سام بروۋنبەك: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇشى كېرەك›»

ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ: «ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا يوق قويۇشى كېرەك،» دېدى.

ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ۋە لاگېرغا قامالمىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭمۇ لاگېردىن زور پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىمقى ب د ت ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا ھېچ بىر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاۋازىنى چىقىرىشقا تەۋسىيە قىلىپ: «تارىخ ئۇلارنىڭ سۈكۈتىگە مۇكاپات بەرمەيدۇ. سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئۆزى مەلۇم بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە قوشۇلۇش ۋە يول قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ،» دېدى. ئۇ يەنە «ئەگەر مەلۇم بىر خاتا ئىش مەلۇم بىر توپ كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەندە سىز سۈكۈتتە تۇرۇۋالسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ سىزنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ. سىز ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈستىدە چوقۇم ئېغىز ئېچىشىڭىز كېرەك،» دېدى.