ياۋروپا پارلامېنتى بېرلىندا «ساخاروف مۇكاپاتى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

20-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيەدىكى مەركىزى «ساخاروف مۇكاپاتى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ياۋروپا پارلامېنتى 18-دېكابىر فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى مەركىزىدە 750 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بۇ مۇكاپاتنى پارلامېنت رەئىسى داۋىد ساسسولى ئۆز قولى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامغا تەقدىم قىلغان ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن يەنە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى مەركىزىدە ئالاھىدە سورۇن ھازىرلاپ «ساخاروف مۇكاپاتى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان سىرت، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان قاتارلىق ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

بېرلىندىن ئالغان مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، جەۋھەر ئىلھام 18-دېكابىر ياروپا پارلامېنتىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگىنىدەك بۈگۈنكى بۇ يىغىندىمۇ يەنە بىر قېتىم تەسىرلىك نۇتۇقلار سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، جەۋھەر ئىلھامنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقىدىن كېيىن بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى جەۋھەر ئىلھامنىڭ بۈگۈنكى نۇتۇقىدىنمۇ يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىلگەن بىر مۇكاپات بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 18-دېكابىر «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىشىغا قارىماي پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. «ساخاروف مۇكاپاتى» ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ھەمدە بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دۇنيا جامائىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققەت نەزىرىگە ئۇلاشقان. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە ئۈزۈلدۈرمەي خەۋەر، ماقالىلار ئېلان قىلماقتا ئىدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا 19-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 20 ماددىلىق قارار خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۈگۈنكى قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.

مۇشۇنداق بىر چاغدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۈگۈن بېرلىندا ئالاھىدە يىغىن تەسىس قىلىپ، ئاخبارات ساھەسىدە «ساخاروف مۇكاپاتى» ۋە ئىلھام توختى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرمەكچى بولغىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

13-دېكابىر گېرمانىيەدىكى داڭلىق پۇتپولچى مەسئۇت ئۆزىل ئىجتىمائىي تاراتقۇدا «شەرقىي تۈركىستانغا سالام» ناملىق چاقىرىقنى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ ياۋروپا پارلامېنتى تۆنۈگۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغۇچە بولغان بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسە ئالاھىدە كۆپ ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.