«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان 24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى.

مەزكۇر فېستىۋالدا ئۇيغۇرلار مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» ئېچىپ تۈرك جامائەتچىلىكىگە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلاتماقتا. بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەدىن 45 جەمئىيەت ۋە ۋەخپە قاتناشقاندىن سىرت ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە نۇقتىلىق ھالدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى بولۇپمۇ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى سۈرەتلەرنى ئېسىپ، ئون مىڭلىغان ئادەمگە ئاڭلاتماقتا.

24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

10 كۈن داۋاملىشىدىغان فېستىۋالدا ھەر كۈنى ئاخشام بىر قانچە ۋىلايەت بىلەن بىر تۈركىي مىللەت سەھنە ئېلىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

30-ئاۋغۇست ئاخشامدىكى پاالىيەت ئۇيغۇر مۇزىكانت ئامىر قىلىچ بىلەن ئايالى خەيرىنىسا ئىجات قىلغان «شانلىق تۈركىيە» ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇر ناخشىچى ئابدۇللا كۆسە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى، ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلار ئۇيغۇر ساماسى ئورۇنلىدى. ئاخىرىدا قولىدا كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ئۇيغۇرلارنى ئالقىشلىغان ئون مىڭلىغان كىشىگە سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، تۈرك خەلقىنى «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك جان قېرىنداشلىرىمىز خۇش كېلىپسىلەر، 24 يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيەتتە تۈرك دۇنياسىنى بىر يەرگە جەم قىلغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئاڭلىتىشىمىزغا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھۆرمەتلىك تۈرك قېرىنداشلىرىم، شەرقىي تۈركىستان خەلقى يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولماقتا. 2017-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلار جازا لاگېرىدا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىچىك بالىلار خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئېلىپ كېتىلمەكتە. قىسقىسى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. ئەگەر بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشنى خالىساڭلار فېستىۋال مەيدانىدىكى ‹شەرقىي تۈركىستان ئۆيى›نى ئېكسكۇرسىيە قىلىڭلار».

24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئارقىدىن 24 يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ياخشى كېچە بولدى. تۈركىيەنىڭ گۈمۈشخانا ۋە سامسۇن ۋىلايىتى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ سەنئىتىنى سەھنىگە قويدى. ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىزچىل ھالدا بىزنىڭ فېستىۋالىمىزغا قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ فېستىۋالدا يۈز مىڭلىغان ئادمگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا ئورتاق بولۇۋاتىمىز. بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى قايتا تەكرارلىماقچىمەن. ئۇلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلار يەنە مەزكۇر فېستىۋالدا 24-قېتىم ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملىرى ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى.

24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزچىل ھالدا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە راديو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتتە كۆپ ساندا كىشىگە جازا لاگېرلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى، بۇ فېستىۋالنىڭ ت ر ت ئاۋاز، بەڭگۈتۈرك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن نەق مەيداندىن تارقاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى زور بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەتىمەسقۇت، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ بىر رايونى بولۇپ 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالغا قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلماقتا. ئىراق تۈركمەنلىرىگە، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەرگە، قىرىم تاتارلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بۇ فېستىۋالغا قاتناشماقتا. بۇ تۈركىي مىللەتلەر 10 كۈن بويىچە ئۆز تارىخىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پۈتۈن مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.