دوكتور قەيسەر مىجىت: «سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى» نى بەرپا قىلىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدۇر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا، 2023-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئەۋزەل كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش ۋە كېڭەيتىش، شۇنداقلا «سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى قوللايدىغان زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

28-نويابىر كۈنى خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى پىلانىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن، «دۇنيانىڭ ئېھتىياجىنى راۋان قامداش—شىنجاڭنىڭ سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» تەشۋىقات يىغىنىنى بېيجىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىملىق خىتاي خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم پائالىيىتى سۈپىتىدە ئېچىلغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا بىر گەۋدىلەشكەن نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلىرى؛ كۆمۈر، كۆمۈر-ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى؛ يېشىل كانچىلىق كەسىپلىرى؛ ئاشلىق-ياغ كەسىپلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسىپلىرى، ئورگانىك مېۋە-كۆكتات كەسىپلىرى، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىدىن ئىبارەت «8 چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى ئاساس قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات يىغىنلىرى ۋە كۆرگەزمىلەرنى ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ ماھىيەتتە ئۆز جىنايىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇش، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك تەسىرات پەيدا قىلىش، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قويغان ئىقتىسادىي جازالىرىنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىشكە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەركىن تۇنىياز مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بايلىق مەنبەسى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە رايون ئىكەنلىكىنى، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ رايوندا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، ئاتالمىش «سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى بەرپا قىلىشنىڭ خىتاي كۈتكەندەك ئالاھىدە نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ‹بىر بەلباغ بىر يول› پىلانى ناھايىتى چوڭ پىلان. ئۆتكەن ئون يىلدا ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىندى. گەرچە بۇ قۇرۇلۇش ئافرىقا ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا مەلۇم تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئادالەتكە، دەۋر تەرەققىياتىغا ۋە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە زىت رەزىل ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ئىقتىساد ۋە سودىدىكى خەلقئارا قائىدىلەرگە ئەمەل قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. شۇڭلاشقا، پۈتكۈل ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى كىرىزىسقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناچار دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى، پايچەك بازىرى، قەرز-پۇل مەبلىغى، ئىستېمال بازىرى قاتارلىقلار خەلقئارا سودا بازىرىدا تەس كۈنگە قېلىۋاتىدۇ. مانا بۇلار خىتايدا ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتالمىش ‹سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى› ناھايىتى چەكلىك رول ئوينايدۇ. »

قەيسەر مىجىت ئەپەندى خىتاينىڭ ئاتالمىش «سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» گە تەۋە بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغان بىر يىل مابەينىدە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش نىشانى كۈنتاختا، پەمىدۇر ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان شارائىتتا، خىتاينىڭ يەنىلا بۇ ساھەدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى چىڭشۇاڭمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن «سەككىز دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان بەش پورت ۋە ياۋروپا بىلەن ئاسىياغا تۇتىشىدىغان بىر يول» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتكەن.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقى ۋە ئەيىبلىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئادالەتكە، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

«مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارىساق، ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بەزى قانۇن-نىزاملار يولغا قويۇلدى. ئەمما بۇ جازا سەۋەبلىك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزىگە خاس پىلان-ئىدېئولوگىيەسى، مەقسىتى ۋە سىياسىتى بار. شۇڭا خىتاي ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ‹بىر بەلباغ بىر يول› بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە پەرۋا قىلمايدىغان ياكى سەل قارايدىغان دۆلەتلەر بىلەن كۆپرەك سودا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن».