«مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» دە بەختلىك ئۇيغۇرلار تەشۋىقاتى ۋە مۇزېي قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا، بۇ تۈرلەرگە سالغان مەبلەغنى بارغانچە كۆپەيتىشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، 6-ئاپرىلدىن 8-ئاپرىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان «مەدەنىيەت ساياھىتى كۆرگەزمىسى» گە قاتنىشىدىغان مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ساياھەت شىركىتى ۋە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى300 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ رايوندىكى ساياھەت نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك مۇزېيلارغا مەبلەغ سېلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ 20-مارتتىكى خىتايچە خەۋىرىدە بولسا، 18-مارت كۈنى بىڭتۈەنگە تەۋە بولغان ۋۇجياچۈ شەھىرىدە ئېچىلغان «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، ئىچكىرى خىتايدىكى ساياھەت شىركەتلىرى، بانكا ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى مۇزېيلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات كېلىشىملىرى ئىمزالانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

بۇ خەۋەرلەردە يەنە، ساياھەتچىلەرنى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» گە جەلپ قىلدۇرۇشتا، رايوندىكى مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىكتە مۇزېي قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» ئارقىلىق «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى» نامايان قىلىش، تارىخ-ئارخىئولوگىيە مۇزېيلىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش، تارىخىي يادىكارلىقلارنى ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىش ئارقىلىق «شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» نىڭ مۇھىم بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى بۇنداق تەشەببۇسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بىر ئايلىق ۋىزىسىز ساياھەتنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەر ئارقىلىق «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە كۈچەيتىلگەنىدى.

ھالبۇكى نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي زىيارىتى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» دىن توسۇۋاتقان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە مۇزېي قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئارخېئولوگىيەلىك مۇزېي ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇ رايوننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشتا مۇھىم كۆزنەكلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ساياھەتچىلىكنى يولغا قويۇشىنىڭ، ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي غەرىزى جىددىي دىققەت قوزغىشى كېرەك ئىكەن.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى: «خىتاي ھۆكۈمىتى قانداقتۇر ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنى ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ساختا ۋە يالغان تارىخىي پاكىتلارنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مىساللارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» ۋە مۇزېيلارغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشىدىكى مەقسەتنىڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» تەشۋىقاتلىرىدا، مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنە كىيىملىرىنى كىيىپ كوچىلاردا، رېستورانلاردا ھەتتا ئىلگىرى مەسچىت ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىدىغان ئايۋان-سارايلاردا ساياھەتچىلەرگە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيولار كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلغان.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ياخشى» تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ جايدا «بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» نى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلچەم مەمتىمىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ناخشا-ئۇسسۇللىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ رايوندا ئاتالمىش «دىنىي رادىكاللىق» ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىماقچى، شۇنداقلا «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا بارغانچە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنى، «تىنچ ۋە بەختلىك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار» ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان.

پىروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.