ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» دە ۋەيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.08.13
ramazan-meschitte-ussul-1.jpg رامازان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتتە خىتايچە كىيىم كىيدۈرۈلۈپ ئۇسسۇل سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز. 2023-يىلى ئاپرېل.
Social Media

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نىڭ بارغانچە يۈكسەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، «2024-يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا رايونغا 165 مىليون ساياھەتچى قوبۇل قىلىنىپ، ساياھەت كىرىمى 186 مىليارد 851 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.53 ئاشقان» دېيىلگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» ھەققىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىلقى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر قازاقىستان، مالايسىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان؛ خىتاي ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بولسا سىچۈەن، چۇڭچىڭ، جياڭسۇ ۋە جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەن. خەۋەردە «2024-يىللىق پىلاندا شىنجاڭ 300 مىليون ساياھەتچى قوبۇل قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ» دېيىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر ساياھىتى، ناھىيە-بازارلاردىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى كۆرسىتىش ساياھىتى، مەنزىرىلىك نۇقتىلار ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئالاھىدە سودا شەكلىدىكى ساياھەتنىڭ تېز تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى خىتاي ساياھەتچىلىرى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، مەزكۇر ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى مېھمان-ساراي، رېستورانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرى بولغان مەسچىتلەردىن ئۆزگەرتىلگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۇ يەرلەردىكى تۈرلۈك ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى ئاشكارىلانماقتا.

مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت 8-ئاۋغۇست كۈنى فەيسبوكقا يوللىغان بىر سىنلىق كۆرۈنۈشتە، ئۇيغۇر تارىخىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان تۇرپان كارىزلىرىدا ساياھەت قىلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۇنى پاكىز تۇتۇش ئەقىدىسىگە خىلاپ ھالدا، تۇرپاندىكى كارىز سۈيىگە مەينەت پۇتلىرىنى چىلاپ، مېۋە شۆپۈكلىرى، ئېشىپ قالغان تاماق ۋە قۇرۇق بوتۇلكىلارنى تاشلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىلگىرىكى ئاشكارىلانغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، 2023-يىلى رامىزان مەزگىلىدە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ كۇچادىكى داڭلىق مەسچىتتە، يېرىم-يالىڭاچ كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزى ئوينىغان «كۈسەن ئۇسسۇلى» نى تاماشا قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەخلاق ئەنئەنىسى ھاقارەتلەنگەن بۇ قىلمىش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئورنى ۋە مۇقەددەس جايلىرى بولغان مەسچىتلەرنىڭ زور قىسمى چېقىۋېتىلگەندىن باشقا، نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان مەسچىتلەر خىتايلار خالىغانچە زىيارەت قىلىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ھەتتا رامىزان كۈنلىرىدە مەسچىتلەر ئۇيغۇرلارغا تاقىلىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بەزىلىرى خىتايلار كۆڭۈل ئاچىدىغان بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرۇلغان. مانا بۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى مەقسەتلىك، پىلانلىق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدە، بىر قىسىم مېھمانساراي ۋە رېستورانلارنىڭ ئەسلىدىكى جامە ۋە مەسچىتلەردىن ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. بۇلاردىن بىرى، غۇلجا شەھىرى «قازانچى ساياھەت رايونى» دا خىتايلار تەرىپىدىن مېھمانسارايغا ئايلاندۇرۇلغان، خىتايچە «فەنجىڭ» يەنى «مەنزىرىلىك ھويلا» دەپ نام بېرىلگەن ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن 2022-يىلى 4-ئايدا دەلىللەنگەنىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مېھمانساراي 2019-يىلدىن بۇيان بېيجىڭلىق بىر خىتاي تەرىپىدىن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن. ئەھۋالنى بىلىدىغان غۇلجىلىقلار رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، غۇلجىنىڭ ساياھەت مەركىزى «قازانچى ساياھەت رايونى» غا جايلاشقان بۇ مېھمانساراينىڭ ئەسلىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ خىتاي بازىرى ئەتراپىدىكى «ئۆزبېك مەسچىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەسچىت ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسچىتتە تاكى 2016-يىلغىچە ناماز ئوقۇش داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت تەشۋىقاتىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ۋە رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» دە ۋەيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ۋە زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلغانلىقىنى بازارغا سالسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن پايدا يارىتىۋاتقان بۇ خىل ساياھەتچىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋەيران قىلىنماقتا ئىكەن.

خىتاي ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەنزىرىلىك جايلاردا ساياھەت قىلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىدا خالىغانچە تاشلىغان ئەخلەتلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.