مۆڭغۇلكۈرەدىكى خىتاي جازا لاگېرىدا 5 ئاي ئوقۇتقۇچى بولغان سايراگۈل سائۇتباي، لاگېردىكى خورلاش ۋە باسقۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىكى جاسارىتى بىلەن 2019-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «جەسۇر ئاياللار» مۇپاكاتىنىڭ ساھىبى بولغان بولسا، بۇ نۆۋەت ئۇ يەنە گېرمانىيەنىڭ 2021-يىللىق «نيۇرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن.
مەزكۇر خۇشخەۋەر ئۇيغۇرلارنىمۇ ئىپتىخارلاندۇردى. مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سايراگۈل سائۇتباي «مېنى ئۇشبۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈشى ياۋرۇپادىكى ئادالەتپەرۋەر ئەللەرنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ سايراگۈل سائۇتباي بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.
