خىتايغا سادىق، ئۇيغۇرغا قاتتىققول ساقچى باشلىقى قادىر مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2019.08.29
يېقىندا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى خىتايغا نىسبەتەن ساداقەتمەنلىكتە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا قاتتىققوللۇقتا داڭ چىقارغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى خادىملىرىغا قارىتا ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قادىر مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان مەكتۇپىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە چاپارمەنلىكتە دەرىجە ھالقىغان ساقچى باشلىقى قادىر مەمەتنىڭمۇ چەتتە قالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي خەۋەر ئارخىپلىرىدا قادىر مەمەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازارەت دەرىجىلىك تەپتىشى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تېلېفونىمىزنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان كۆپىنچە ساقچى خادىملىرى قادىر مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسىسى ئۇنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ياكى دەم ئېلىشتا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. خادىملاردىن بىرى ئۆزىنىڭ دېلو بېجىرمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە ئالاقىدار بۆلۈملەردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى يوللىغان ئىنكاستا قادىر مەمەتنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىدىن ئامان-ئېسەن چىققانلىقى، ئەمما «قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» دولقۇنىدا جىنايەتچىلەرگە «كۈنلۈك» بولۇش گۇمانى بىلەن تۇمشۇقىدىن ئىلىنغانلىقى يېزىلغان. ئىلگىرى بەزى شاھىتلار خىتايدا مەملىكەت بويىچە داۋام قىلغان «قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خاراكتېرىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
شۇڭا بىز قادىر مەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە سوئاللىرىمىزغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بەرگەن بىر خىتاي خادىم قادىر مەمەتنىڭ ئىسمىنى ئاتىشىمىز بىلەنلا جىددىيلەشتى ۋە قادىر مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى تەكرار-تەكرار بايان قىلدى.
بۇ ئەترەتتىكى بىر خادىم سوئالىمىزغا تەنە تەلەپپۇزىدا جاۋاب قايتۇرغان بولسا، يەنە بىر خادىم قادىر مەمەت ھەققىدە سوئال سورىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاچچىقلاندى. تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى قادىر مەمەت دېلوسىدىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.
خىتاي خەۋەر ئارخىپلىرىنى ئەتراپلىق ئاختۇرغىنىمىزدا ئۇنىڭ خىزمەت جەريانى تىلغا ئېلىنغان ئىككى پارچىلا خەۋەر كۆزىمىزگە چېلىقتى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە تارقالغان بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ بىرى 2014 -يىلى 6 -ئايدا، يەنە بىرى 2017 -يىلى 4 -ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھەر ئىككى خەۋەردە قادىر مەمەتنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىشتە قەسەم ئىچكەنلىكى ۋە ساقچىلارنى قەسەم بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەرلەردىن بىرىدە دېيىلىشىچە، قادىر مەمەت قول ئاستىدىكى ساقچى خادىملىرىنى «ئۈچ خىل كۈچلەرنى تېزدىن جەھەننەمگە يولغا سېلىش» قا چاقىرىق قىلغان. راىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا قادىر مەمەتنىڭ بۇ چاقىرىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز خوجايىنلىرى تەرىپىدىن جەھەننەمگە-خىتاي قاماقخانىسىغا تاشلانغانلىقى يېزىلغان. خادىملاردىن بىرى قادىر مەمەتنىڭ قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى ساقچىخانىلارنىڭ بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بىر ساقچىخانا خادىمى قادىر مەمەتنىڭ قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى، ئەمما ئۇنىڭ قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم رايونلۇق ساقچى خادىمى قادىر مەمەت دېلوسىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇ يەنە قادىر مەتمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى بارلىقى، ئەمما مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ھازىرجاۋابلىق بىلەن «بىر ئايدىن ئاشتى» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما قادىر مەمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر خادىمى «قادىر مەمەت قويۇپ بېرىلدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «ياق» دەپ جاۋاب بەردى. قادىر مەمەتنىڭ جىنايىتىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە خەۋىرى يوقلۇقى، بۇ توغرىدا ئالاقىدار رەھبەرلەردىن سوئال سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.