خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچىلار، نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دۈشمەنلىشىشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي بىلەن رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى «چەكلىمىسىز مۇناسىۋەت» (دوستلۇق) قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن مايدا خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ «يېڭى دەۋرى» ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پۇتىن ئامېرىكانى تەنقىدلەپ، «كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭى بىر دۇنيانىڭ كۆز ئالدىمىزدا شەكىللىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى «تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ» ، دەپ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ماختاشقان ئىدى.
ھالبۇكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» (Wall Street Journal) غا ئوخشاش داڭلىق تاراتقۇلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي بىلەن رۇسىيە رىقابىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، ھەتتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دۈشمەنلىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. «ۋول سىترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ‹چەكسىز› دوستلۇقتىن رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا دۈشمەنلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، رۇسىيەنىڭ سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان كونتروللۇقىنى بوشىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ ئوربىتىسىغا كىرىشكە باشلىدى» .
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىتاي ۋە رۇسىيە بىر-بىرى بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر دۈشمەنلىشىپ كەلگەن. تارىختا خىتاي ۋە رۇسىيە بەزىدە بىر-بىرى بىلەن دوست بولسا، بەزىدە بىر-بىرىگە دۈشمەن بولغان. مەسىلەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا تېررىتورىيە ئىختىلاپى تۈپەيلى خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان ۋە ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەن. بۇ خىل جىددىيلىكنىڭ تەسىرى ھېلىھەم يوقالغىنى يوق. بىز ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي ۋە رۇسىيە رىقابىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ رىقابەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەسىر كۈچ تالىشىش رىقابىتىدۇر. ھالبۇكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە ھەمكارلىشىۋاتىدۇ» .
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرىغا ئاسىيادىكى رىقابىتى ۋە «ۋول سىترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىكى كۆز قاراشلارغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنى بىر-بىرىگە دۈشمەن دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«مېنىڭچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينى دوست-دۈشمەن دېيىش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىرىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ كەتكەنلىكى راست. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيەگە ئىشەنچىنى يوقاتتى. ئۇلار، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى، بۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پارچىلىنىپ چىققان دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئەنسىرەيدۇ. بىر مەزگىل بولدى، دەرۋەقە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى بەرپا قىلدى. خىتايدا رۇسىيە ھەقىقەتەنمۇ تەمىنلىيەلمەيدىغان نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ سانائەتكە مەبلەغ سېلىشتۇر» .
قازاقىستان بىلەن بولغان سودا جەھەتتە، 2023-يىلى خىتاي قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شىرىكى بولۇپ قالغان، يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئوبوروتى 41 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 32 پىرسەنت ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2023-يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 31 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ، قازاقىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 26 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. «ياۋروپا تورى» (Euronet) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2023-يىلى خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالغان.
دوكتور شان روبېرتس رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينى رەقىب دەپ قارىمايمەن، مېنىڭچە، رۇسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ھەقىقەتەن بەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېنېرگىيەسى ياكى زېھنى كۈچى يوق. چۈنكى رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىر مۇھىم بولغىنى ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ئىشلىرىنى، يەنى ئۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىش. شۇڭا ھازىرچە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رەقىب بولغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت يوق، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار يېقىنلىشىۋاتىدۇ. »
«ياۋرو-ئاسىيا ئوبزورى» (Eurasia Review) غا ئاساسلانغاندا، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. خىتاي ماللىرى رۇسىيەنىڭ ئىمپورتىنىڭ 30 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، رۇسىيە ھەربىي سانائەت شىركىتى خىتايدىن نۇرغۇن زاپچاسلارنى ئىمپورت قىلىدىكەن. خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (drones) ۋە يېنىك ئۈسكۈنىلەر ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن. شۇڭلاشقا، بېيجىڭنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا بەلگىلىك تەسىرى بار ئىكەن.
سىياسىي ئانالىزچى دىلىن موتىن (Dylan Motin) نىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان ئىككى چوڭ دۇنياۋى كۈچ. ئەگەر رۇسىيە مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنسە ياكى ئاجىزلاشسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى كۈچ سىنىشىشىدا خىتاينى يالغۇز تاشلاپ قويىدىكەن؛ ئەكسىچە، رۇسىيە كۈچلۈك ھالەتتە تۇرالىسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا خىتايغا تەرەپدار بولىدىكەن. ئەگەر شى جىنپىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ تەيۋەن مەسىلىسى ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولسا، چوقۇمكى كۈچلۈك رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.