خىتايغا بولغان ساداقەتمەنلىكتە داڭقى چىقارغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىك خەۋىرى ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە خىزمەت قىلغان، كېيىن ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بەرگەن ۋە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر سابىق ساقچى خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا ساداقەتمەنلىكتە قادىر مەمەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشنىڭ مۈمكىنسىزلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇلار «ئەگەر بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇتۇلمىغان بىر ئۇيغۇر بار دېيىلسە، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت ۋە نۆۋەت مەسىلىسى ئىكەنلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلۇشى ھەققىدە رادىيومىزغا ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، «قادىر مەمەت 2000 -يىللاردىن بايۇن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ قاتتىق زەربە دولقۇنلىرىدا بۇيرۇقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداش بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ۋە پەپىلىشىگە ئېرىشكەن ئىكەن».
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كونا ئۈرۈمچىلىكلەردىن ھەسەن ئەپەندى قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنىڭ ئىستانبۇلدىن خوتەنگە قەدەر تېز سۈرئەتتە تارقالغانلىقى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ ئۇنى بىلىدىغانلارنى مەمنۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قادىر مەمەت بىلەن ئەينى چاغدا بىر سەپتە خىزمەت قىلغان سابىق ساقچى خادىمى، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، قادىر مەمەت ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېرى ۋە ھايات تەجرىبىلىرى بىلەن بەلگىلىك خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى ئىكەن، ئەمما ئۇ بۇ ئىقتىدارىنى مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىكەن. ھەسەن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، «قادىر مەمەت كىچىك ئىشلاردا خىتاي تەرەپكە گېپىنى ئۆتكۈزگەندەك قىلغان بىلەن چوڭراق ئىشلارغا كەلگەندە باشقا قورچاق ئەمەلدارلارغا ئوخشاشلا كارغا كەلمىگەن. شۇڭا ئۇ قېيىن ھەدىسىنىڭ 17 ياشلىق پەرزەنتى نۇرۇلئىسلامنى خەتەردىن قۇتقۇزالمىغان. ئەينى چاغدا رادىيومىزدا خەۋىرى بېرىلگەن نۇرۇلئىسلام 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاماقخانىدا قىيىن-قىستاقتىن جان ئۈزگەن ئىدى. شۇ چاغدا ج. خ. ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەت نۇرۇلئىسلامنى قاماقتىن قۇتقۇزۇش ئەمەس، قاماقخانا ئىچىدىكى قىيىن-قىستاقتىنمۇ قوغداپ قالالمىغان.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا قادىر مەمەتنىڭ «قارا جەمئىيەتلەرگە كۈنلۈك بولۇش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىق پەرىزى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەينى چاغدا قادىر مەمەت بىلەن ھەم خىزمەتداش ھەم دوست بولۇپ ئۆتكەن ۋە كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن، نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سابىق ساقچى ئەخمەت روزى ئەپەندى پەرەز قىلىنغاندەك قادىر مەمەتنىڭ دىن ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى كىشىلەرگە زەربە بېرىشتە ئاكتىپ بولغانلىقى ۋە ئۆزىگە سىياسىي جەھەتتىن بىخەتەر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئوغرى-قاراقچى ۋە خۇشامەتچى كىشىلەرنى ئەتراپىغا يىغقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە ساختا يۈز تاپقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، قارا جەمئىيەت بىلەن شېرىكلىشىش خىتايدىكى ئەمەلدارلار ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس بولۇپ، قادىر مەمەت ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ھوقۇق جېدىلىدە يېڭىلگەن تەرەپتە تۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.» يولۋاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سۆيۈلگەن ۋە ھۆرمەت تاپقان زىيالىيلار، تىجارەتچىلەر، مىللىي مەيدانىنى يوقاتمىغان ئەمەلدارلارنى جازالاپ كەلگەن. بۇ يىل بولسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەسەبىيلەرچە كەتمەن چاپقان ئەمەلدارلارنىمۇ تۇتۇشقا باشلىغان. ئەخمەت روزىمۇ بۇ نۇقتىدا ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «خىتاي ئۆزىگە ساداقەتمەنلەرنى جازالاشتا ئىشنى ئەڭ چوققىسىدىن، يەنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە باشلىغان. شۇڭا ئاۋۋال نۇر بەكرى، ئاندىن قادىر مەمەت تۇتۇلغان.»
قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش ھادىسىدىن خۇلاسە چىقارغان يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، «ئەگەر بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك بىر ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە تۇرۇقلۇق تۇتۇلمىغان بىر ئۇيغۇر بار بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خىتايغا سادىقلىقى ياكى ئۆزىنى قوغداشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخى نۆۋەت تەگمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىكەن.»
0:00 / 0:00