خىتاي ھۆكۈمىتى سايراگۈل ساۋۇتبايغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2020-يىللىق «جەسۇر ئاياللار خەلقئارا مۇكاپاتى» تارقاتقان ئىدى. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 12 ئايالنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە غەرب دۇنياسىغا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىت سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ بار بولۇپ، بۇ ۋەقە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ فېيسبۇك بېتىدە بۇنىڭغا نىسبەتەن قىلغان پىكرى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

«قازاقىستان بۈگۈن» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «تۇتاش سېرك-خىتاي ئەلچىسىنىڭ سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئامېرىكادا مۇكاپاتلىنىشى ھەققىدىكى پىكرى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىسى، بىرىنچىدىن، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينى، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات بەرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.

«پەرغانە» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتاي ئەلچىسى ئەلدىن قاچقان قازاق قىزىنى ساتقۇنلۇقتا ۋە تۆھمەتتە ئەيىبلىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىسى سايراگۈل ساۋۇتباينى «جىنايەتچى» دەپ ئاتىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قانداقمۇ جەسۇرلۇق ھەققىدە سۆز بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇنىڭ جەسۇرلۇقى - بۇ ئۆز ۋەتىنىنى سېتىش، ئۇنى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىنى باققان دۆلەتنى ئەڭ قەبىھ ۋە پەس سۆزلەر بىلەن قارىلاشتۇر.»

خىتاي ئەلچىسى بۇ مۇكاپاتنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارىتىلغان چوڭ ئىغۋا دەپ قاراپ، لاگېرلار ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەر ۋە گۈللەنگەن رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا يەنە كېيىنكى بىر نەچچە يىل داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ۋە مىللىي ئەيىبلەشلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ھەم قىرغىزلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

«قازاقىستان زاكون» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەلچىسى قازاق قىزىنىڭ جەسۇرلۇق مۇكاپاتى ئالغانلىقى ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ شياۋ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئاقلاشقا تىرىشقان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ تىنچ ئۆمۈر سۈرۈۋاتقانلىقىنى، «كەسپىي بىلىم بېرىش مەركەزلىرىنى» پۈتتۈرگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا بىمالال ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەلدە تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۈنۈملۈك كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس دوس كۆشىم ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئاقلاشقا، يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى روشەن كۆرۈشكە بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «سايراگۈلنىڭ ئاخىرغىچە يەتكۈزگىنى شۇكى، ئۇ ئۆز ئائىلىسى بىلەن قوشۇلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسىتىنى پاش قىلدى. مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ ھۆرمەتلەشكە لايىق بىر ئىش. بۇ يەردە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم پۇقرالىق پەرزىنى ھەم ئانىلىق بۇرچىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ مۇنچىلىك يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق قوللايمەن. بۇ ئەلۋەتتە، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ياخشى. ئامېرىكا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان مەملىكەت بولغانلىقتىن ئامېرىكانىڭ سايراگۈلنى مۇكاپاتلاشقا تاللىشى ھەم سايراگۈلنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلىشى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى قازاقىستان ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭغا ھېچ قانداق بىر مەۋقە بىلدۈرەلمەيدۇ.»

دوس كۆشىم بۇ مەسىلىدە قازاقىستاننىڭ بىتەرەپ پوزىتسىيە قوللىنىۋاتقانلىقىنى، سايراگۈل ساۋۇتباي قازاقىستان پۇقراسى بولمىغانلىقتىن قازاقىستاننىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدى.

«جاس ئالاش» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «باتۇر سايراگۈل خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى» ناملىق ماقالىدا خىتاي ئەلچىسىنىڭ دىپلوماتقا خاس سىپايلىقنى قايرىپ قويۇپ، فېيسبۇكتىكى ئۆز ھېساباتىدا ئامېرىكا ۋە سايراگۈلگە قارىتا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى ئېيتىلغان. ماقالىدا يەنە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ شەخسىيىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈرەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سايراگۈل ساۋۇتبايغا پاناھلىق بەرمەسلىكى خىتاينىڭ مەيلىگە بېقىپ، شىنجاڭدىكى قازاقلار ھەم ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنىۋاتقان تەقىبلەشلەرنى، شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوشۇرۇپ قېلىشنى كۆزلەيدىغان سىياسىي قارار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىلمىدى، سايراگۈل ساۋۇتباي بالا-چاقىسىنى يېتىلەپ، قازاقىستاندىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى.»

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى قايرات بايتوللا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سايراگۈل ساۋۇتبايغا مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ھەدىسى بىسارا ساۋۇتباي، سىڭلىسى پانارگۈل ساۋۇتباي شۇنداقلا سايراگۈل ئىلگىرى ئىشلىگەن چاغانسۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قادانۇر تاجى، موڭغولكۈرە ناھىيەلىك قەرز كوپېراتىپىنىڭ باشلىقى تىەن شىلىن قاتارلىقلار ‹سايراگۈل ساۋۇتباي ئاخچا ئېلىپ كەتتى، سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرىدا مۇئەللىم بولمىغان› دېگەنگە ئوخشاش قارىلاش، يالا يېپىش سۆزلىرىنى قىلىشقا باشلىدى. بىز ئەلۋەتتە، ئۇلارنى بېسىم ئاستىدا قىلدى، دەپ چۈشىنىمىز. ئۆز ۋاقتىدا رابىيە قادىرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى شۇنداق قىلدۇرغان ئىدى. كىم خىتايغا قارشى بولسا، خىتاي تەرەپ شۇلارنى ‹ئۆز يېغىدا ئۆزى گۆشىنى قورۇش› تاكتىكىسى ئارقىلىق قارىلايدۇ، يالا ياپىدۇ. سايراگۈل ساۋۇتباي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پاش قىلغان دەسلەپكى شاھىت. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ سايراگۈل ساۋۇتباينى ھەر قانداق شەكىلدە قارىلىشىغا قارشى.»

تونۇلغان قازاقىستانلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى، ژۇرنالىست جانبولات ماماي يۇتۇبتىكى نۇتقىدا خىتاي ئەلچىسى جاڭ شياۋنىڭ سايراگۈل ساۋۇتباي مەسىلىسىگە ئائىت ئېيتقان پىكرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بولمىسۇن، باشەلچى دىپلومات بولۇشى كېرەك. ئۇ بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى، جەمئىيەتلىك پىكرىنى ھۆرمەتلىشى، شۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىشى كېرەك. ئۇ بۇ ئەلنىڭ مېھمىنى. ئۇ مەملىكەت رەھبىرى ئەمەس، پەقەت ۋەكىلى.»

جانبولات ماماي خىتاي ئەلچىسىنىڭ قىلغان پىكرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، قازاقىستاندا سايراگۈل ساۋۇتباينى تۈرمىگە ئولتۇرغۇزۇپ سوتلىغان بولسا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇنىڭغا دۆلەت مۇكاپاتى بەرگەنلىكىنى، بۇنى پۈتكۈل قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ ئابرۇي، ھۆرمەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا خانىم قازاق قىزى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ «جەسۇر ئاياللار خەلقئارا مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سايراگۈل خىتاي فاشىستلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزدى. خىتاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھېچ قانداق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى سۆزلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسىتىگە ھېچ قاچان ئىشەنمەيمىز.»

شەھەربانۇم سەيدۇللاېۋا رۇقىيە پەرھات، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق كۆپلىگەن لاگېر شاھىتلىرىنىمۇ خەلقئاراغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئېلىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ جەھەتتە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.