قەشقەر 2-دوختۇرخانىسى دوختۇر سايىتھاجى قاسىمنىڭ «ئۆگىنىشتە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

قەشقەر 2-خەلق دوختۇرخانىسى سۈيدۈك يولى ۋە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سايىتھاجى قاسىمنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلاردىن كېيىن بىز مەزكۇر دوختۇرخانىغا داۋاملىق تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مۇدىر ۋراچ سايىتھاجىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىنىمىزدە تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكىدە سايىتھاجى قاسىمنىڭ ئىسمىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن بىز سايىتھاجى قاسىم ئىشلىگەن سۈيدۈك يولى ۋە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە يەنە قايتا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۇق.

سۈيدۈك يولى ۋە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىن تېلىفونىمىزنى ئالغان خىتاي ئايال مەزكۇر بۆلۈمدە سايىت ھاجى قاسىم ئىسىملىك دوختۇرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سوئال: ياخشىمۇسىز؟ مەن سايىتھاجى دوختۇرنى ئىزدەيتتىم.

جاۋاب: بۇنداق بىر دوختۇر يوق.

سوئال: ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ بۆلۈمدە ئىشلەيتتىغۇ؟

جاۋاب: ھازىر بۇنداق بىر دوختۇر يوق.

سوئال: ئۇ ھازىر نەگە كەتتى؟

جاۋاب: بۇنداق بىر دوختۇر يوق، مەن سىزنىڭ قايسى دوختۇرنى دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم.

سوئال: سايىتھاجى قاسىمنى دەۋاتىمەن، ئۇ سۈيدۈك يولى ۋە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدىغۇ؟

جاۋاب: بۇنداق بىرى يوق.

مەزكۇر بۆلۈمنىڭ باشقا تېلېفون نومۇرلىرىغا داۋاملىق تېلېفون قىلىپ سايىتھاجى دوختۇرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۇق.

دەسلەپ تېلېفوننى ئالغان ئايال خادىم دوختۇر سايىتھاجىنىڭ ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن دوختۇر سايىتھاجىنىڭ قول تېلېفونىنى سورىغىنىمىزدا بۇ خادىم دوختۇر سايىتھاجىنىڭ شەخسىي تېلېفون نومۇرىنى خالىغانچە باشقىلارغا دەپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

مەزكۇر بۆلۈمگە قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفوننى ئالغان يەنە بىر ئايال خادىم سايىتھاجى دوختۇرنىڭ رەسمىي ئىشقا چۈشمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «تەربىيە» ئېلىۋاتقىنى، «ئۆگىنىشتە» بولغىنى ئۈچۈن ھازىرچە ئىشقا كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خادىم يەنە سايىتھاجى دوختۇرنىڭ قاچان رەسمىي ئىشقا چۈشىدىغانلىقىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكرارلىدى. ئۇ يەنە ئۆزى دوختۇرخانا باشلىقى بولمىغىنى ئۈچۈن سايىتھاجىغا ئالاقىدار بۇ خىل كونكرېت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ دوختۇر سايىتھاجىغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت مەسىلىلەرنى قەشقەرنىڭ ئۆزىگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

دوختۇر سايىتھاجىنىڭ ئاتالمىش «ئۆگىنىش» تىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار ۋە دوختۇرخانىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىگە داۋاملىق تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

دوختۇر سايىتھاجى قاسىمنىڭ 2017-يىلى 9-ئايدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغان سايىتھاجىنىڭ چەتئەلدىكى تونۇشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سايىتھاجىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 1996-يىلىدىن بۇيان قەشقەر 2-دوختۇرخانىسىدا ئىشلەپ ئۆزىنىڭ كەسپىي ماھارىتى ۋە خىزمەت ئاكتىپچانلىقى بىلەن زور تۆھپە ياراتقان سايىتھاجىدەك بىر مۇتەخەسسىس تۇتقۇن قىلىنغاندا دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.