سام بروۋنبەك: خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇشى كېرەك» (2)

0:00 / 0:00

ئالىم: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا بىر قانچە پەۋقۇلئاددە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ خىتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

بروۋنبەك: ئامېرىكىنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى يورۇتۇشقا تىرىشىش. بۇ بىر ۋەھىمىلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى. بۇ يەردە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان بولسا، لاگېر سىرتىدىكىلەرمۇ بىخەتەرلىك كامېرالىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بىلەن قاپلانغان مەۋھۇم تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدا ياشىماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا مانا مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇۋاتىمىز. بۇ بىر دىنىي زىيانكەشلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. شۇڭا بىز دۇنياغا خىتاينىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئىنكاسى بولسا، بىر مىليون ئادەمنى سولاپ قويۇشنى پەقەت بىر خىل «تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت» دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بولدى. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئىنكاسى ناچار ياكى ناتوغرا ھەمدە ۋەزىيەتكە ئادالەتسىزلىك قىلىش شەكلىدە بولۇپ كەلدى. ئۇلار بۇ ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنى ئەركىن ياشىغىنى قويۇشى كېرەك.

ئالىم: سىز مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ بولغان تۈركىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىياغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە داۋاملىق سۈكۈتنى تاللىشىغا قانداق قارايسىز؟

بروۋنبەك: مەن ئۇلارنىڭ سۈكۈتىدىن ئەپسۇسلاندىم. بىر قىسىم غەرب ئەللىرى بۇ مەسىلىنى ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. غەرب ئەللىرىدىكى ژۇرنالىستلارمۇ بۇ ۋەزىيەتنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ خەۋەر قىلدى. مېنىڭ ئۈمىدىم، مۇشۇ مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاشقا باشلىشى ۋە سادا چىقىرىپ دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇرلىشىدۇر. خىتاي ئۇيغۇرلارغىلا زۇلۇم سېلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلارغىمۇ زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بىر مۇنچە خرىستىئان چېركاۋلىرىنى تاقىۋەتتى. ئۇلار فالۇنگوچىلارغا يىللاردىن بېرى زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى. تىبەت بۇددىزمى نەچچە ئون يىللار مابەينىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا چەيلەندى. بۇلاردا قىلچە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. شۇڭا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى بارلىق ئىمانلىق ئىنسانلارغا قارشى دىنغا ئېلان قىلغان ئۇرۇشىدۇر.

ئالىم: سىزنىڭ داۋاملىق سۈكۈتنى تاللىغان مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ دۆلەتلەرگە دەيدىغان نېمە سۆزىڭىز بار؟

بروۋنبەك: ئۇلار زۇۋان سۈرۈشى كېرەك. تارىخ ئۇلارنىڭ سۈكۈتىنى مۇكاپاتلىمايدۇ. سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئۆزى مەلۇم بىر نەرسىنىڭ يۈز بېرىشىگە قوشۇلۇش ۋە يول قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ لاگېرلاردا شۇنچىلىك كۆپ ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، سىز بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى بولۇشقا تېگىشلىك مۇنازىرىگە ئارىلاشمىدىڭىز، دېگەنلىكتۇر.

ئالىم: ئامېرىكىنىڭ ھىندونېزىيە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ھەپتە ئۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى مۇسۇلمان تەشكىلاتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى خىتايدا قاتتىق ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى كۆتۈرۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلدى. سىزنىڭچە بۇ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلمۇ، سىزنىڭچە مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ باشقا ئەللەردىكى ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرى شۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە باغلىشى كېرەكمۇ؟

بروۋنبەك: مېنىڭچە بىز چوقۇم بۇ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە ئىنسانلار جاسارىتىنى يوقاتماسلىقى لازىم. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پەقەت خىتاينىڭ پۇلىدىن قۇرۇق قالىمىز دەپ قورقۇشىدۇ. خۇددى خىتاي ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالايدىغاندەك، ياكى بەزى سودا كېلىشىملىرىنى توختىتىدىغاندەك. ئەمما باشقىلارنىڭ قەدىر قىممىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئېتىقادىنى ئەركىن بەجا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تىك تۇرۇشقا جاسارەت قىلىشىڭىز يەنە نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىلھام بېغىشلايدۇ. بولۇپمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەر ئۈچۈن مەيدانغا چىقىپ، نىدا قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

ئالىم: سىزنىڭچە ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشى كېرەكمۇ؟

بروۋنبەك: مېنىڭچە باش ئەلچىمىز زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەمما مېنىڭچە ئۇ ھېچ قانداق ئاۋارىچىلىك ۋە توسالغۇغا ئۇچرىمىغان ھالدا ئۇ يەرگە بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭ بارلىق يەرلەرنى خالىغانچە كۆرۈشىگە يول قويۇلۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ يەرلەر خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىنى كۆرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك. ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇ زىيارىتىدە بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى بولسا ئىنسانلار ئۆزى خالىمايدىغان ئىدېئولوگىيەگە مەجبۇرلىنىدىغان، ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خالىغان شەكىلدە داۋاملاشتۇرالمايدىغان جازا لاگېرلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۇ يەرلەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ. بۇ، بىز ياشاۋاتقان 2019 ‏-يىلىدىكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ۋەزىيەت. خىتايغا ئوخشاش بىر دۇنياۋى كۈچنىڭ بۇ دەۋردە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم خەلقىگە بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. بۇ خاتا. بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.

ئالىم: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە داۋاملىق ھالدا جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى بۇ لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشى ۋە زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى ب د ت خىتايغا تېخىمۇ كۆپ جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش مۇمكىنمۇ؟

بروۋنبەك: مېنىڭچە، بۇنىڭ مۇمكىنلىكى ئېنىق. كۆرگىنىڭىزدەك، بىز خىتاينىڭ زامانىۋى ساقچى دۆلىتى ھەرىكىتىدە رول ئوينىغان بىر قانچە خىتاي مۇئەسسەسىنى قارا تىزىملىككە ئالدۇق. بۇ مۇئەسسەسىلەرگە جازا قويدۇق. بۇ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويدۇق. شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو بۇ سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر «بۇلارغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا بىزنىڭ بۇ قىلمىشلارغا قوشۇلمايدىغان مەيدانىمىزنى ئېنىق بىلدۈردۇق» دېيىشمەكتە.

ئۇنىڭدىن سىرت، بىز بۇ قاتتىق قول، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «غوجا ئاكا» ساقچى دۆلىتى سىستېمىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىشىنى خالىمايمىز. بىز بۇنداق بولۇشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.

ئۇلارنىڭ بۇ ساقچى دۆلىتى تېخنىكىلىرىنىڭ يامان غەرەزدە ئىشلىتىشى مۇمكىن بولغان ئىستىبدات دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەزى مۇئەسسەسىلەرنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.