ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە بېرىلگەن ساختا ئاپتونومىيە خوڭكوڭلۇقلارغا قانداق بىر سىگنالنى بەرمەكتە؟

0:00 / 0:00

9-ئىيۇندىن باشلانغان خوڭكوڭدىكى مىليون كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى بارغانچە كېڭەيمەكتە.

12-ئىيۇن كۈنىگە كەلگەندە خوڭكوڭدا تەسىرى زور بولغان سەنئەتكارلار، سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم شىركەت ھەم كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشقان. نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خوڭكوڭلۇقلار تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتلىرىدا ئەگەر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىزامى» ماقۇللانسا، خوڭكوڭنىڭ خەلقئارادىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئەۋزەللىكى پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.

ئۇنداقتا، خوڭكوڭلۇقلار نېمە سەۋەبتىن مەزكۇر نىزامغا قارشى تۇرىدۇ؟ ئەگەر تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر نىزامنىڭ لايىھەسى ماقۇللانسا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغان چېغىدا ئېلان قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋە خوڭكوڭغا بېرىلگەن ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا جىددىي ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىلەر بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇلار بايانلىرىدا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۈگۈنكى ئەندىشىسىگە سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىلنىڭ خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ساختا ئاپتونومىيەسىنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدە قالغانلىقىدەك رېياللىقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى ۋە گۋاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قاتارلىق 5 ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوننى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقۇقى ھېچقاچان ئەمەلىيلەشمىگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم، مىليونلىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى خىتاينىڭ «ئاپتونومىيە» ۋەدىسىنىڭ يالغان شوئار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ھال بۈگۈنكى خوڭكوڭلۇقلارنىمۇ ئەندىشىگە سالغان.

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن تەستىقتىن ئۆتسە خوڭكوڭدا سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە قامال قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن.

شيا مىڭ ئەپەندى 1997-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيەدىن خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغان چېغىدا، خوڭكوڭدا «ئالىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى» يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭغا قارىتىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان بۇ يەردىكى دېموكراتىيەنىڭ بارغانچە چېكىنگەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەبىت سىياسەت ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىگە خىلاپ ھالدا خوڭكوڭنىڭ يەرلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى خوڭكوڭ خەلقىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىليونلىغان خوڭكوڭلۇقلار كوچىلارغا چىقىپ زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ» دېگەن باياناتى ئېلان قىلىنىپ 22 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خوڭكوڭدا پۈتۈنلەي باشقىچە ۋەزىيەت كۆرۈلۈشكە باشلىغان. يەنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىش، چېگرا ئاتلاپ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر خوڭكوڭدا يۈز بېرىشكە باشلىغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر خوڭكوڭدا «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ يولغا قويۇلسا ئۇ ھالدا خىتاي ساقچىلىرى بىمالال خوڭكوڭغا كىرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتەلەيدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ئەگەردە خوڭكوڭ چېگراسىدىن ئۆتسە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئاشىدىكەن.

ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان كىشىلەرنى لاگېرلارغا قاماۋاتقانلىقىدەك ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ خوڭكوڭلۇقلاردا ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىن كېيىن ئەمدىلىكتە مۇستەبىتلىك قولىنى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلەرگىمۇ سوزۇشى» مۇمكىنلىكىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىلشات ئەپەندى ئانالىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» بەرگەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قەدەممۇ-قەدەم خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا خوڭكوڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ئەۋزەللىكىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېنمۇ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» دېگەن نامىدىكى يالغان ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» دە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ سوت قىلىش» قا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ بار ئىكەن.