خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش قىلمىشى تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئۆتكەن بەش يىلدا مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تاغدەك ئىسپاتلار ئالدىدا «بىزدە لاگېر مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت بولغىنى پەقەت كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دېدى. كېيىنچە بۇ مەركەزلەرنىڭ «خەتەرلىك ۋە ئىشەنچسىز كىشىلەر ئۈچۈن مېڭىلەرنى تازىلاش، يۈرەكلەرنى پاكلاش ۋە قەبىھ ئىدىيەلەرنى يوقىتىش» رولىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تەييارلاپ چىققان بىرقىسىم ھۆججەتلىرى ۋە ئۇقتۇرۇشلىرى 2019-يىلىدىن باشلاپ ئوخشىمىغان يوللاردىن پاش بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ ۋە زۇلۇملارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ مۇنتىزىم سىستېما ئالغان ھالدا كېڭىيىشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىكەنلىكى مانا مەن، دەپ ئاشكارا بولدى.
«دۇنيادا بۇنداق مەكتەپ بولمايدۇ!»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچى، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) نىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق نامەلۇم خاككېرنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىشىنىىڭ نەتىجىسى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ ھۆججەتلەر توپلىمىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يوليورۇقلىرى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاباھەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دۇنياغا ئېچىپ بەردى.
بۇ ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە 15 ياشلىق سەبىي ئۆسمۈرلەر ۋە يېشى 70 تىن ئاشقان مويسىپىتلارنىڭمۇ بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «ئىشەنچلىك» ئۇيغۇرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ نۇتقىدىكى «نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە بەش يىللىق ‹تەربىيەلەش› كۇپايە قىلمايدۇ» دېگەن يوليورۇقى نۆۋەتتىكى لاگېر سىياسىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە «بوشاپ قېلىشى» دىن ئۈمىد قىلىشنىڭ بالىلارچە خام-خىيال ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى. يەنە بىر ياقتىن ھۆججەتلەر توپلىمىدىكى «قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملار» كاتېگورىيەسىگە ئايرىلغانلارنىڭ «قۇرئان» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، جەيناماز، تەسۋى، ھىجاب دېگەندەك دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە «قانۇنسىز» دەپ قارالمايدىغان بۇيۇملار بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» قا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بەكمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.
بۇ قېتىمقى ھۆججەتلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك مەلۇم بولغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلار ئىسىملىكىنى سۈرەتلەر ئارقىلىق دەلىللىگەن بولسا تاشقى دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان يەنە بىر ئەھۋال خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مانېۋىر قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان مەنزىرىلەر بولدى. ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان بوۋايلارنىمۇ ئاپتومات ۋە كالتەك-چوماقلار بىلەن قوراللانغان ساقچىلارنىڭ ھەيۋە قىلىپ قورشاپ تۇرۇشى، خىتاي پويىزلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىۋاتقان ساقچى برونېۋىكلىرى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە قارا كىيىملىك خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تولۇق قوراللانغان ھالدا سەپ بولۇپ تەكشۈرۈشكە مېڭىشلىرى دېگەنلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي مۇھىتنىڭ ھەرقانداق ئۇرۇش رايونىدىكىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، ئەمما قارشى تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي تولۇق ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ھالدا بۇ ئۇرۇش ھۇجۇملىرىغا «نىشان» بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر ئادريان زېنز ئۆزىنىڭ بۇ سۈرەتلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىكى ھېس-تۇيغۇسىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى. .
«مېنى ھەممىدىنمۇ بەك چۆچۈتكىنى بۇ ھۆججەتلەردىكى سۈرەتلەر، بولۇپمۇ ئۇلار ئارىسىدا ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن راھىلە ئۆمەر ئىسىملىك بىر قىزنىڭ سۈرىتى ھەمدە باشقا بىر قىسىم ياشتا بەكلا چوڭ بولغان كىشىلەر بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللىقاچان 70 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ لاگېرغا قامالغان كىشىلەر ئىدى. مېنى تېخىمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى مەكتەپ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جايلاردىكى ساقچى قىسىملىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەن قىياپىتى بولدى. بۇلاردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھېچقانداق باشقا تاللىشى قالمىغاندەك قىلىدۇ. لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىن مەلۇم بولغان بۇ ھۆججەتلەر ۋە سۈرەتلەر ئەمدىلىكتە پولاتتەك دەلىل بولغىنىچە ئىنكار قىلىشقا ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرمايدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېغزىدىن «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۇيغۇرلار ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھۈل سالىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز مەكتەپ» دېيىش ئارقىلىق بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك «غەمخورلۇقى» قاتارىدا بايان قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما بۇ قېتىم پاش بولغان سۈرەتلەردە بۇ «مەكتەپ» لەردىكى «كۇرسانت» نامىدا ئاتىلىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمە شەكلىدىكى قەپەزلەرگە قامىلىدىغانلىقى، بۇ جايدىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەرقانداق «ئەڭ بىخەتەر» تۈرمىدىن قېلىشمايدىغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. بولۇپمۇ لاگېرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىدە لاگېرلاردىكى ھەرقايسى «ئوقۇتۇش» بىنالىرىغا قانچىدىن ساقچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، لاگېرلاردىكى كۆزىتىش مۇنارلىرى ۋە چارلاش ساقچىلىرىنىڭ رولى قاتارلىقلار قاتارىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان كۇرسانتلارغا ساقچىلار ئاۋۋال بەلگە ئوقى ئېتىش، قېچىشتىن توختىمىسا ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش» ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر بۇ ئورۇنلارنى ھېچقانداق قىلىپمۇ «مەكتەپ» دەپ شەرھىلەشكە ئىمكان يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدەك رادىيومىز ئىلگىرى دەلىللىگەن بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ لاگېرغا ئېلىپ بېرىلىشتىن قورقۇپ ئۆلۈۋېلىشىدىكى بەزى سەۋەبلەرنىمۇ دىققىتىمىزگە ۋاسىتىلىك ھالدا ئىشارە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى جىنايەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇپ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى بەزى ئەھۋاللارنىڭ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. . ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بەكمۇ قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان تۈرمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا پەقەت ھەربىي قىسىملار ئۈچۈنلا قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ ئىسمىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، كۆزىتىش مۇنارلىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچ پۇتلۇق پىلىموت ئىشلىتىشى دېگەنلەر زادىلا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. يەنە كېلىپ لاگېرلاردا تولۇق قوراللانغان ساقچى قىسىملىرىنىڭ قاراۋۇللۇق ۋە پاتروللۇق قىلىشى، تۇيۇقسىز ھۇجۇملارغا قوللىنىلىدىغان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئىشقا سېلىنىشى دېگەنلەرمۇ خۇددى شۇنداق».
نۆۋەتتە مەزكۇر ھۆججەتلەر توپلىمى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى باراۋەر ھالدا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئالماقتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئوخشىمىغان باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ داۋاملىق ھالدا بۇ قېتىمقى ھۆججەتلەرنى يالغانغا چىقىرىپ «بۇ غەرب دۈشمەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى» دېمەكتە.