يېقىندا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى توپلامدا خىتاي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخپىي سۆھبەتلەرنىڭ تېكىستكە ئايلاندۇرۇلغان نۇسخىلىرى بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنى قانداق شەكىلدە داۋام قىلدۇرۇش ۋە تاماملاشقا دائىر بىر قاتار كۆرسەتمىلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. «قەتئىي مەخپىي» دەپ تامغا ئۇرۇلغان بۇ ھۆججەتلەردىكى كۆرسەتمىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن پىلانلانغانلىقىنى، شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «دۈشمەن» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
«‹مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك› باش نىشانى ئۈچۈن زەربە بېرىش ھەركىتى مەڭگۈ بوشاپ قالمايدۇ!»
بۇ قېتىمقى ساقچى ھۆججەتلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان تېكىستلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۇەنگو 2018-يىلى 18-ئىيۇندا چاقىرىلغان يۇقۇرى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر نۇتۇق شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قانداق داۋام قىلدۇرۇش ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك كۆرسەتمە بېرىلگەن.
چېن چۇەنگونىڭ بۇ قېتىمقى سۆزىدە ئەڭ كۈچلۈك تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا «شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئىدى. چېن چۇەنگونىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە باش ئورۇندىكى ۋەزىپە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىش» دېيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسى قانداق بەدەل تۆلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، شى جىنپىڭنىڭ ئاشۇ تەلەپلىرىنى بىرىنچى ۋەزىپە قاتارىدا ئورۇنلىشى شەرت بولغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى پۈتۈن مەملىكەت سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ياكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «قەھرىمانلىق ئۈلگىسى» يارىتىشنىڭمۇ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپە ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ بۇ خىل «ھەممە باش نىشان ئۈچۈن» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدكى «مەڭگۈلۈك باش تېما» ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
جاۋ كېجى بۇ جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «قاتتىق زەربە بېرىش، ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش، تۆتنى (يەنى نەسەبىنى، يىلتىزىنى، مەنبەسىنى ۋە ئالاقىسىنى) ئۈزۈپ تاشلاش، كادىرلارنى ھەر بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت تىلى مائارىپىنى يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە ئومۇملاشتۇرۇش، ‹تەربىيەلەش› ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش، بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خىزمەت ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن. باش سېكرېتارنىڭ ئۈمىدى تولۇق ئورۇنلانغان. بەش يىللىق پىلان مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشقان» دەپ خۇلاسە چىقارغان. چېن چۇەنگو بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ يىل (يەنى 2018-يىلى) مۇستەھكەملەش يىلى. بىز بۇ تەدبىرلەرنى كەلگۈسى بەش يىلدا ‹دائىملاشتۇرۇش› باسقۇچىغا يۈكسەلدۈرىمىز. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشقان ھالەتتىمۇ بۇ خىل زەربە بېرىشنى داۋام قىلدۇرىمىز. مەن شىنجاڭدا ئون يىل تۇرسام بۇنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرمايمەن. شۇڭا ھۇشيارلىقىمىزنى قىلچىمۇ يوقاتماستىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىمىز» دېگەن.
چېن چۇەنگو مۇشۇ خىل «باھالاش خۇلاسىسى» نى ئالاھىدە تەكىتلەش ئارقىلىق 2013-يىلى ئاللىقاچان ئۇل سېلىنغان باستۇرۇشنىڭ 2018-يىلىغا كەلگەندە تولۇق «غەلىبە قىلغان» لىقىنى جاكارلىغان. ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە «ئۈچ خىل كۈچلەر»، «شىنجاڭ مۇستەقىلچى كۈچلىرى» ۋە «پان تۈركىزىمچى ۋە پان ئىسلامىزىمچى كۈچلەر» نىڭ ھېلىھەم «قۇتراۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەرگىزمۇ نۆۋەتتىكى غەلىبىگە قاراپلا ھۇشيارلىقىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ. بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز ھەرگىزمۇ بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئويلىغاندەك مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا توختاپ قالمايدۇ. بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەر ھازىرقى قاتتىق زەربە بېرىشتە يوشۇرۇنىۋېلىپ، ئىلگىرىكىدەك ۋەزىيەت سەل يۇمشاپ قالسا يەنە باش كۆتۈرۈشنى خام خىيال قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشى. بىزنىڭ بۇ قاتتىق زەربە بېرىشىمىز بۇندىن كېيىن بىر مىنۇتمۇ بوشاپ قالمايدۇ. بەش يىلدا مۇقىملاشقان كۈرىشىمىز كېيىنكى بەش يىلدا يەنىلا قاتتىق زەربە بېرىش شەكلىدە داۋام قىلىدۇ».
دەرۋەقە، 2022-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاندىن تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئارخىپلار ئۆتكەن بەش يىلدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن چېن چۇەنگو ئېيتقاندەك داۋام قىلغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى، لاگىرلارنىڭ ۋە تۈرمىلەرنىڭ مەيلى سان ياكى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن داۋاملىق كېڭىيىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىۋاستە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ دۇنياغا مەلۇم بولۇشىدا ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينىغان شەخس، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ دەلىل-ئىسپاتلار شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىلا شىنجاڭدىكى ‹تەربيەلەش مەركەزلىرى› نىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى ھەققىدە بىۋاستە كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا تەستىق سالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا 2014-يىلىلا تۇنجى لاگېرلار قۇرۇلۇشقا باشلىغان. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى ئېنىق قىلىپ: ‹باش سېكرېتار شى جىنپىڭ تېخىمۇ كۆپ لاگېرلار ۋە ساقچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، ھازىرقى لاگېرلارنى ئادەمگە توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كېڭەيتىش، بۇنىڭغا كېتەرلىك خىراجەتنى مەركىزىي ھۆكۈمەت تولۇق ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. مەركەز بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلاردىن خەۋەردار› دېگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن چېن چۇەنگو ماھىيەتتە پەقەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دېگەنلىرىنى ئورۇنلىغان، شۇلار ھاۋالە قىلغان سۆزلەرنى تەكرارلاپ بەرگەن، خالاس. ئۇ ھەتتا ئېنىق قىلىپ ‹5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارمىغان. بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلۇق بىر ئىش› دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، لاگېرغا قامالغانلار ئەنە شۇ خىلدىكى قاتتىق كونترول قىلىش لازىم بولغان، قېچىشقا ئۇرۇنسا ئېتىۋېتىش زۆرۈر بولغان كىشىلەردۇر. ھازىرقى بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا مەيلى چېن چۇەنگو بولسۇن ياكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بولسا ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئۆزلىرى ئىشىنىپ قالغان. بۇ جايدا تېرورلۇق تەھدىتى ھەممىلا يەرنى قاپلىغان، شۇڭا بىخەتەرلىكنى بوشاشتۇرماستىن داۋام قىلىشىمىز لازىم، دەپ قارىغان.»
«تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۆلۈكىنى سوتلايمىز!»
خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان سىياسىي ھەركەت جەريانىدا ۋەيران بولغان ئىقتىسادىي سىستېمىنى ھالاكەتتىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن 1980-يىللاردىن باشلاپ تەدرىجى ھالدا «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ باھانىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قىسقىغىنە مەزگىل داۋام قىلغان نىسبىي «ئەركىنلىك» دەۋرىدە بىر قىسىم زىيالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا دائىر بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى يارىتىشقا كۈچ چىقارغان بولسا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلار تەدرىجى ھالدا ھەرقايسى مەمۇرىيەت سەپلىرىگە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىلدىكى كادىرلارنىڭ بىر قىسمى 2000-يىللارغا كەلگەندە ئالىقاچان ھەرقايسى سىستېمىلاردا يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا چىقىپ بولغان ئىدى. 2015-يىلىدىن باشلانغان سىياسىي باستۇرۇشتا ئاشۇ خىل ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار «خىزمەت» لىرىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، ھەممىسى بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە كېلىپ شۇنچە چوڭ دېلو ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەت ئۈچۈن خېلى ئۇزۇنغىچە قاتتىق «سىر» تۇتۇلغان.
چېن چۇەنگو 2018-يىلى ئىيۇندىكى سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ «كومپارتىيەدىن مائاش ئېلىپ كومپارتىيەدىن مىننەتدار بولمايدىغان» بىر تۈركۈم رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇننى ئالاھىدە مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىدە مۇنۇ قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «لو دوڭچۇەن (ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى) يېقىندا تۇتقان شىرزات (باۋۇدۇن) ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىپ دۈشمەننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان بىر تۇزكور. ئۇ شۇنچە ياش تۇرۇپلا ئەدلىيە نازارىتىگە نازىر بولغان بولسىمۇ يەنىلا پارتىيەمىزدىن مىننەتدار بولمىغان. قۇربان تۇلۇم چېغىدا ھۆكۈمەت بىرنەچچە مو يەر بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن خوشاللىقىدا ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭغا رەھمەت ئېيتماقچى بولغان ئىدى. شىرزاتنى ئۆستۈرگەندىلا مەن بۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقىغان. شۇڭا كېيىن ئۇنى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىغا مۇئاۋىن سېكرېتار قىلىپ يۆتكىگەندە مەن ئۇنىڭغا تەگمەي تۇرۇشنى، كېيىنچە ئۇنى سىياسىي كېڭەشكە يۆتكەشنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇ خاتالىقىغا قىلچىمۇ توۋا قىلماستىن تۇيۇق يولدا مېڭىۋەردى. ئەجىبا شىرزات بىر ئۆزى شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلالامتى؟ ھازىر باش سېكرېتار (شى جىنپىڭ) نىڭ دانا رەھبەرلىكى، بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون نوپۇس ۋە نەچچە مىليون كىشىلىك ئارمىيە بىزگە قالقان بولۇپ تۇرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قىلمىشى سۈۋەرەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغىنىدەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بىز ئۇنى تۇتتۇق. ئايالى ۋە بالىسىنىمۇ تۇتتۇق. ئايالى يۈرەك كېسىلى بارلىقى ھەققىدە يالغان ئىسپات ياساپ بىزنى قورقۇتماقچى بولدى. ئەمما بىز بۇنداق ئاسىيلاردىن قىلچىمۇ قورقۇپ قالمايمىز. شۇڭا بىز ئۇنى تۈرمىدە چىرىپ ئۆلگىن، دېدۇق. شۆھرەت (زاكىر) نېمە ئۈچۈن داۋاملىق رەئىس بولۇپ سايلاندى؟ چۈنكى ئۇ باش سېكرېتارنىڭ ئىشەنچىسىگە، پارتىيەمىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.»
چېن چۇەنگو بۇ سۆزلەرنى قىلىش جەريانىدا ئىدىئولوگىيە ساھەسىنىڭ «ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى» ئىكەنلىكىنى، «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنىڭ ئەنە شۇ جەڭگاھتىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى» نى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلغاندا 2018-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە قولغا ئېلىنغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىرزات (باۋۇدۇن) مۇشۇنداق قىلدى؛ تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەت ئېلى شۇنداق قىلدى. ئۇ پان-تۈركىزىم ۋە پان-ئىسلامىزىمغا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. تاشپولات (تېيىپ) دېگەن ئىككى يۈزلىمىچى بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئادىمىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان. مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار (ساۋۇت) ھەتتا ‹ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسى›دىكى ‹ئىمتىھان ئېلىنىدىغان چەتئەل تىلى› دېگەن كاتەكچىگە ‹خەنزۇ تىلى› دېگەن تۈرنى قوشۇپ قويغان. ‹شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى (خالمۇرات غوپۇر)مۇ شۇنداق قىلمىدىمۇ؟ ئۇنى ‹دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغىن› دىسىمۇ ئۇنىمايدۇ. نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئەسلىدە ئۇلار (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى) قوشنا جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن نازىرلار مىنىستىر بولغاندەك ئىش بولۇشنى خام خىيال قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىز سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەس. پارتىيەمىزنى ئالداش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ قايتا-قايتا ‹ھېچقانداق تەشكىلات ياكى سىياسىي گۇرۇھنىڭ ھەرقانداق شەكىل بىلەن دۆلىتىمىز تېرىتورىيەسىدىن بىر غېرىچ يەرنىمۇ بۆلۈۋېلىشىغا يول قويمايمىز› دەپ تەكىتلىگەن. ھېلىغۇ بىر شىرزات ئىكەن، ئون ياكى يۈز شىرزات چىقسىمۇ، بۇ خام خىيال ئەمەلگە ئاشمايدۇ.»
چېن چۇەنگونىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرىنىڭ مەنبەسى ئىسلام دىنى بولسا، بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى «زەھەرلىك» تارىخ كىتابلىرى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «زىيالىي قىياپىتىگە كىرىۋالغان» بىر تۈركۈم كىشىلەرگە «قىلچىمۇ رەھىمدىللىك قىلماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈش زۆرۈر لازىم، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېگەن: «شۆھرەت (زاكىر) دەسلەپ ماڭا (تۇرغۇن ئالماسنىڭ) ‹ئۈچ كىتاب› ىنىڭ زەھىرى بەك ئېغىر بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ: ‹بۇ كىتابلارنىڭ ئاپتورى ئۆلۈپ كەتتى› دېدى. لو دوڭچۇەن بۇ ھەقتە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى. ئاپتورى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ كارىمىز يوق. بىز يەنىلا ئۇنىڭغا دېلو تۇرغۇزىۋېرىمىز. كومپارتىيە ھەممىدىنمۇ بەك ئەستايىدىل بولغاچقا ئۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىز ئۇنىڭدىن داۋاملىق ھېساپ ئالىمىز. ‹ئۈچ كىتاب› ئاز ئادەمنى زەھەرلىدىمۇ؟ بىز بۇنى جىق تەكشۈردۇق. يەكەن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەسلىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر تۈزۈك زىيالى ئىكەنتۇق. ئەمما ئۇ ئاشۇ كىتابلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۆلگۈنچىلىككە ماھىل بولغان.»
چېن چۇەنگونىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مويسىپىت زىيالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن پېنسىيەگە چىققان ياكى «بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان» بولۇشىغا قارىماي ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى لاگېرلارغا قامىلىشىدىكى «سىر» لارنى ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر زىيالىلار قاتلىمىدىكى «تازىلاش» نىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا شۇنچە كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىشى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان شەخسلەرنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولماسلىقتەك رېئاللىققا قارىتا پەيدا بولغان بەزى سوئاللارغىمۇ قىسمەن ھالدا جاۋاب بەرگەن. دەرۋەقە، چېن چۇەنگونىڭ بۇ خىل سىياسىي مەۋقەسى ئەمىلىيەتتە بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان «ئەڭ ئالىي يوليورۇق» نى دەستەك قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.