ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ئەۋجىگە چىقىپ «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغاندىن كېيىن بۇ ھالنى دەلىللەيدىغان كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 2022-يىلى مايدا قولغا چۈشۈرۈلگەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان ساقچى ئارخىپلىرى بولۇپ تېكەس ۋە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرگەن. يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» دوكتۇر ئادريان زېنز باشچىلىقىدا مەخسۇس ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ بۇ ئارخىپلاردىكى تۇتقۇنلارنى ئىزدەش قورالى ئارقىلىق ئىزدەشكە بولىدىغان شەكىلدە رەتلەپ چىقتى. ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بۇ ئىزدەش كۆزنىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قورقۇنچلۇق قاباھەتنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئاشكارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى ۋەھشىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان نەزەرىيەلەرنىڭ بىرى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش» ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار، بولۇپمۇ گېن ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلار ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ قامىلىشىغا سەۋەب بولغان «جىنايەت» لەر مىليونلارچە ئىنساننىڭ قانداق بولۇپ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە «ئۇيغۇر بولۇش» بىلەن قانچىلىك باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە ھالدا نامايان قىلىدۇ.

بۇ قېتىم قايتا رەتلەپ چىقىلغان ھۆججەتلەردىكى شەخسلەر ئىككى ناھىيەدىكى لاگېرلارغا قامالغان 830 مىڭ كىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئون نەچچە مىڭ پارچە ئارخىپ ھۆججىتى ۋە ئۈچ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ئىزدەش كۆزنىكى ئارقىلىق ئاشۇ ئىككى ناھىيەدىكى قەدىردانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بىلمەيۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن 22 كىشى تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا مەزكۇر ساقچى ئارخىپلىرىنى رەتلەپ چىققانلاردىن دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
«بۇ قېتىمقى شەخسلەرنى ئىزدەش كۆزنىكى ئارقىلىق ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›دىكى بەش مىليون پارچە ئۇچۇرنى ئىزدەشكە بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى بىز بۇ ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى ئۈچ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەتنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن بىز بۇ ئۈچ مىڭ كىشىنىڭ ئۇچۇرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق لازىملىقىنى ھېس قىلدۇق. چۈنكى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›دىكى نەچچە مىڭ پارچە ئۇچۇرلار شەخسلەرگە ئائىت بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم قازاقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ خىلدىكى بەش مىليون پارچە ئۇچۇرنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق يەتتە يۈزمىڭدىن ئارتۇق شەخسنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق. ئەمما بۇلار پەقەت كوناشەھەر ۋە تېكەس ناھىيەلىرىلا بولۇپ، باشقا توققۇز ناھىيەدىكى ئون مىڭدىن ئەللىك مىڭغىچە بولغان كىشىگە دائىر ئىسپاتلارمۇ قولغا چۈشتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىر بىزدە شىنجاڭدىكى 50 ناھىيەدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرى بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ياشىنىپ قالغان مويسىپىتلار بولسا يەنە بەزىلىرى كىچىك بالىلار».

CNN نىڭ 9-فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن تور بېتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ ساندان ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا قەشقەر كوناشەھەر ۋە تېكەس ناھىيەلىرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ كىملىك نومۇرى ياكى خىتايچە ئىسمىنى بىلىدىغانلار ياكى قىزىققۇچىلار مىڭلىغان كىشىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى تېزلا ئىزدەپ تاپالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 11 مىليوندىن ئاشىدۇ، دېيىلىدۇ. ئەمما مۇشۇ ئىككى ناھىيەدىنلا سەككىز يۈز مىڭ كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدەك پاكىت ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت «تەكلىماكاننىڭ بىر تال قۇمى» ئىكەنلىكىنى ئىشەنچلىك ھالدا تەققاسلايدۇ. بۇ ھۆججەتلەردىكى تۇتقۇنلار 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا لاگېرغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ۋاقىت جەھەتتە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدىكى «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ھازىرغىچە بۇ خىل تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى رەتلەشتىن كېيىن بۇ ساننىڭ توغرىلىقى ھەققىدە يېڭى گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ھۆججەتلەر پاش بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارخىپلاردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ياكى سۈرىتى بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇ قاتاردا سۈرىتى بىلەن مەلۇم بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال تۇتقۇن «مەن ھېچقاچان تۇتقۇن قىلىنمىدىم» دەپ ئاشكارا بايانات بەرگەن. ئەمما باياناتىنىڭ ئاخىرىدا «مەن كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدىن 2022-يىلى ئوقۇش پۈتتۈردۈم» دەيدۇ. ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى نامەلۇم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مەمەتجان جۈمە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە مەرھابا ياقۇپ سەلەي قاتارلىق ئۈچەيلەن مەزكۇر ئىزدەش كۆزنىكى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ غايىب بولغان تۇغقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان. شۇ قاتاردا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 16 يىل بولغان مەمەتجان جۈمە قوۋم-قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 29 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەل مۇشۇ ئىزدەش كۆزنىكى ئارقىلىق جەزملەشتۈرگەن. بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ئىنىسى ئەيساجان جۈمەنىڭ ساقچىخانىدا تارتىلغان سۈرىتىنى كۆرگەن مەمەتجان بۇنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن «ئىنتىقام ئېلىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئىنىسىنىڭ سۈرىتىدىن روھى ۋۇجۇدىدىن ئاجراپ كەتكەن بىر ئىنساننى كۆرگەندەك بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
مەرھابا ياقۇپ سەلەي بولسا 2017-يىلى ئەمدىلا 12 ياش ۋە 15 ياشقا كىرگەن ئىككى جىيەنىنىڭ «بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇق» ساھەسىگە خاس «ئىككىنچى كاتېگورىيە: ئىنتايىن گۇمانلىق شېرىكلەر» دېگەن نامدا تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ بۇ ئەھۋال توغرىسىدا سۆز قىلىپ «يۈرىكىمدىن زەرداب ئېقىۋاتىدۇ. ساقچىلار ئەمدى ئاشۇ جىيەنلىرىمنى 18 ياشقا تولغاندا ئېلىپ كەتكەن بولغىيمىدى، دەپ ئازابتىن تېپىرلاپ كېتىۋاتىمەن» دېگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل «باغلانما شەكىلدە جازالاش» ئۇسۇلى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا «جىنايەتچى» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان. دوكتۇر ئادريان زېنز بولسا بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ۋە باشقا يۇغۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «قەتئىي مەخپىي» نۇتۇقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىسلام دىنى دەل ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋىرۇسقا ئوخشىشىپ قالغان» دېگەن پىكىر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ ئەھۋال CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ساقچىسىدىن بىرەيلەن ئېيتقان «ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قولغا ئېلىشقا سەۋەب تاپىمىز» دېگەن بايان بىلەن ماس كېلىدۇ. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتۇر ئادريان زېنز ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ. .
«بۇنىڭدا ‹ئىشەنچسىز كىشىلەر› دەيدىغان بىر كاتېگورىيە بار. بۇ خىلدىكى ‹ئىشەنچسىز كىشىلەر›نىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا بەكلا غەيرىي سەۋەبلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەرنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا نەدە بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولمىسا ياكى ئۇلار ئاخشىمى تالاغا چىققان بولسا ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ياكى بولمىسا بىر ئايالنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ئاخشاملىرى باشقىچىرەك بولسا ھەمدە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېلېفونى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسا ئۇمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا 913 دېگەن سان تۈپەيلىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. مەن بۇنى مەلۇم چېسلا بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئاشۇ كۈنى تېلېفون شىركىتى تېلېفونلارنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە تېلېفونلىرىدا ئادەتتىن تاشقىرى ھەرىكەتلەر بايقالغان ياكى تېلېفونىنى ئۆچۈرۈپ قويغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان».
ئەنە شۇ يوسۇندا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىككى ناھىيەدىلا مىليونغا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، بۇ پەقەت 2017-يىلىغا قەدەر ئارخىپقا چۈشكەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئارخىپقا چۈشمىگەن كىشىلەرنىڭ سانى قانچىلىك ئىكەنلىكى بولسا ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىرلار قاتارىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاددىي قىلىپ «ئۆيمۇ-ئۆي، كەنتمۇ-كەنت، شەھەرمۇ-شەھەر كىشىلەر تۇتقۇن قىلىندى. مۇشۇنىڭ ئۆزى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتلىرىدۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىللەتنى نىشان قىلغان» دەيدۇ.
نۆۋەتتە ھەر ساھە كىشىلىرى مەزكۇر ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى ئوبزورلارمۇ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىماقتا.