ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، سىياسىيون ۋە ئىلىم ئادىمى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022-03-01
Share
ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، سىياسىيون ۋە ئىلىم ئادىمى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئالەمدىن ئۆتتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پېشقەدەم سىياسەتچى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى
Social Media

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پېشقەدەم سىياسەتچى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە ئالەمدىن ئۆتتى.

بۇ مۇنسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر باياناتلاردا: «ھۆرمەتلىك سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولدى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن، ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبر تىلەيمىز!» دېيىلگەن.

ئۇدا 12 يىل تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئىككى قېتىم مىنىسترلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ كەلگەن ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قاتناشقان يىغىنلاردا، ئۆزى قۇرغان مىللىي چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ 2000-يىلى دۆلەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىنغا «دۆلەت مېدالى» بېرىشنى قارار قىلغاندا، بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مەرھۇم سادى سومۇنجۇئوغلۇنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدى بىلەن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاندىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلدى. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇراسىمىغا پارلامېنت رەئىسى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى، كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاۋام خەلقتىن بولۇپ مىڭلىغان كىشىلەر قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

بىز مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان ئەركىن ئەكرەم، دىلشات بارىشچى ئەپەندى ۋە ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، مەرھۇم سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى بىلەن 1992-يىلى تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ۋاپاتىغا قەدەر ئۇيغۇرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن نۇرغۇن ياردەم قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دىلشات بارىشچى ئەپەندى ئۆزىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى بىلەن 1994-يىلىدىن تارتىپ تونۇشقانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارغا كۆپ ياردەم قىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ماتەم خېتى ئەۋەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 2000-يىلى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جياڭ زېمىنغا «دۆلەت مېدالى» بېرىشنى قارار قىلغاندا، دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى قارارنامىغا قول قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئەنۋەر جان ئەپەندى يەنە شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە كېلىپ، سادى سومۇنجۇئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.

سادى سومۇنجۇئوغلۇ 1940-يىلى تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىجارەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1977-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن 2002-يىلىغىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا جەمىي 12 يىل پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە دۆلەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت