28-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ياش ناخشىچى ساتۇق گۆكتۇغنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئۇيغۇرچە ناخشىلار تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان TRT (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسى) نىڭ مۇزىكا قانىلىدا كۆرسىتىلىپ، كۈرمەنلەرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ياش ناخشىچى ساتۇق گۆكتۇغ شۇ كۈنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «باھارغا مۇشتاقلىق» ناملىق شېئىرىنى ناخشا قىلىپ ئوقۇشتىن سىرت يەنە «سالام لۇتپۇللا»، «بىزنىڭ ناخشىمىز» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئېيتقان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ياش ناخشىچى سۇتۇق گۆكتۇغنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەسلىدە 2009-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىققان بولۇپ، 2014-يىلى دادىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئۇ ھازىر بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ئائىلىسىنىڭ تۈرمۇشىنى قامداشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشتىن سىرت ستۇدىيوغا بېرىپ ناخشا-مۇزىكا مەشقى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇ ھازىرغىچە ئۆز ئالدىغا 4-5 ئۇيغۇرچە ناخشىنى ئۆزى ئىجات قىلغان
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر سەنئەت ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ئىلگىرى سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان ئائىلە ئىكەن.
سۇتۇق گۆكتۇغنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ سىتۇدىيودىكى يېتەكچىسى ئۇنى TRT دىكى مۇناسىۋەتلىك پروگرامما رېژىسسۇرى بىلەن تونۇشتۇرغان ئىكەن. ئۇ تاللاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، TRT مۇزىكا قانىلىدا ناخشا ئېيتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
ئۇ، ئۆزى ئېيتقان «باھار مۇشتاقلىقى» ناملىق ناخشىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ شېئىرنى مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 1978-يىلى يازغانلىقىنى، شېئىردا ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا بولغان ئىنتىلىشنى بىر قىزنىڭ تەسۋىرىدىن گۈزەل شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
سۇتۇق گۆكتۇغنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئاتا-ئانىنسى يوقلاپ ۋەتەنگە قايتاقاندا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگىرغا قامالغان ۋە كېيىنچە 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. سۇتۇق گۆكتۇغ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا تېخىمۇ ئېغىر پالاكەتلەرنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپىسى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بىر سەنئەت ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن-خەلقى ئۈچۈن سەنئەت ئارقىلىق خىزمەت قىلىشقا تىرشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن TRT ئۇيغۇرچە رادىيو قانىلىنىڭ خادىمى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، كۆرۈرمەنلىرى كۆپ بولغانTRT مۇزىكا قانىلىدا ئۇيغۇرچە ناخشا ئورۇنداشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە ھەم تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پىروگراممىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.