مۇخبىر: پرېزىدېنت دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغاننىڭ ئەتىسى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرگە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا تېزدىن بىر نىشانلىق جازانى يولغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇلارنىڭ مەسىلىدىكى مەۋقەسىگە سىز قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە بۇ خىل جازالار پات يېقىندا ئىشقا ئاشامدۇ؟
سام بروۋنبەك: ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇشۇنداق بىر باياناتنى ئېلان قىلىشىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم. مەن بۇ مەسىلىلەر ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىكى تەشۋىشلىرى ھەققىدە بۇرۇندىن تارتىپ سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن. ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلىگە قارىتا كونكرېت بولغان بىرنەچچە قەدەمنى ئالدى. ئەمدىكى ئەڭ زور ئۈمىدىم، خىتاي ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىغا خاتىمە بەرسە ھەمدە چوڭ دۆلەتكە چۇشلۇق ئىش قىلسا، شۇنىڭدەك ئۆزلىرى پايخان قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدەك تۈپ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلسىكەن، دەيمەن. ئەپسۇسكى، خىتاي ھەرقاچان بىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىك بويىچە كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تىزىملىكىمىزدىكى ئالاھىدە تەشۋىشلىك دۆلەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىشتا ئۇچىغا چىققانلاردىن تەركىب تاپقان. يەنە كېلىپ ئۇلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىشىغا يار-يۆلەك بولۇۋاتقانلاردۇر. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سۆز قىلمىغانىكەن، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن سۆز قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ئۇلار ھازىر مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، تىبەت بۇددىستلىرىغا، خىرىستيانلارغا ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئومۇمەن قىلىپ ئالغاندا، خىتايدىكى ھەرقانداق دىنىي ئېتىقاد جامائىتى بىردەك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ.
مۇخبىر: شۇنداق، ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە لاگېر سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىن كەلگۈسىدە بىرەر جازالاش تەدبىرىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن، دەپ قارامسىز؟
سام بروۋنبەك: بىز بۇ خىل جازالارغا ئالدىن بىرنەرسە دېيەلمەيمىز. تېگىشلىك قەدەملەر ئېلىنىپ خەلقىئالەمگە جاكارلاندى. ئەمما بىز بۇ ئىشلار ھەققىدە ياكى كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىنئالا بىرنەرسە دېمەيمىز.
مۇخبىر: بولىدۇ، ئەمدى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا كەلسەك، بۇ لايىھە رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن سىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ كەسكىنرەك سۆز قىلىشىڭىزغا دەستەك بولالامدۇ؟
سام بروۋنبەك: ئالدى بىلەن شۇنى ئويلايمەنكى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتى ئاشۇ جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا مەركەزلىشىشى لازىم. ھازىر ئۇلار دەل مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلارغا زېھىن قويۇشىغا دەستەك دېگەن يېتىپ ئاشقىچە پەيدا بولدى. بۇ يېڭى قانۇن ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن بەزى دوكلاتلارنى تەييارلاشنى ھەمدە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە بەزى مەلۇماتلارنى يوللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىشلار پات يېقىندا ئىشقا ئاشىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك نەرسە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ئىشلارنى قانچىلىك ئېنىقلىقتا ۋە كۈچلۈك سەۋىيىدە چۈشىنىش مەسىلىسىدۇر. ئاۋام پالاتاسىدا بىر قارشى ئاۋاز تاشلاندى. كېڭەش پالاتاسىدا بولسا بىردەك ئاۋازدا ماقۇللاندى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىڭ ھەر ئىككى پارتىيە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تېما ئىكەنلىكى ناھايىتى ئاشكارا نامايان بولدى.
مۇخبىر: شۇنداق، دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق لاگېرلارنى تاقاپ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتقۇنلارنى لاگېرلاردىن ئازاد قىلغىنى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشىغا ئىنتايىن قاتتىق رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇردى. ھەتتا بىر قىسىم خىتاي پائالىيەتچىلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھادىسىگە قايتۇرغان قاتتىق ئىنكاسىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئۇسلۇبىدىكى ئامېرىكانى ئەيىبلەش ھەرىكىتى بولدى، دەۋاتىدۇ. ئەمدى مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، سىزنىڭچە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇرلاشتا بىرەر پايدىلىق رول ئوينامدۇ؟
سام بروۋنبەك: شۇنداق، ئۈمىدىم بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقىشىدا ئىجابىي قەدەم ئېلىشىغا بېسىم بولسىكەن، دەيمەن. ئەمما لاگېرلارنى تاقاشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇلار ھازىر ساقچى دۆلىتى ۋە قاتتىق نازارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى. يەنە كېلىپ شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنى كامېرا، تەقلىدىي ئەقىل ۋە چىراي تونۇش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە نازارەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنمىغان جايلارنىمۇ ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولدى. بۇلار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ. مەن بۇنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئېيتقان. مەن بۇلارنى ھەقىقەتەن زۇلۇمنىڭ كېلەچەكى، دەپ قارايمەن. ھازىر بۇ جايدا ئاشۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەق سىستېما مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. بۇ سىستېمىدىكى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشقا قادىر بولالمايۋاتىدۇ. مانا بۇ دەل خىتايلار شىنجاڭدا بەرپا قىلىپ چىققان سىستېمىدۇر. شۇنداقلا بۇ دەل خىتاي كومپارتىيەسى ئاشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىدۇر. شۇڭا لاگېرلار تاقالغان ھالەتتىمۇ ساقچى دۆلىتى يەنىلا ئۆز جايىدا قېلىۋېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇلار ھازىرقى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار بولۇپ، دۇنيا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنى چەكلىمىسە ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالمىسا، ئۇ ھالدا كەلگۈسىدە بۇ ھال خىتاي ۋە باشقا دىكتاتور دۆلەتلىرىدە ئومۇملىشىدۇ.
مۇخبىر: باش ئەلچى بروۋنبەكتىن سورايدىغان ئاخىرقى سوئالىم: پرېزىدېنت دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا 17-ئىيۇن كۈنى، يەنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى ھاۋايدا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كۈنى ئىمزا قويدى. بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى بەزىلەر ئېيتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارىتا ئۇلارغا كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىش ئۈچۈن پرېزىدېنت ترامپ ئاشۇ كۈننى ئالايىتەن تاللاپ ئىمزا قويغانمۇ؟
سام بروۋنبەك: مەن سىزگە بۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ياكى ئۇ ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيمەن. ئەمما شۇنى دېيەلەيمەنكى، بۇ پرېزىدېنت خىتايغا، ئۇ داۋام قىلىۋاتقان ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىش قىلمىشىغا ھەمدە ئىقتىسادىي سىستېمىنى دەپسەندە قىلىشقا، بىخەتەرلىك سىستېمىسىدا ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە يېقىنقى مەزگىللەرگىچە بولغان ھەرقانداق پرېزىدېنتتىن زور بىر قەدەم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھۆكۈمىتىمىز خىتاي كومپارتىيەسى ئاشكارا جەمئىيەت بەرپا قىلغۇچە، خىتايدا خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، باشقىلارنى بوزەك قىلىش تاكتىكىسىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا يۆلەك بولۇشنى تاشلىغۇچە، ئۆزىنىڭ ھازىرقى مەۋقەسىدە ۋە پوزىتسىيەسىدە مەھكەم تۇرىدۇ. بىز ھازىر دەل مۇشۇنىڭغا كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. ھۆكۈمىتىمىزمۇ مۇشۇ ئىشنى داۋام قىلىدۇ ھەمدە بۇنى داۋاملىق بىرلەشمە چۇقانغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا خەلقىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. ھۆكۈمىتىمىز ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن روبىرو بولۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇ تېمىلاردا ئۆزگىرىش ياسىغۇچە (ئۇلارنى يېقىن كەلگۈسىدە شۇنداق قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن)، بىز مۇشۇ تېمىلار بويىچە داۋاملىق ئۇلار بىلەن مۇئامىلىدە بولىمىز.
0:00 / 0:00