ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «كېلەچەك» (Gelecek) ۋە «رەفاھ» (Refah) پارتىيەلىرىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ (Selçuk Özdağ) ئەپەندى 8-ئاۋغۇست كۈنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ رادىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا «بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى ۋە ۋىجدانى بولىمىز» دېدى.
ئۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆتكەن يىللاردا سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەدە ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلىقىنى، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سايلامدا تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەندىن كېيىن ئىككى سىياسىي پارتىيە بىرلىكتە گۇرۇپپا قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە باشقا دۆلەتلەر پارلامېنتىدىكىگە ئوخشاش تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ قارار ماقۇللىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
« ‹كېلەچەك› پارتىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ » دېگەن سوئالىمىزغا سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستان بىز تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتىدۇر. ئۇيغۇرلار ھازىر ئانا يۇرتى بولغان تۈركىيەدىمۇ تۇرۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرىپى بار، مەدەنىيەت بىلەن چېتىشلىق تەرىپىمۇ بار، ئىنسانىي تەرىپىمۇ بار. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە داۋاملىق خىتايغا چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز داۋاملىق ھالدا بۇنى تەكىتلەۋاتىمىز. خىتايلار خىتايدا قانداق ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلار، شۇنىڭدەك خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئوخشاش ھەق ۋە ھوقۇقلارغا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدۇق.»
ئۇ «بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ » دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر كۆپ. بىرىنچىسى خىتايغا ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش كېرەك. ئىككىنچىسى سىياسىي جەھەتتىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك. ئۈچىنچىسى، كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلار جەھەتتىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك.»
«ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ » دېگەن سوئالىمىزغا سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۈتۈۋاتقان خىرىسلار بار. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە تۇرماقتا. خىتاي بۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي <شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن مېنىڭ زېمىنىم، بۇ جاينىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ماڭا مەنسۇپ> دەۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە، غەرب دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەنلەرنىمۇ كۈتۈۋاتقان خىرىسلار مەۋجۇت. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆز ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇماسلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. تىل-بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىدۇر. شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. مەدەنىيەت دېگەن نېمە، دېگەن ۋاقتىمىزدا مەدەنىيەت بىر مىللەت پەيدا بولغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بەرپا قىلغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستانلىقلار چەتئەللەردە خىتاي زۇلمىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قېلىشقا، ئۇيغۇر مىللەتچىلىك روھىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.»
«ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتىچۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلار بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلار بەش مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆز مۇزىكىسىنى، تىلىنى، سەنئىتىنى، تارىخىنى، بىناكارلىق سەنئىتىنى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇندىن كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بۇنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تۈركلىرى قايسى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر كىملىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى باشقا مىللەتلەردىن ئايرىپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئامىللارنى ئۇنتۇماسلىقى ھەمدە بۇلارنى ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىشى لازىم. تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك.»
« ‹كېلەچەك› پارتىيەسى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟ » دېگەن سوئالىمىزغا سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق ‹كېلەچەك› پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سالىمىنى يوللايمەن. ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا مەن سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئورۇن باسار (مۇئاۋىن) لىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتاتتىم. شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدۇق. بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز. بىز ئاتا يۇرتىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستانغا بولغان بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق، دەپ ئويلايمەن. بۇندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى ۋە ۋىجدانى بولۇشنى داۋام قىلىمەن. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغان ھەر قانداق دۆلەت ۋە شەخسلەرگە ئۇلارنىڭ قايسى مىللەتتىن ياكى قايسى دىندىن بولۇشىغا قارىماي رەھمەت ئېيتىمىز ھەم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىمىز.»
بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن ئون نەپەر، «رەفاھ» پارتىيەسىدىن ئون نەپەر بولۇپ، جەمئىي 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىپ پارلامېنتتا ئورۇن ئىگىلىگەن ھەمدە مەزكۇر ئىككى پارتىيە بىرلىكتە تۈركىيە پارلامېنتىدا گۇرۇپپا قۇرغان. سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بولسا مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى پېشقەدەم سىياسەتچى بولۇپ، ئۇ، بۇرۇن ۋە ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان «ئادالەت ۋە تەرەقىيات (AK) پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2019-يىلى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر پارتىيەدىن ئايرىلىپ «كېلەچەك» پارتىيەسىنى قۇرغان.