قەشقەردىكى بىر ساقچى: «سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم مۇسا ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن تۇتقۇندا»

0:00 / 0:00

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم مۇسا، ئۇنىڭ ئايالى دىلنۇر ھۈسەيىن ۋە بىر ئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قەشقەردىكى سەمەن مېھمانخانىسى تەۋەلىكىگە مەسئۇل بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمى ئىبراھىم مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئوتتۇرانچى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم مۇسا قەشقەردە ئەڭ بالدۇر ئىگىلىك تىكلىگەن، مېۋە-چېۋە سودىسى، ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى، مېھمانخانا ۋە ساياھەت ئىشلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەدە سودا قىلىپ بېيىغان كىشى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئىبراھىم مۇسا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن 2017‏-يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە ئەكېتىلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى دىلنۇر ۋە بىر ئوغلىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. دەسلەپ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملار ئىبراھىم مۇسا ۋە ئۇنىڭ شىركىتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. توردىكى ئۇچۇر ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم مۇسا 2005‏-يىلى خىتاي بويىچە «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالانغان. يەنە بىر توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن خەۋەرنىڭ ئىزناسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم مۇسا 2016‏-يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ سايلانغان.

قەشقەردىكى سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ مۇلازىمەتچى خادىملىرى ئىبراھىم مۇسا ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا پەقەت مېھمانخانىنىڭ نۆۋەتتىكى دىرېكتورىنىڭلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما بۇ دىرېكتور ئىبراھىم مۇسانىڭ نەدىلىكى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەردىكى سەمەن مېھمانخانىسى تەۋەلىكىگە مەسئۇل بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ساھىبىنىڭ ۋۇ زوڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن ئىبراھىم مۇسانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. گەرچە ئۇ ئىبراھىم مۇسانىڭ ئېنىق قاچان تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىبراھىم مۇسانىڭ ئايالى دىلبەر ھۈسەيىننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۆزىنىڭ سەمەن تەۋەلىكىنىڭ مۇقىملىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ساقچى ئىكەنلىكى ۋە بىر گۇرۇپپا دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم ئىبراھىم مۇسانىڭ دېلوسىغا ئۆزىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقىنى، دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئىبراھىم مۇسا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئالاقىدار ئىشلاردا مېھمانخانىنىڭ نۆۋەتتىكى دىرېكتورى ۋۇ زوڭ بىلەنلا مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىلگىرى قەشقەردە خەلقئارا مېۋە-چېۋە سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە ياپونىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىبراھىم مۇسا قەشقەردە خېلى ئىگىلىك تىكلىگەن تىجارەتچىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم قاتارلىق بىر تۈرۈكۈم سودا-سانائەتچىلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇتۇلغان ئىكەن.

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر 2017‏-يىلدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سودا شىركەتلىرىنىڭ بەزلىرى قەشقەردە سودىسى ئاقمىغان خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن؛ يەنە بەزىلىرى بولسا شۇ شىركەتلەردىكى خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا ئوڭچە قالغان. مەزكۇر دۆلەت ئامانلىق خادىمى سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى دىرېكتورى ۋۇ زوڭنىڭ ئەسلىدە بۇ مېھمانخانىنىڭ بىر مۇلازىمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ سوئالىمىزغا جاۋابەن ئىبراھىم مۇسانىڭ 6 پەرزەنتى بارلىقى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆيىدە بار-يوقلۇقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىبراھىم مۇسانىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى يوشۇرمىدى. بۇ خادىم باشتىن-ئاخىر ئىبراھىم مۇسانىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىنكى قامالغان ئورنى ۋە تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكرارلىدى.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى ئىبراھىم مۇسانىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ياكى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتۇلغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئۇيغۇر كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تور ئارخىپلىرىدا ھېلىھەم ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رايوندىكى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە سودىگەرلىرى تىزىملىكىدە ئىبراھىم مۇسانىڭمۇ ئىسمى ۋە سەمەن ساياھەت ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر تىزىملىكتە ئىبراھىم مۇسانىڭ 2000 ‏-يىلىلا 12 مىليون يۈەنلىك مەبلەغگە ئىگە كارخانىچى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.