ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىنمۇ ئورۇن ئالماقتا

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا قامىلىشى جىددىي دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقى كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىنىڭ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋە مۇھىم تېمىلىرىغا ئايلانماقتا. جۈملىدىن بۇ مەسىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ بەزى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىرى «كومسومولسكايا پراۋدا» گېزىتىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى سانىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لېدىرى: ‹مېنىڭ ۋەتەنداشلىرىم ئۈچۈن لاگېرلاردا ئۈچ مىليونغىچە ئادەم ئازابلانماقتا›» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ماقالىدا گېزىت مۇخبىرى ئېدۋارد چېسنوكوفنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بولغان كەڭ كۆلەملىك سۆھبىتى بېرىلگەن. دولقۇن ئەيسا ئۆز سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەينى ۋەزىيەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئۆزىنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن شۇنداق ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى.

ئاخىرقى ۋاقىتلاردا رۇسىيەنىڭ «نوۋوستى» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئېلان قىلماقتا. 22-سېنتەبىردە بېرىلگەن «پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىش ئىلتىماسىنى تەنقىدلىدى» ناملىق يېكاتېرىنا لىزلوۋانىڭ ماقالىسىدە رويتېرس ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دۇنيانىڭ بارلىق ئەللىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقا ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىش بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى. ئامېرىكا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.»

ئەمدى قازاقىستاننىڭ «نۇر قازاق» تور بېتىدە بېرىلگەن «ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ‹خىتايدا مەسچىتلەرنى يوقىتىش باشلاندى›» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو نيۇ-يوركتا قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان. ماقالىدە ئامېرىكانىڭ ب د ت نىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسىدە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 25-سېنتەبىردە نەشر قىلىنغان سانىدا «ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشتا ئەيىبلىدى» ناملىق ماقالىدا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئېيتقان پىكىرلىرى كەلتۈرۈلگەن. ئۇ ئۆز مەملىكىتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق يېڭى پاكىتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت باش كاتىپىنىڭ تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش بويىچە رۇسىيەلىك مۇئاۋىنى ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ بۇ سەپەرنىڭ ئامېرىكانىڭ قارشى بولۇشىغا قارىماي ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، مۇنداق سەپەرلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى» گە چاپان ياپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توسىيالامدۇ؟

تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بىر قاتار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكىتى ئارقىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجلىسلىرىدە ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلمەكتىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا سەھنىدە يۈكسەك بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەمما خىتايغا بۇ يېتەرلىك ئەمەس. خىتاي بۇنىڭدىن چېكىنمەيدۇ. بىر ئۇسۇل بار، ئۇ ئامېرىكا ئېمبارگوسى. ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي بېسىمىنى ياۋروپا بىرلىكى، باشقا دۆلەتلەر، ب د ت باش كاتىپى قوللىسا، خىتاي چېكىنىدۇ.»

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇانىشالىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋېرىدۇ. بۇ يەردە مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا بىلەن ئېتىشىپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەملىكەت دەپ ھېسابلايدۇ. ئەگەر مۇشۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەرگە قوشۇمچە غەربىي ياۋروپا، ئا ق ش ئېمبارگولار قوللانسا، ئۇ ۋاقىتتا ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ. مېنىڭ پىكرىمچە، ئۇلار ئۆز ئارا تىل تېپىشىپ ۋە بىرلىشىپ، خىتاينى ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىشقا مەجبۇرلايدىغان ئىقتىسادىي بېسىم كۆرسەتسە، بىر نەتىجە چىقىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە گۇمانىم يوق. ئىككىنچى تەرەپتىن، قازاقىستانمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىن پەخەس بولىدىغان ئاماللارنى قىلىشى لازىم.»

قازاق پائالىيەتچىسى ئەزىمباي غالى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان رەھبەرلىكى بۇ قېتىمقى ئامېرىكاغا قىلغان سەپىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇر، قازاق مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ باشقا ئۆلكىلەر مەسىلىسى ۋە باشقا مىللەتلەر مەسىلىسىمۇ بار. خىتايدا ئىقتىساد مەسىلىسىمۇ بار. مۇبادا خىتاي تاۋارلىرى 25 پىرسەنتكە كۆتۈرۈلسە، خىتاي بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇنى ئاز دېگەندەك، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ساپاسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ تاۋارلار قانچە كۆتۈرۈلسە، ئۇ شۇنچە ئۆتمەيدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە، خىتايغا پەقەت ئىقتىسادىي ئېمبارگو كېرەك.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا باشلانغان سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە مۇشۇ يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكا خىتايدىن كىرگەن تاۋارلارغا يەنە 10 پىرسەنت مىقداردا باج قويۇشنى پىلانلىغان ئىدى. بۇ ئومۇمەن 300 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىكەن.