«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق مۇخبىرى، يازغۇچى ئالىمجان باۋۇدۇنوف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.08.31
«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق مۇخبىرى، يازغۇچى ئالىمجان باۋۇدۇنوف ئالەمدىن ئۆتتى تونۇلغان يازغۇچى، ژۇرنالىست، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ قازاقىستاندىكى سابىق مۇخبىرى ئالىمجان باۋۇدۇنوف ئەپەندى.
RFA/Oyghan

30-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تونۇلغان يازغۇچى، ژۇرنالىست، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ قازاقىستاندىكى سابىق مۇخبىرى ئالىمجان باۋۇدۇنوف 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا قايغۇلۇق خەۋەر بولدى.

ئالىمجان باۋۇدۇنوف كۆپ يىللار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇخبىرى سۈپىتىدە، «ئابدۇللا» نامى بىلەن بۇ رايوندىكى ئەھۋاللارنى، جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىجابىي ئىنكاسلارنى قوزغىغانىدى. ھەتتا ئۇ ئىختىيارى مۇخبىرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن ئامېرىكاغا چاقىرتىلىپ مۇخبىرلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلەنگەنىدى. ئالىمجان باۋۇدۇنوف ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان يازغۇچى، كۆپلىگەن رومان ۋە ھېكايىلەرنىڭ ئاپتورى ئىدى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-80-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا يەتكەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان گېزىت-ژۇرناللار، نەشر قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، شۇ ۋاقىتتىكى تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى ھەرتەرەپلىمە يورۇتۇپ كەلگەنىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى، مەتبۇئاتىنى، ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەنە شۇ شائىر ۋە يازغۇچىلار مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلار قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىغا مەركەزلىشىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلدى ھەم ئەدەبىياتنىڭ ئەدەبىيات سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. شۇ دەۋردە ياشىغان زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، جامالىدىن بوساقوف، ئىلىيا بەختىيا، قۇربان توختەموف، دولقۇن ياسىن ئوخشاش قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرى كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن، كۆپچىلىككە تونۇلغان ئەدىبلىرىگە ئايلاندى.

ئالىمجان باۋۇدۇنوف ئەنە شۇ پېشقەدەملەردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ژانىرىدا، يەنى رومانچىلىقتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان يازغۇچى ئىدى.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، شاىرە پاتىگۈل مەخسەتوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، پروزا ژانىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىباھا باھا، ھەسسە قوشقان كۆرۈنەرلىك يازغۇچى ئالىمجان باۋۇدۇنوف مەڭگۈلۈك سەپەرگە ئاتلاندى. ئالىمجان باۋۇدۇنوف 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا 70-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دادىل كىرگەن ئىجادكار ئىدى. ئۇ دەسلەپكى ھېكايىلىرى بىلەنلا كىتابخان قەلبىگە يول تاپقان. كېيىنكى دەۋردە ئالىمجان باۋۇدۇنوف رومان ژانرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئۈلۈش قوشتى. ئەدەبىياتىمىزغا قوشقان يەنە بىر چوڭ تۆھپىسى ‹قەشقەردە مەشئەل› درامىسىنى، سەھنىدە قويۇلغانىدى. ئەپسۇس، ئالىمجان باۋۇدۇنوف قەلىمى تاۋلىنىپ، تالاي ئەسەرلەرنى يازىدىغان ۋاقىتتا ئۆمۈردىن ئۆتتى».

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف ئەپەندى ئالىمجان باۋۇدۇنوف بىلەن ئالىي ئوقۇشقا كىرگەن يىللىرى تونۇشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالىمجان ئاكا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇ ‹يېڭى ھايات› گېزىتىگە مۇخبىر قىلىپ تەكلىپ قىلىنىپ، ناھىيەلىك گېزىتتىن شەھەرگە يۆتكەلگەن».

ئاۋۇت مەسىموف يەنە ئالىمجان باۋۇدۇنوفنىڭ ژۇرنالىستىكا ساھەسىگە چىن بېرىلىشتىن تاشقىرى يەنە رادىيو ژۇرنالىستىكىسىنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىمجان باۋۇدۇنوف «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىنمۇ قول ئۈزمىگەنىكەن. ئۇ يۈزلىگەن ماقالە ۋە ئوچېركلارنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مىللەتپەرۋەر يازغۇچى، ئاقكۆڭۈل ئىنسان بولۇپ قالغانىكەن.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف مەرھۇمنىڭ سابىق سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ناھايىتى جۇشقۇن، راۋاجلانغان پەيتتە قولىغا قەدەم ئالغان ئەدىب. دەسلەپكى ھېكايىلىرى بىلەن كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى داڭقى پوۋېستلاردا بولۇپ، دەررۇ شۆھرەت قازانغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى كۆپرەك ئۇرۇش ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلاتتى. يا بولمىسا مىللىي-ئازادلىق كۈرەش بويىچە ئەسەر يېزىلىۋاتقان، چوڭ رومانچىلىق راۋاجلىنىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئالىمجان ئاكىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىردىنلا ئېتىراپ قىلغان».

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، يازغۇچى ئەسەرلىرىدە شۇ ۋاقىتتىكى جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئەخلاقىي مەسىلىلەر، يارقىن خاراكتېرلەر ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ كىتابخاننىڭ دىققىتىنى بىردىنلا ئۆزىگە جەلپ قىلالىغان. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومانچىلىق ئىجادىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغانكەن. يازغۇچى يەنە ئۆزىنىڭ «قەشقەردىكى مەشئەل» درامىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر دراماتۇرگىيەسىنىڭ ماۋزۇ جەھەتتىن بېيىشىغا تۆھپە قوشقان بولسا، ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى ماقالىلىرى بىلەن پۇبلىستىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن ئىگىلىگەن ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئالىمجان باۋۇدۇنوف 1948-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىلپەڭزە ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەنىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستاننىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ 1980-يىلى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، چېلەك ناھىيەلىك «ئەمگەك تۇغى» گېزىتىدە ھەر خىل لاۋازىملاردا ئەمگەك قىلغان. 1973-يىلى ئالىمجان باۋۇدۇنوف «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇخبىر، بۆلۈم باشلىقى، شۇ گېزىت يېنىدىكى ئەرەب ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە جاۋابكار كاتىپ بولۇپ، كېيىنىەك «بىزنىڭ زامان» گېزىتىدە خادىم بولۇپ ئىشلىگەن.

ئالىمجان باۋۇدۇنوف ئونلىغان ھېكايە ۋە پوۋېستلارنىڭ، شۇنىڭدەك «مەھبۇس»، «جادۇ»، «ئۆتنە ئالەم»، «بىرى كەم دۇنيا» رومانلىرىنىڭ، «قەشقەردە مەشئەل» درامىسىنىڭ، ھەر خىل مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ماقالىلەرنىڭ، ئوچېركلارنىڭ ئاپتورى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.