ئۇيغۇر رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ 2024-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مەزكۇر مەكتەپ 1213نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، «ئاز سانلىق مىللەت تىل ۋە ئەدەبىياتى» فاكۇلتېتى دەپ ئىسىم قويۇلغان، قوشۇمچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەپ ئىزاھات بېرىلگەن كەسىپكە، بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان نىشانلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ سانى 60 نەپەر بولۇپ، بۇلار خىتاي مىقياسىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.
نىشانلىق تەربىيەلىنىدۇ، مىللىتى خىتاي بولۇشى شەرت
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى 2024-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا تەمىن ئېتىلگەن تېلېفون نومۇرىغا ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى. ۋاڭ فامىلىلىك بىرى ئۆزىنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى ئېلىشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى دەپ تونۇشتۇردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئىلتىماس قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكىنى سورىدۇق.
ۋاڭ ھاياجان بىلەن بۇ فاكۇلتېتنىڭ پۈتۈن خىتايدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى.
ۋاڭ: «سىز بۇ كەسىپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچىمۇ؟ شەرتلەرنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، ھە، شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلارغا باشقا ساقچى مەكتەپلەرگە ئوخشاش سىياسىي ساپا ئۆلچەملىرىدىن باشقا سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلىدۇ. چوقۇم پارتىيە ئەزاسى ياكى ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇشى كېرەكلىكىدەك شەرتى بار، بۇ يىل ھەر بىر ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئىككىدىن سان بېرىلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك، ئەمما ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، مىللىتى خىتاي بولۇشى شەرت. ھەقسىز ئوقۇتۇلىدۇ.
ئۇ بۇ يەردە گېپىنى يۇقىرىراق ئاۋازدا تەكرارلىدى:
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ-ھە، ئۈرۈمچىدىكى بۇ شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ساقچى مەكتەپلەر ئىچىدە بىردىن بىر ھەقسىز ئوقۇتىدىغان كەسىپ. يەنە بىر ياخشى تەرىپى، بۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە دۆلەتلىك بىر تۇتاش كادىرلا ئىمتىھانىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ، بىراقلا دۆلەت كادىرى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدا ساقچى كادىرى بولۇپ خىزمەتكە چۈشىدۇ» .
مۇخبىر : ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش پۇرسىتى چەكلىك بولۇپ قالمامدۇ؟
ۋاڭ: ساقچىلىققا ئىمتىھان بەرگەن، ئەمما بۇ كەسىپنى ئوقۇسا خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا دەيدىغىنىم. ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىش نىسبىتى %95 تىن ئاشىدۇ. شۇڭا ساقچى مەكتەپلىرىنى تاللىغان ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىگە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن-ھە، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.
ئۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن ۋە مىللىتى خىتاي بولۇش شەرت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋە باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
70 يىلدا 200 مىڭ ساقچى
شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ مەكتەپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ، پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئومۇمىي نىشانى بولسا، «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تۆمۈر ئارمىيەسىنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش» ئىكەن
مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىن مەلۇمكى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى 1950-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاكىمىيىتىنى قوغدايدىغان 200 مىڭدىن ئارتۇق جامائە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى تەربىيەلەپ چىققان. بۇ ساقچى تەربىيەلەيدىغان كەسپىي مەكتەپنىڭ، خىتاي ساقچىلارنى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان فاكۇلتېت 2010-يىلى مارتتا رەسمىي قۇرۇلغان. بۇ فاكۇلتېت تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ھەر يىلى بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇنداقلا خىتاي مىقياسىدا ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن بىر ياكى ئىككى ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن.
مۇنداق مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى بويىچە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش كەسىپلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ يولغا قويۇلۇپ كېلىنگەنىدى. ئەمما شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس خىتايلار ئۈچۈن بۇنداق كەسىپنى تەسىس قىلىپ پەقەتلا ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنى تەربىيەلىشىدىكى تۈپ نىشان نېمە؟
بۇرۇن شىخەنزىدىكى ئالىي مەكتەپتە تىل ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە مەزكۇر ساقچى مەكتەپنى قۇرۇشنىڭ ئالدىدىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا، خىتايلارنى مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەش ئۈچۈن، بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنى ئېچىپ كەلگەنلىكى، 2010-يىلىدا بۇ ساقچى مەكتەپتە مەخسۇس بۇنداق بىر فاكۇلتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش» سىياسىتىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ كەسىپكە پەقەتلا خىتايلارنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن نىشانلىق قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ھېچقانداق ھېسسىي باغلىنىشى يوق خىتايلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى كۈزدە تۇتقان. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر كادىر ۋە ساقچىلارغا مەڭگۈ ئىشەنمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.