سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان: «كامېردىشىم تۇرسۇنتوختى سوجاڭ پاسپورت بېجىرىشتە كەڭ قوللۇق قىلغاچقا تۇتۇلغان»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.08.21
Memettursun-Osman-01.jpg سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان.
Photo: RFA

سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ قاماقتىكى مەزگىلىدە قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنتوختى بىلەنمۇ بىر كامېردا ياتقان. تۇرسۇنتوختى ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتە كەڭ قوللۇق قىلىۋەتكەنلىكى ۋە «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ياۋا يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئىلگىرى بۇ يېزا ساقچىخانىسىدا تۇرسۇنتوختى مەخسۇت ئىسىملىك بىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكى ۋە كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قاماققا ئېلىنغانلىقى دەلىللەندى.

خوتەن گۇمالىق سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئۆزى بىر قاماقخانىدا ياتقان 50 نەچچە تۇتقۇن ئارىسىدا قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنتوختىنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ياۋا يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى بۇ يېزىدا ئىلگىرى تۇرسۇنتوختى ئىسىملىك بىر ساقچىخانا باشلىقنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ دېيىشىچە، تۇرسۇنتوختى ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە پاسپورت بېجىرىشتە كەڭ قوللۇق قىلغانلىقى، يەنى ئاتالمىش جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرگىمۇ پاسپورت ئىلتىماسىغا كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋا يېزىلىق ساقچى خادىمىمۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭى چۈشكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىلگىرىكى ساقچىخانا باشلىقىنىڭ كىملىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ دېيىشىچە، تۇرسۇنتوختى 3 تۈرلۈك ئاتالمىش «جىنايەت» بىلەن تۇتۇلغان، بۇلاردىن بىرى، 2014 ‏-يىلى ماي ئېيىدىن باشلانغان ئاتالمىش «تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە» بېرىش دولقۇنىدا ئاكتىپ بولمىغانلىقىدۇر. مەمەتتۇرسۇن ئوسمان تۇرسۇنتوختى بىللە ياتقان ۋاقتىنىڭ 2017 ‏-يىلى 7 ‏-ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ شۇ يىل 6‏-ئايلاردا تۇتۇلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئەسلىيەلمىدى.

ياۋا يېزىسىدىكى مەلۇم بىر كەنت خادىمى ياۋا يېزىسىدا ئالدىنقى يىلى خاتالىشىپ قاماقخانىغا ئېلىنغان ساقچىخانا باشلىقىنىڭ تۇرسۇنتوختى مەخسۇت دېگەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم تۇرسۇنتوختى مەخسۇتنىڭ مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئىكەنلىكى ۋە پاسپورت بېجىرىشتىكى كەڭ قوللۇقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ تۇرسۇنتوختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، يەنى ئۇنىڭ كېسىلگەن ياكى ھېلىھەم قاماقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تۇرسۇنتوختىنىڭ قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلىدە ھەتتا كوچا ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان مەمەتتۇرسۇن ئوسمان، تۇرسۇن توختىنىڭ قاماقتىكى چېغىدىكى پەرەزلىرىگە ئاساسەن ئاز دېگەندىمۇ 10 يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.