خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرى تورداشلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسقا ۋىدىيولار ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تىۋىتتىر ھېسابى ئارقىلىق «شىنجاڭنى يىڭىدىن تونۇش ۋە شىنجاڭدىكى نورمال ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن» ناملىق قىسقا فىلىملەرنى تارقىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى. 20-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىغا ئائىت تۇنجى ۋىدىيو ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 26-ئىيۇل ۋە 27-ئىيۇل كۈنى ئوخشاش مەزمۇندىكى پەرىقلىق سۈرەتلىك فىلىملار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتىر ھېسابى ئارقىلىق تارقىتىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى خەلقئارادا داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان ئوبرازىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. بىراق، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى خاتىرجەم ۋە خوشال-خۇرام قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ دەل ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرى تورداشلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنگەن بولۇپ، تورداشلار بىردەك مەجبۇرىي سۈرەتكە ئىلىنغان بۇ خىل سىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

«مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ خىل ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان ئوبرازى ئالدىدا ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى خۇشال-خۇرام قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ شاتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىزچىل خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رايوندا چەكلىمىسىز خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە. يىغىۋېلىش لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى رەت قىلماقتا.

خىتايدىكى تور ۋىدىيولىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرى شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرى سايىسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يوشۇرۇپ قالالايدىغان ۋەزىيەتتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.