رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.06.16
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن NBC خەۋەرلىرى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 11-ئىيۇن، موسكۋا.
REUTERS

مەلۇمكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. ئەمما ئۆزىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ھېسابلاپ كېلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئۈندىمەي كەلگەن بولسىمۇ، يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئامېرىكىنىڭ «NBC» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى رۇسىيەنىڭ «ئىنتېرفاكس»، «تا س س» كە ئوخشاش بەزى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

«پۇتىن ئۆزى ئۇچراتقان ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللىسىمۇ، ئەمما نارازى بولۇۋاتقانلارمۇ باركەن.

ۋلادىمىر پۇتىن مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ «خىتاي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «سىز بىلەمسىز، مەن بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانىدىم. ھەر قاچاندا مەركىزىي دائىرىلەرنى تەنقىد قىلىدىغان ئادەملەرنى تېپىشقا بولىدۇ. لېكىن مەن خىتايدا سەپەردە بولغىنىمدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم. سىزنى ئىشەندۈرىمەنكى، ھەر ھالدا مېنىڭ ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغىنىم، ئومۇمەن ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى سىياسىتىنى قوللايدۇ. ئۇلار خىتاي بۇ رايوندا ياشايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئىقتىساد، مەدەنىيەتنى كۆتۈرۈش ۋە باشقىلار نۇقتىئىنەزەردىن كۆپ ئىشلارنى قىلدى، دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەزىيەتكە سىرتتىن قاراپ تۇرۇپ مەن نېمە دەپ ئۇنىڭغا باھا بېرىمەن؟»

مۇخبىرنىڭ «سىز ھەقىقەتەن بىلىسىزكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار مۇنداق دېمەيدۇ ھەم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا› ئەيىبلىگەن. ھازىر مىليون ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياتىدۇ. شۇ ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان ئەھلىگە قانداق يۆنىلىش بەرگەن بولاتتىڭىز؟» دېگەن سوئالىغا ۋلادىمىر پۇتىن مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇرغان: «مەن رۇسىيەدىكى مۇسۇلمان ئەھلى يۆنىلىشىگە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى مۇسۇلمان ئەھلىگە قارىتا تۇتقان سىياسىتى بىلەن جاۋاب بەرگەن بولاتتىم. رۇسىيە ئىسلام كونفېرېنسىيەسى تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزدە پىرسەنت جەھەتتىن ئىسلام ئاھالىسى ئارتۇقراققۇ دەيمەن. بۇ باشقا ۋەتىنى يوق رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پۇقرالىرىدۇر. ئۇلار ئېلىمىز تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشماقتا. بۇ ئادەتتىكى پۇقرالارغىمۇ، دىنىي ئەربابلارغىمۇ باغلىق. مەن ئۇ ياقتا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، خىتايدىكى ۋەزىيەتكە بولا شۇ قاتارلىق پۇقرالىرىمىز توغرىلىق سۆزلىشىم ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن شۇ قاتارلىق مەسىلىلەرنى دۆلەت مەجلىسىدە ياكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېنىقلىساڭلار بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، پۇتىن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا ئۇتتۇر جاۋاب بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپ چىقتى. مەن شۇ يەردە بولغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم دېدى. ئۇلار ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي، مەدەنىي تەرەپلەردىن ياخشى ياردەم بېرىۋاتىدۇ دېگەندەك. ئويلايمەنكى، ئۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى كېرەك. پۇتىن شۇ ۋاقىتتا كورونا ۋىرۇسىدىن ئىلگىرى بارغان. شۇنداقلا ئۇ ئۇتتۇر جاۋابتىن كېتىپ، ئاساسەن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى توغرىلىق توختالغان. ئۇ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنى ماختىدى. قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىنى ئاتاپ تۇرۇپ، مېنىڭ ئاساسىي ۋەزىپەم ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمانلىرى، ئۇيغۇرلار توغرىلىق خىتاينىڭ ئۆزىدىن سورا دېگەندەك جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ يەنە خىتاي رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي مەسىلىلەردە شېرىك دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يەردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى، پۇتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدۇ ۋە پۇتىنغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىلگەن ئوخشايدۇ. پۇتىن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن قاچتى. ئومۇمەن ئۇ خىتاينى ھىمايە قىلدى. ئىككىنچى، ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالىمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىتىنى ئۇتتۇر ئىسپاتلاشنى خالىمىدى، دەپ ھېسابلايمەن».

رۇسىيەلىك سىياسەتشۇناس ۋە ئادۋوكات بەھرام ھەمرايېف ئەپەندى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر ئىجابىي پىكىر قىلماي كەلگەنلىكىنى، ھازىر رۇسىيە ئوزىدۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى تەقىبلەشلەرنىڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە ھازىر رۇسىيەدە بىر نەچچە مىڭ سىياسىي مەھبۇسلار تىزىمغا ئېلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇتىندىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئادالەتلىك، ھەقىقىي باھانى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇ خىتاينى تەنقىد قىلالمايدۇ. NBC مۇخبىرىنىڭ بەرگەن ئورۇنلۇق ۋە ئاساسلىق سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىمۇ پۇتىننىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى بىردىنلا مەلۇم بولدى. دەسلەپتە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇغاندا رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ، ئۇنىڭ پرېزىدېنتىمۇ بۇ ھەقتە ئۈن چىقارمىدى. پۇتىننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلە بويىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار دېگەن سۆزى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەنكى، پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى› ھېچقاچان ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ ئەكسىچە بۇ يۆنىلىشتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھازىر رۇسىيە ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا چوڭ سۈركىلىشلەر مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە بۇ جەھەتتە خىتايغا ئوخشاش شېرىكتىن، ئىتتىپاقداشتىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان مىللەتلىرى قامىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە رۇسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر قاتار تاتار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، شۇنداقلا رۇس پائالىيەتچىسى ئالېكسېي كازاك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىبلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېرلىرى مەسىلىسى رۇسىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە بىرقىسىم مەتبۇئاتلاردىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.