20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ساجىدە رەھىمجاننىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان.
1963-يىلى 13-مارت غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ساجىدە رەھىمجاننىڭ 40 يىللىق ھاياتى مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ ئاخىرقى 20 يىلدا غۇلجا شەھەرلىك 16-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھەمدە غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچى بايلىرىدىن نۇرتاي ھاجىم قۇرغان يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2018-يىلى ياز ئايلىرىدا تۇيۇقسىز غايىب بولغان.
ھازىر گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ياشاۋاتقان ساجىدە رەھىمجاننىڭ ئوغلى ئاتابېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئايدا بولغان. شۇندىن كېيىن ئاپىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
روتتېردام شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاتابېكنىڭ ساياھەت ۋە تاكسى شىركىتى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، 2019-يىلى يازدا ئۆزىنىڭ ساياھەت شىركىتىگە خېرىدار بولغان بىر خىتاي كىشىگە پۇل بېرىپ، ئۇنى غۇلجىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. بىراق بۇ خىتاي ساجىدە رەھىمجاننىڭ 2018-يىلى يازدا تۇتۇپ كېتىلىپ، شۇ يىلى 12-ئايلاردا 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن باشقا بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. ساجىدە رەھىمجاننىڭ قايسى تۈرمىگە سولانغانلىقى، نېمە ئۈچۈن 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
ئاتابېك كېيىنچە نۇرتاي ھاجىم مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ 15 يىلدىن 25 يىلغىچە بولغان ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى توردىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرگەن. بىراق سەۋەبىنى بىلمىگەن. رادىيومىز مۇخبىرلىرى بولسا «نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر مەكتىپى» نىڭ 2018-يىلى ئەتىيازدا تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى، نۇرتاي ھاجىم باشلىق بىر بۆلۈك داڭلىق تىجارەتچىلەرنىڭ شۇ يىلى يازغىچە بولغان ئارىلىقتا قولغا ئېلىنىپ بولغانلىقىنى ئېنىقلىغانىدى.
ئاتابېكنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاپىسى ساجىدە رەھىمجان 2015-يىلى 11-ئايدا 3 ئايلىق ساياھەت بىلەن ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا يولۇقۇشىغا مۇشۇ چەت´ئەل ساياھىتى ئاساسلىق سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ تۇنجى يوقىتىش نىشانىغا ئالغان كىشىلەرنىڭ بېشىدا مائارىپ، مەدەنىيەت، سەن´ئەت، تىجارەت، دىن ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەر بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. 40 يىللىق ھاياتىنى پەرزەنت تەربىيەلەش ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن ساجىدە رەھىمجانمۇ شۇ مىليونلىغان قۇربانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن.