ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.09.18
saqchi-bashliqi-juret-ibrahim.jpg ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ 2014-يىلى خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان كۆرۈنۈشى.
xinjiangnet.com.cn

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، قادىر مەممەتتىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال مەزكۇر ئىدارىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ دېلوسىنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىممۇ بۇنىڭدىن 3 ئايچە ئىلگىرى تۇتۇلغان. خىتاي خەۋەر ئارخىپلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، جۈرئەت ئىبراھىم 2014 ‏-يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىرادىسى پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساقچى خادىملىرى، جۈرئەت ئىبراھىم ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

خىتاي تور ئارخىپلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 2014 ‏-يىلى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالانغان، جۈرئەت ئىبراھىم شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ساقچى خادىملىرى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ نەدىلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، جۈرئەت ئىبراھىم سابىق خىزمەتدىشى قادىر مەمەتتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۇتۇلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بۇ ئىككى مۇئاۋىن باشلىقنىڭ ج خ ساھەسىدە، بولۇپمۇ لاگېرلار مەسىلىسىدە بەك كۆپ نەرسە بىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئالاقىدار خادىملار جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىدىكى سوئالىمىزنىمۇ جاۋابسىز قالدۇردى.

ئىنكاستا جۈرئەت ئىبراھىم تۇتۇلغاندىن كېيىن، قادىر مەمەتنىڭ سوراققا تارتىلغانلىقى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ تۇتۇلۇش دېلوسىنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن؛ ئەمما ئىككىسىنىڭ قايسى نۇقتىدا چېتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ ج خ ساھەسىدىكى ئۇيغۇر خادىملار بىلەن ئولتۇرغان جەم بولغان بىر سورۇندا، نۆۋەتتە تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى بايان قىلغان؛ ئەمما جۈرئەتنىڭ ئومۇمى سان ھەققىدە ئېنىق نېمە دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. خادىملاردىن جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە ئالاقىدار رەھبەرلەردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، جۈرئەت ئىبراھىم بۇنىڭدىن 5 ئايچە ئىلگىرى دۇچ كەلگەن دەسلەپكى سوراقتا، تەربىيەلەشتىكىلەرنىڭ ئومۇمى سانىنى قەستەن ئاشكارىلىمىغانلىقى، پەقەت گەپكە توغرا كەلگەندە قول ئاستىدىكى خادىملارنى جاسارەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىلغا ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىغان. ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، جۈرئەت ئاشكارىلىغان بۇ سان ج خ ساھەسىدىكى چەكلىك كىشىلەردىن باشقىلارغا تارقالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دەسلەپكى سوراقتا قۇتۇلۇپ قالغان؛ ئەمما 6 ‏-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قايتا سوراقتا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان ۋە ئۆزى مىڭلارچە كىشىنى سولىغان ۋە سولاشقا بۇيرۇغان قاماقخانىغا ئۆزىمۇ كويزىلانغان ھالەتتە ئاپىرىلغان. بىز ساقچى خادىملىرىدىن جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ تورغا ياكى خاتالىقىنى سورىدۇق. خادىملار بۇ ھەقتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خادىملاردىن بىرى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ دېلونى ئاپتونوم رايوندىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ تۇتۇلغانىقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا «بار» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە جاۋاب بەرمەسلىكىنىڭ «بىر جاسارەتسىزلىك، ياكى بىلمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى، خىزمەت تەرتىپى مەسىلىسى ئىكەنلىكى» نى بايان قىلىش ئارقىلىق جۈرئەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. يەنە بىر خادىم بولسا، جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ قايسى قاماقتا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا بۇ ھەقتە خخخخ ساقچىخانىسىدكىلەرنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ساقچىخانا خادىمى بولسا، جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ نېمە ئۈچۈن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە قايسى مەركەزگە ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھالدا نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشمىدى. ئاتالمىش تەربىيەلەشتىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ۋە ھەتتا بەزى ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھېچبىرىدە ئېغىزغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ نەچچە مىليون دېگەن ساننىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكى دېگەن، ئەمما ئېنىق ساننى ئېغىزغا ئالالمىغان. شۇڭا ئىنكاسچى ئوتتۇرىغا قويغان جۈرئەت ئىبراھىمنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ سانىنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئۇچۇرى گەرچە ئەقىلگە ئۇيغۇندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر دەلىل تېپىلمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.