مۇھاجىرەتتىكى توققۇزاقلىق كىشىلەردىن بىرى، قەشقەر كونا شەھەر «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە خاتىرىلەنگەن ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك تۇتقۇننى تونۇيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خەيرىگۈل ئىسىملىك بىر بۈۋىم ئايال بىلەن بولغان يېقىنچىلىقى سەۋەبلىك 7 يىللىق قاماققا كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ بىر كەنت سېكرېتارى ئىكەنلىكى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر توققۇزاقلىق مۇھاجىر، قەشقەر كوناشەھەر «ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلار ئىچىدىن ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىمنى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە قەيت قىلىنىشىچە، ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىم 2018-يىلى 43 ياشتا بولۇپ، ئۇ بۇلاقسۇ يېزىسىدىكى 14-كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئىكەن. «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە، ھاۋاگۈلنىڭ شۇ يىلى سانائەت رايونى تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مەزكۇر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىم مەھەللىسىدىكى خەيرىگۈل ئىسىملىك بىر بۈۋىم ئايال بىلەن يېقىن ئۆتكەنلىكى، بولۇپمۇ مەھەللىدىكى «سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق كىشىلەر» نى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغاندا، خەيرىگۈلنى مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، 2018-يىلى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

بىز مەزكۇر «ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋە ئىنكاستىكى ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، توققۇزاقتىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇلاقسۇ يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، مەزكۇر يېزىنىڭ 14-كەنتىدە ئىلگىرى ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ھاۋاگۈلنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىدا جانلىق بىر كادىر ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن مەزكۇر ساقچى، ئۇنىڭ 2018-يىلى تۇتۇلۇپ، شۇ يىلى 7 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ ھاۋاگۈلنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋىرى يوقلۇقى، پەقەت ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە ئىنكاستا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋە ھاۋاگۈلنىڭ يېقىنى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەيرىگۈل ئىسىملىك بۈۋىمنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بىر تۈركۈم ئاياللارنىڭ بۈۋىم بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. تۇتقۇندىكى بۈۋىملەر ئارىسىدا خەيرىگۈل ئابلا ئىسىملىك 56 ياشلىق بىرەيلەنمۇ بار بولۇپ، بۇ ئۇچۇر، ھاۋاگۈلنىڭ ئىنكاستا دېيىلگەن تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ توغرىلىق ئېھتىماللىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. مەزكۇر «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە، ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ «913» نومۇرلۇق رەقەم بىلەن ئاتالغان سەۋەبلەر كاتېگورىيەسى بويىچە تۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئىلگىرىكى تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا، ئىسمايىل داۋۇت ئىسىملىك بىر تۇتقۇننىڭ «913» كاتېگورىيەسى بويىچە تۇتۇلغانلىقى ۋە بۇ كاتېگورىيەدىكىلەرنىڭ ئاساسەن تېلېفوندىن «چاتاق» چىققانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ جازالىنىش سەۋەبلىرى ئارىسىدا تېلېفوندىن چىققان «مەسىلە» نىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
يۇقىرىدا «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە كۆرۈلگەن تۇتقۇن ھاۋاگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ 7 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.