رۇس پاالىيەتچىسى كازاك: ئا ق ش ۋە كانادا تەرىپىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى خىتاي تەرىپىدىن ھازىرغىچە داۋام قىلىنىۋاتقان چوڭ بىر جىنايەتنى توختىتىشنىڭ ئامالىدۇر

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاپ، ئاندىن ئارقا-ئارقىدىن كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى رۇس تىللىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان جىنايىتىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيەلىك جەمئىيەت ئەربابى، رۇسىيە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كازاك ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئا ق ش ۋە كانادا تەرىپىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بۇ 21-ئەسىردە خىتاي تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان ھەم ھازىرغىچە داۋام قىلىنىۋاتقان چوڭ بىر جىنايەتنى توختىتىشنىڭ ئامالىدۇر. دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلىرىنىڭ ئېسىنى يىغىپ، بۇنىڭغا كۆزلىرىنى ئاچقىنىغا شۈكرى. ئەمما، ئەپسۇسكى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بۈگۈن خەلقئارا قورشاۋدا قالغانلىقتىن خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن ئاساسىي سودا-ئىقتىسادىي شېرىك بولۇپ قالماقتا. ھازىر رۇسىيە ئۈچۈن ئامېرىكا، ياۋروپا تېخنولوگىيەلىرى يېپىق بولغاچقا، خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى بولۇپ قالماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەلقئارا قورشاۋدىن چىقىمىغىچە رۇسىيەنىڭ يېتەكچى سىياسەتچىلىرى خىتايغا قارشى چىقمايدۇ ھەم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گەپ قىلالمايدۇ. رۇسىيە سىياسەتچىلىرى خىتاينىڭ يامان ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن قەتئىي بىر ھەرىكەتلەرگە بارمايدۇ.»

ئالېكسېي كازاك يەنە يېقىندا ئامېرىكانىڭ يېڭى رەھبەرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا تۇتقان سىياسىتىنى ئوچۇق كۆرۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىنىڭ بىرەر يېڭىلىق ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر ترامپ ۋە بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ بۇ ھاجەت ئەمەس. سەۋەبى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ئۇرۇشلارمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. ئەمما ئاساسەن پومپېيو ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلق قەھرىمانى بولۇپ قالدى. ھازىر ئەنە شۇ ئۇچرىشىش ۋە باشقىمۇ ۋەقەلەر نەتىجىلىرى بويىچە بىز ئامېرىكا مەۋقەسىنىڭ ئۆزگەرگەن يا ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بايقالايمىز. ئەمدى خىتاي بولسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى دائىم ئىنكار قىلىدۇ. ھەقىقەتتە بۇ خەلقئارا جىنايەت. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىستلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئادەملەرنى سولىۋالغان بولسا، ھازىرمۇ خىتايدا بۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئادەملەر ئۈستىدە تەجرىبىلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئەزالىرى مەجبۇرىي ئېلىنىپ، سېتىلىۋاتىدۇ، ئادەملەرنى قۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى خىتاي ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئېتىراپ قىلسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ بۇ مەسىلىگە نەزەر ئاغدۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ئۇ چاغدا خەلقئارا سوتمۇ بۇ مەسىلىنى قارىشى كېرەك بولىدۇ. خەلقئارا جامائەتچىلىك بولسا، بۇنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرىدۇ.»

«مەركىزىي ئاسىيانىڭ يېڭىلىقلار خىزمىتى» تورىنىڭ «دوكلات: خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ‹قىرغىنچىلىق› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى داۋام قىلماقتا»، «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ «ئا ق ش نىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى خىتاينى ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىقىدا ئەيىبلىدى»، «كراسنايا ۋېسنا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ «ئاقساراي: ئا ق ش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان كېلىشىملەردە ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى›مەسىلىسىنى قاراپ چىقىدۇ»، «خەلقئارا ئىشلار بويىچە رۇسىيە كېڭىشى» نىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جاۋاب بېرىسىلەر» ناملىق ماقالىلىرىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىشى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» چۈشەنچىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئوخشاش كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئەتراپىدا قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جاۋاب بېرىسىلەر» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ جوۋ بايدېن سايلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ترامپ دەۋرىدىكىدەك جىددىي بولامدۇ يا يۇمشاق بولامدۇ دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەر ئىككى تەخمىن خاتا بولۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا بولغان بېسىمى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىنكەن. ماقالىدا يەنە تەكىتلىنىشىچە، بېيجىڭ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشلارنى يۈرگۈزۈپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەز» لىرىنى قۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتىكەن.

ئۇكرائىنانىڭ «گرومادسكا» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى ئەيىبلەرنى مەنىسىز دەپ ئاتىدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى ئىنكار قىلغان. ماقالىدا 1949-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كونترول ئورنىتىپ، شۇنىڭدىن بۇيان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، بىر مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇپ، بۇ مىللەتكە قارشى ھەر قانداق تەقىبلەشلەرنىڭ داۋام قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«ئاقساراي: ئا ق ش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان كېلىشىملەردە ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› مەسىلىسىنى قاراپ چىقىدۇ» ناملىق ماقالىدا بولسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىننىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە قىلغان تۇنجى سەپەرلىرىدىن كېيىن 18 ۋە 19-مارت كۈنلىرى ئالياسكادا خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىمۇ قارىلىدىكەن. رۇسىيەلىك سىياسەتشۇناس بەھرام ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار تەقدىرى كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئايرىم مەملىكەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خىتايدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېخىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا، كانادا ۋە غەرب دۇنياسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان مەۋقەسىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلىۋاتىدۇ. ئەمما رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت ساقلاۋاتىدۇ. بۇ مەملىكەتلەردە دېموكراتىيە قەدرىيەتلىرى يوق دېسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، مەركىزىي ئاسىيا دىكتاتورلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئىقرار قىلىشى ھەم، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا مەملىكەتلەرنىڭ سۈكۈت ساقلىشى بۇ دۇنيادا ئىككى قارىمۇ-قارشى ئىتتىپاقنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىكى ئۇچرىشىشىغا كېلىدىغان بولساق، ئامېرىكا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نىسبەتەن ئۆز مەۋقەسىنى بىلدۈرۈپ بولدى. شۇنىڭغا قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرگە نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېپىپ، كۆپ جاپا چەككەن ئۇيغۇر خەلقىنى تەقىبلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى ھەم شۇنىڭغا مەجبۇرلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، 2019-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىگە ئەزا 22 مەملىكەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان تەقىبلەشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، تەشكىلات رەھبىرىگە خەت يوللىغانىدى. ئەمما كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا 37 مەملىكەت باشقا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئومان، پاكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستانغا ئوخشاش مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىمۇ بولدى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قول قويمىدى.