شان روبېرتس: «بۇنداق ساقچى دۆلىتىنى دۇنيا تېخى كۆرۈپ باقمىغان!»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى بارغانسېرى كۆپ ساھەگە مەلۇم بولۇشقا ئەگىشىپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قىزىققۇچىلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىماقتا. ئەنە شۇ خىل ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ «مەركەز دىئالوگى» رادىيو سۆھبىتى پروگرممىسى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى.

پروگرامما رىياسەتچىسى شان سپېير ئەپەندى كۆپ قىسىم تاماشىبىنلارنىڭ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىپ، پروفېسسور شان روبېرتستىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى سورىدى.

پروفېسسور شان روبېرتس ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى ماكان قىلىپ قەدىمدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك خەلق ئىكەنلىكىدىن سۆز باشلىدى. شۇنداقلا مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيەسى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان زېمىننى خىتاي دۆلىتىگە قوشۇۋالغان ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە زېمىنغا بولغان كۈچلۈك ھەقدارلىق چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ بولغانلىقىنى، دەل مۇشۇ ھەقدارلىق چۈشەنچىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بىر مۇستەقىل خەلق، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىننى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ «پۇرچىقى پىشمىغان». يەنە كېلىپ خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدىكى بىر پارچە مەزمۇن قىلىپ ئۆزلەشتۈرىۋالماقچى بولغان. بۇ ئۇرۇنۇش 1950-يىللىرى، ئاندىن 1980-يىللىرى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ تاشقىي دۇنياغا قارىتا نەچچە ئون يىللاپ ئىشىكنى مەھكەم تاقىۋالغان خىتاي دۆلىتى 1980-يىللاردا ئىشىكنى ئېچىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ تەرەپكە قاراپ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشنى دەسلەپكە قەدەمدە ئويلىشىشقا باشلىغان (بۇ بولسا ھازىر «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى نامىدا ئىجرا بولۇۋاتىدۇ). بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل مۇشۇ «ئۇلۇغۋار پىلان» غا «تاقىشىپ قېلىۋاتقانلىقى» نى بايقاشقا باشلىغان. 1990-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن مۇستەقىل بولۇشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاشۇ خىل شەكىلدە مۇستەقىل بولۇپ خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا. نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش ناھايىتى ئۇزۇن ئارقا كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ھەرقاچان ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇق بىلەن «زەھەرلەنگەن» بىر تۈركۈم كىشىلەرنى «تەربىيەلەش» زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. رىياسەتچى شان سپېيرمۇ دەل مۇشۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇيغۇرلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سورىدى.

پروفېسسور شان روبېرتس بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئۇيغۇرلارنىڭ 1990-يىللىرى ئىسلام دىنىغا قايتىدىن قۇچاق ئېچىشى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالماسلىقنى زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، 1980-يىللارغىچە ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى قاتتىق يەنجىپ تاشلانغان بولسىمۇ، خىتاي ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي ئەركىنلىك شامىلىدا ئىسلام دىنىنى زور ئىشتىياق بىلەن باغاشلىغان. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇلاردا دىنىي ئاشقۇنلۇق، دەپ قارىغۇدەك بىرەر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقمىغان. خىتاي ھۆكۈمتىمۇ «بۆلگۈنچىلىك» ھەققىدە سۆز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ھېچقاچان «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ياكى «تېرورلۇق» ھەققىدە سۆز قىلىپ باقمىغان. پەقەت «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىردىنلا ئۆزلىرىنىڭ «تېرورلۇقنىڭ قۇربانى» بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن كېيىنلا «ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېرورلۇق» ئاتالغۇلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىملاپ ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن تېرورلۇقى» ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق شەكىل ئالغان ھېچقانداق جىھاد تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىغان. سۈرىيەدىكى ئ‍ۇيغۇر قوراللىقلىرى مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېيتىپ ئۆزى ئىشىنىدىغان «ئەۋلىيالىقى» نىڭ نەتىجىسى بولسا، «شەرقىي تۈركىستاندا جىھاد قىلىش» ھەققىدە ۋىدېيو ئىشلەپ تارقىتىۋاتقانلار بىرنەچچىلا كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا، خالاس. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورلۇق ھەركىتى» توغرىسىدا سۆز بولغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا «ئەمدى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ئۇلارغا تېرورلۇق قىلىشتىن باشقىمۇ بىرەر يول بارمۇ؟» دەپ سوئال قويىدىغان بولدى.

بۇ ھەقتىكى سوئاللار قاتارىدا رىياسەتچى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان لاگېر سىستېمىسى ۋە نازارەت مېخانىزىمى بولدى.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللىرى دەسلەپكى قەدەمدە چىڭىتىشقا باشلىغان كونتروللۇق 2016-يىلىدىن كېيىن يۇقۇرى پەللىگە چىققان. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى تېزدىن بىر مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە كېلىپ بۇ دەرىجىدە يۇقۇرى پەن-تېخنىكا بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن ساقچى دۆلىتى تېخى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە قۇرۇلۇپ باقمىغان. بۇ ساقچى دۆلىتىدە ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىكى كىشىنىڭ ھەممىسى «تېرورچى» ياكى «مەسىلىسى بار» دەپ قارىلىپ «ئۆگىنىشكە بېرىش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار بارىدىغان «مەكتەپ» لەر بولسا ئەمىلىيەتتە پۈتۈنلەي تۈرمە شەكلىدە قۇرۇلغان مۇئەسسەلەر بولۇپ چىققان. ئەنە شۇ تەرىقىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوندىن بىرى دەل مۇشۇ خىلدىكى مەكتەپ ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ مەكتەپلەردىكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلار توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ھازىر بولسا بۇ كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىر مۇھىم مەنبەسى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلى بولسا ئۇدۇل تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بەرپا قىلىپ چىققان بۇ ساقچى دۆلىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەممىلا جايغا يېيىلغان نازارەت مېخانىزىمى، تەقلىدىي ئەقىل ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى نۇرغۇنلىغان «گۇمانلىق» كىشىلەرنى ھەمدە «كەلگۈسىدە ئىش چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەر» نى سۈزۈپ چىققان. لاگېر سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر بولسا ئەنە شۇ خىل قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ خىل قوش بىسلىق باستۇرۇش ماھىيەتتە ئورتاق ھالدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنيىدىن چىقىۋاتقان بارلىق سادانى شەرتسىز قوبۇل قىلىپ تېزدىن ئاسمىلاتسىيە بولۇشقا ئۈندەيدۇ. گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەنە شۇ خىلدىكى ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئاشكارا باھانە-سەۋەب بولۇۋاتسىمۇ، دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان مەيدانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ كېتىشى تېخىمۇ كۈلكىلىك. ئەمدى بولسا چاماسقا ئوخشاش بىر قىسىم پۇل تاپقان زەردارلار «ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە چاتىقىمىز؟» دەپ ئاشكارا خىتاب قىلىشقا ئۆتمەكتە ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم چارە قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەمىنات زەنجىرىنى كېسىپ تاشلاشقا مەركەزلەشكەن.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆز بولغاندا رىياسەتچى شان سپيېر نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي ئىكەنلىكىنى سورىدى. پروفېسسور شان روبېرتىسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ماھىيەتتە كانادا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆتكەن ئەسىرلەردىكى كەچمىشلىرىگە ئوخشاپ كەتمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا ئاشكارا نىيەت مەۋجۇت بولۇپ نىشان ئاشۇ خەلقنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا مەركەزلەشكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ھەمدە ئۇلارنى مەجبۇرىي شەكىلدە ئاسمىلاتسىيە قىلىشتەك بۇ ئۇرۇنۇشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش-ئاتىماسلىق ھەققىدە زور بىر مەيدان مۇنازىرە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا مايىل ئىكەن. گەرچە بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك «قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە ھازىر دۇنيا مىقياسىدا زور دىققەت قوزغىماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر ۋە مۇنازىرىلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە ئېيتىلىغان مەزمۇنلار بويىچە ئۆلچەشنى تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن. ئەمما بۇنىڭغا ئارىلىشىپ كەتكەن ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەدىكى كۆپلىگەن ئامىللار نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ قىلىۋەتمەكتە ئىكەن.