گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

26-ماي گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى رۇت كىرىخنېر «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىستراتېگىيەسى، قەبىھ ۋە كۈچلىك تەشۋىقات» ناملىق بىر پروگرامما ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقات قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ غەربلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقات سېپىدىن بىر بۆلۈك چەت ئەللىكلەرنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. پروگراممىغا «خىتاي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارشى تۇرىدۇ-فىلىم ۋە يوتۇب ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى.

پروگراممىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەشنىڭ خەلقئارالىق ئومۇمىي بىر ئېقىمغا ئايلانغانلىقى، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغاننىڭ ئۈستىگە، ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەرخىل فېلىملەرنى ئىشلەپ تارقىتىپ دۇنيانى قايمۇقتۇرىۋاتقانلىقى، بۇ تەشۋىقاتى ئۈچۈن يوتۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كەڭ تۈردە پايدىنىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە خىتايلار يېقىندا ئىشلەپ تارقاتقان «ناخشىنىڭ قانىتى»، «تەغرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى»، «جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ھەقىقىي ھايات خاتىرىسى» ناملىق فىلىملەر كۆرسىتىلگەن. فىلىملاردا گۈزەل مەنزىرىلىك تاغ باغرىدا ئۇيغۇر، قازاق، خىتايلارنىڭ بىرلىكتە خۇشال-خورام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان «غەمسىز»، «بەختلىك ھاياتى» تەسۋىرلەنگەن. فىلىمدا توپ تېپىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى، ساتراچخانا ئاچقان رومالسىز ئۇيغۇر ئايالنىڭ تەسۋىرى بېرىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ «قالاق رايوننى زامانىۋى ئېقىمغا ماسلاشتۇرغان» لىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

فىلىم ئاپتورىنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقاتى سېپىدىن ئورۇن ئالغان بىر بۆلۈك چەت ئەللىكلەر چەككەن. خىتاينىڭ شېنجېن شەھرىدە ياشاۋاتقان ئەنگىلىيەلىك لې باررېت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئولى، كانادالىق داۋىد دۇمبىرىل، ئىسرائىلىيەلىك راز گالور قاتارلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قانچە يۈز مىڭ مۇشتەرىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ بىلەن بارغان ۋە خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان بەزى جايلارنى ساياھەت قىلىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «شىنجاڭدىكى گۈزەل ھايات» نى مەدھىيەلىگەن، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى «ئويدۇرما»، «ئۆسەك سۆزلەر» دەپ ئەيىبلىگەن. ئاپتور بۇ يەردە «بۇلارنى خىتاي ھاكىمىيىتى دەسمايە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن» لىكىنى پەرەز قىلىدۇ.

گېرمانىيە ۋۇرسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئالپېرمان بۇ ھەقتە توختالغاندا «ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدىن قارىغاندا، نۇقسانلار بىلەن تولغان بۇ قوپال تەشۋىقات ئېقىمىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. ئوخشاش بىر ئىپادە شەكلىگە نىسبەتەن، بىز خىتايغا باشقىچە بىر نەزەردىن قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە قارىتا بۇ تەشۋىقاتنىڭ ئانچە بەك تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ تەسىرى يېتىپ ئاشقۇچە يۇقىرى بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاخبارات مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىققا، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرغا تولۇپ تاشقانلىقىنى ئىپادە قىلماقتا، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ بولۇپمۇ ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ،» دەيدۇ.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىشىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭمۇ پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ پىشانىسىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تامغىنى ئۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىستراتېگىيەسى، قەبىھ ۋە كۈچلۈك تەشۋىقات» ناملىق پروگراممىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ياقتۇرمايدىغان ئەڭ چوڭ ئاتالغۇ «ئۇيغۇر مەسىلىسى»، ئەڭ چوڭ تېما «جازا لاگېرلىرى» بولۇپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى بارلىق تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قايتۇرما ھۇجۇم شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن. «ئۇيغۇر مەسىلىسى» ۋە «جازا لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن چەت ئەللىك ياللانمىلاردىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلانماقتا ئىكەن.

دەرۋەقە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىدا خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە چاپان ياپىدىغان غەربلىكلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئامېرىكالىق كومىدىيە ئارتىسى رەداكتەد تونىغت، فرانسىيەلىك قەلەمكەش ماخىمە ۋەۋاس، گېرمانىيەلىك مۇخبىر ھېلمۇت شېبېن قاتارلىق قانچىلىغان غەربلىكلەر خىتاينىڭ زۇۋانى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

گېرمانىيەلىك مۇخبىر ھېلمۇت شېبېن 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى توقۇنۇش ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن باشلاپلا «تېرورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. «ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ساختا ئۇچۇرنىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، فرانسىيەلىك قەلەمكەش ماخىمە ۋىۋاس بولسا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاي تەرەپ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرايلى، غەرب ئاخباراتى تەرىپىدىن يىقىتىلمايلى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن ئوخشاش مەۋقەدە تۇرۇپ «ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى» ئۈچۈن غەربلىكلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار ھاياتى» توغرىسىدا داۋاملىق تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ خىتاينىڭ مەدھىيەسىگە سازاۋەر بولغان. ئامېرىكالىق كومېدىيە ئارتىسى رەداكتەد تونىغت 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان «خاتا قاراش» ناملىق پروگراممىدا غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئۈستىدىن ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە توختالغاندا، پاكىتلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تۇتقا قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىن پاكىت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ سۆزلىرى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن ماختىلىپ كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا دائىر پاكىتلار ئالدىدا بۇ ياللانما قەلەمكشلەرنىڭ پىكىرلىرىنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرىتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۆز زۇلۇملىرىغا چاپان ياپىدىغان ساختا تەشۋىقاتىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىگە قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇملارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، كانادا ۋە لىتۋا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلغان دەسلەپكى 5 دۆلەت بولۇپ قالدى.