خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ غەربكە قارشى قۇرغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 22-مارت كۈنى رۇسىيەدە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتقان. نۆۋەتتە، شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ 2-كۈنى، يەنى 21-مارت كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كرېملىن سارىيىدا ئ‍ىمزالىغان 9 ماددىلىق قوشما ئاخباراتى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.

شى جىنپىڭ موسكۋادا قىلغان سۆزىدە، «بىز ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاخباراتىغا ئىمزا قويۇپ، يېڭى بىر دەۋرگە ئېلىپ كىردۇق» دېگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا «بارلىق كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنغان» بولۇپ، موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رۇسىيە ئۈچۈن «ئالدىنقى مەسىلە» ئىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققان، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رۇسىيە پرېزىدېنتى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بىر ۋاقىتتا رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن «ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇرىدىغانلىقى»نى ئېلان قىلىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پۇتىنغا «بىز يۈز يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىشكە بىللە يېتەكچىلىك قىلىمىز» دېيىشى، دۇنيادا رۇسىيە بىلەن خىتاي 1950-يىللاردىكىدەك غەربكە قارشى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە كېتىپ بارامدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلماقتا. شۇنداقلا يەنە مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا» دەپ كۆرسەتكەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دىققەت قوزغىماقتا.

پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 21-مارت كۈنى ئىمزالىغان قوشما ئاخباراتى كۆپ قېتىم ئاشكارا تىلغا ئېلىنىپ تەنقىد قىلىنغان. قوشما ئاخباراتتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، غەربنىڭ لىبېرال دېموكراتىيەسىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقى، غەربنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى، دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ئارىلىشىشىغا، غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى باشقىلارغا تېڭىشىغا قارشى تۇرۇدىغانلىقى، ھەممە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەقىىيات يولىنى تاللاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قوشما ئاخباراتنىڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىكى تېرورلۇققا ئائىت مەزمۇنلاردۇر.

ئۇيغۇرلارغا قارىتا «تېرورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق»قا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ، رۇسىيە بىلەن ئىمزالىغان قوشما ئاخباراتىدا «تېرورلۇق ۋە رادىكال تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ۋە گېئو-سىياسىي مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللىشنىشقا قارشى تۇرۇدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

شى جىنپىڭ رۇسىيە-خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىكى»نى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. نۇپۇزلۇق ئۇيغۇرشۇناس، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رەسمىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشىغا ئىشەنمەيدىكەن.

شان روبېرتس 22-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «مەن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رەسمىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تەشكىل قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن. لېكىن ئ‍ۇلار بەزى ئورتاق نىشانلارغا ئىگە، بولۇپمۇ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق كۈچىنى ئاجىزلىتىشتا ئورتاق نىشانى بار. لېكىن ئۇلارنىڭ ئورتاق ئاخباراتنامىسىدە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىشىدۇر. بۇ، بەلكىم خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قازاقىستانغىمۇ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.»

شان روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەردە كۆپ سۆز قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شان روبېرتس مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككىلىسى مەلۇم دەرىجىدە ئوخشىمايدىغان سەۋەبلەردىن ئامېرىكانىڭ خەلقئارا قائىدە-ئ‍ۆلچەملەردە، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاز سۆزلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. بولۇپمۇ دوللارنىڭ خەلقئارالىق پۇل بىرلىكى بولۇشى مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق.»

قوشما ئاخباراتتا يەنە ئامېرىكانىڭ يەر شارى ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى تەنقىدلىنىپ، ئۇنىڭ قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كېڭەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى، يادرو-بىئولوگىيەلىك قوراللارنى كونترول قىلىش ئەھدىنامىسىغا ئەمەل قىلىشى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىشىغا قارشى تۇرۇدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «تىنچ ئ‍وكيان ئىستىراتېگىيەسى» تەنقىدلەنگەن.

ئىلگىرى سابىق سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدە پودپولكوۋنىك بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسەت تەتقىقاتچىسى قەھرىمان غوجەمبەردى ئەپەندىنىڭ 22-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئىككى دۆلەت يېقىنلاشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنىلا نۇرغۇن يوشۇرۇن ئ‍ىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەن. رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى 1950-يىللاردىكى ئىتتىپاقداشلىق شەكلىدە ئەمەس، ھازىرقىدەك ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك شەكلىدە بولىدىكەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەگە بەك يېقىنلىشىشى بەدەلسىز بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇ رۇسىيەگە بەك يېقىنلىشىپ ئۇنى قورال بىلەن تەمىنلىسە، غەربنىڭ جازاسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان چوڭقۇر ئىستىراتىگېيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كونكىرېت سىياسەتلىرىدە ئىپادىلىنىشى، ئۇنىڭ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشىغا يول ئاچسىمۇ، بىراق بۇ خەلقئارادا غەربنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.

لېكىن پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە خىرىس قىلمىسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر قانچىلىك كۆپەيگەنسېرى، خىتاي رۇسىيەگە قانچىلىق يېقىنلاشسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىق زىيانلىق ئىكەن.

شان روبېرتس مۇنداق دېدى: «رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە خىرىس قىلمايدۇ. بۇ ۋەزىيەت بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكتە. مەن قانداقلا بولمىسۇن، بۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى كۆپ، دەپ قارىمايمەن. شۇڭا، شۇ نەرسىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش مۇھىم، دەيمەن، دۇنيادا قانچە كۆپ دۆلەت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇنغا خلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، بۇ خىل ئېتىراپ خىتاي رۇسىيەگە يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ ئوبرازىغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئوبرازىغا شۇنچىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، كرېملىن سارىيىدىكى ئۇچرىشىشتا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى 12 ماددىلىق پىلانىنى ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن. لېكىن ئامېرىكا شى جىنپىڭنىڭ پىلانىنى رەت قىلغان. ئامېرىكانىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ پىلانى رۇسىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئۆزىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، پۇتىننىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى قايتا تەشكىللىشىگە ۋاقىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

ئاقساراينىڭ موسكۋادىكى ئۇچرىشىشقا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ مەيدانىنىڭ تەرەپسىز ئەمەسلىكىنى، بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى زېمىنلاردىن قوشۇن چېكىندۈرۇپ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي يەنە سىبىرىيە 2-گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتاينى يىلىغا 50 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمنى ھاسىل قىلغان. شۇنداقلا «كۆپ تەرەپلىك، باراۋەر ۋە ئوچۇق-ئاشكارا يەر شارى تور باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقى»نى ئېيتقان.