەھىم ھاپىزوفنىڭ قارىشىچە، تالىبانلار مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۈچۈن چوڭ خەۋپ تۇغدۇرمايدىكەن. ئەمما ھەر قانداق كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەتكە تەييار بولۇش لازىمكەن.