لاگېر شاھىتى سايراگۈل: «نيۇرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-03-03
Share
sayragul-germaniye-guwahliq.jpg گېرمانىيە پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى شاھىتى، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتباي گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى 18-نويابىر.
RFA/Ekrem

مۆڭغۇلكۈرەدىكى خىتاي جازا لاگېرىدا 5 ئاي ئوقۇتقۇچى بولغان سايراگۈل سائۇتباي، لاگېردىكى خورلاش ۋە باسقۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىكى جاسارىتى بىلەن 2019-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «جەسۇر ئاياللار» مۇپاكاتىنىڭ ساھىبى بولغان بولسا، بۇ نۆۋەت ئۇ يەنە گېرمانىيەنىڭ 2021-يىللىق «نيۇرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن.

مەزكۇر خۇشخەۋەر ئۇيغۇرلارنىمۇ ئىپتىخارلاندۇردى. مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سايراگۈل سائۇتباي «مېنى ئۇشبۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈشى ياۋرۇپادىكى ئادالەتپەرۋەر ئەللەرنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ سايراگۈل سائۇتباي بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت