خىتاي چەت ئەلگە قاراتقان تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
قىسقىچە CIIC دەپ ئاتىلىدىغان «خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى مەركىزى» نىڭ بىۋاستە بېيجىڭدىن باشقۇرۇلىدىغان «China.org.cn» تور بېتى 2015-يىلىدىن ئىتىبارەن چەت ئەلگە قارىتا تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ تور بېتى خىتايچە، گېرمانچە، فرانسۇزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە قاتارلىق 10 خىل چەت ئەل تىل-يېزىقىدا خەۋەرلەر تارقىتىدىكەن. مەخسۇس خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ تور بەتلەردە، ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغان 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلىگەن ساختا ئۇچۇرلار ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. بۇلارنىڭ بىرى، بۇ توربەتنىڭ گېرمانچە سەھىپىسىدە 23-ئاپرىل ئېلان قىلىنغان «خىتاي تورداشلار شىنجاڭدىكى مېخانىكىلىق پاختا تېرىشنى نەق مەيداندىن كۆردى» ناملىق خەۋەردۇر.
مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا تېرىشنىڭ ماشىنىلاشقانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ: «ئامېرىكا باشلىق خىتايغا قارشى غەرب كۈچلىرى ئېيتقاندەك، شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتى 23-ئاپرىل قوبۇل قىلغان ب د ت نىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» غا چاپان ياپقان.
24-ئاپرىل بۇ توربېتى گېرمانچە سەھىپىسىدە يەنە «خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاياللار بارلىق خىتاي ئاياللىرىغا ئوخشاش باراۋەرلىكتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدا پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان مىللەت بارلىقى، يالغۇز بۇ «مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرلىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن كەڭ بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاياللىرىنىڭمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ھاياتىغا ئورۇن بېرىلمىگەن، ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپلا ئومۇمىييۈزلۈك چەكلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما «خىتايدا مۇسۇلمانلار، بۇددىستلار، خىرىستىيان مۇرتلىرى ۋە كاتولىك مۇخلىسلىرى ئۆز دىنىغا ئەركىن-ئازادە ئېتىقاد قىلىپ ياشىيالايدۇ» دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، ھەتتا «ئۇيغۇر، قازاق ئاياللىرىنىڭمۇ دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ خىتاي ئاياللىرىغا ئوخشاشلا بارلىق ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقىي رېئاللىقنىڭ شاھىدلىرى خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي سەپسەتە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشماقتا. لاگىر شاھىدى گۇلباھار جېلىلوۋا قازاقىستان پۇقراسى بولۇپ، ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇ «تېرورچىلارغا ياردەم قىلدى» دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. گۇلباھار جېلىلوۋا بۇ ھەقتە توختالغاندا: «مېنىڭ قولغا ئېلىنىشىمغا پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقىم ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىم سەۋەب بولدى،» دېدى.
لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خىتاينىڭ «ئۇيغۇر، قازاق ئاياللىرىنىڭمۇ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، ئۇلار خىتاي ئاياللىرىغا ئوخشاشلا بارلىق ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ» دېگەن بايانلىرىنىڭ ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى، لاگېرلارغا تۇنجى بولۇپ قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە دىنىي ساھەگە مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
لاگىر شاھىدى گۇلباھار خاتىۋاجى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چەت ئەلگە قارىتا ئۈزلۈكسىز يالغان تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەينى چاغدا ئۆزى ياتقان ئىككى جازا لاگېرىدا كۆرگەنلىرىگە بىنائەن ئېيىتقاندا، لاگېرغا قامالغان ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ناماز ئوقىغان، رومال ئارتقان، بالىلىرىنى دىنىي مەكتەپلەرگە بەرگەن ياكى ھاراق-شاراپسىز تويلارغا قاتناشقان دېگەندەك ئاتالمىش «گۇناھ» لار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئاددىي مەزلۇملار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتايدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس، خىتاي ئۆزى تۈزگەن ‹ھەر كىم دىنغا ئىتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكىگە ئىگە› دېگەن قانۇن ماددىسىنىمۇ ئالىقاچان دەپسەندە قىلىپ بولدى،» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «مىللىي سىياسىتى» نى ئاقلاش، كېلىچەكتە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە قارىتىلغان ساختا تەشۋىقاتىغا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتىكەن. خىتاي ھەتتا دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بىرقىسىم چەت ئەللىكلەرنىمۇ ياللاپ ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «تارىختىكى ھەرقانداق زامانغا قارىغاندا خاتىرجەم، بەختىيار ياشاۋاتقان» لىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «تىپىك ساقچى دۆلىتى» گە ۋە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلىنىپ بولغانلىقىمۇ دۇنياغا سىر ئەمەسكەن.