2023-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەگىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا «ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلىش» توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەتكە كانادادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
يىغىندا يەنە «ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق قوللاش» (International Support for Uyghurs) تەشكىلاتىدىن بىر قانچە كىشىمۇ سۆز قىلغان. سەمىر زۇبەرى كانادانىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇرنى ئەكېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان كونكرېت خىزمەتلەر ھەققىدە توختالغان. سەمىر زۇبەرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ۋە ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، مەگىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتى ئىدى. بۇ پائالىيەتتە، ئۇنىۋېرسىتېت، جەمئىيەت ۋە كانادا پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىق ھەققىدە سۆزلەندى. ھازىر داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېت، جەمئىيەت ۋە كانادا پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق كونكرېت ياردەم قىلىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. مەگىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ ۋە ئۆزئارا تەشكىللىنىپ ئېلىپ بارغان پائالىيىتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ يىلدا بىر ئېلىپ بارىدىغان پائالىيىتى. بۇنى <ئۆيىگە قايتىش> دەپ ئاتايدۇ. بۇ پائالىيەت تەشكىللەش ئارقىلىق ھازىر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ» .
سەمىر زۇبەرى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بىز كانادانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى توغرىسىدا، يەنى كانادانىڭ ئۈچىنچى دۆلەتتىن 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈش نىيىتى ھەققىدە ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. شۇنداقلا، سوئال-جاۋاب قىسمىدا، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇلدى. بەك ياخشى بولدى».
مەگىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ «ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق قوللاش» تەشكىلاتىدا خالىسانە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنژېنېر زاپەر ئالىپ بۇ يىغىلىشتا سۆز قىلغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى قىزغىن بولدى. كۆپ سوئال سورىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرۈشتى» دېدى.

«ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق قوللاش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە كانادا پارلامېنتىدا كۆپ پائالىيەت ئېلىپ باردۇق. 300 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىغا خەت يازدۇق. ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ كانادادا تونۇلۇشى ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدۇق».
سەمىر زۇبەرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى ئېلىپ كېلىش ھەققىدە كونكرېت ھەرىكەت پىلانى ۋە لايىھەسىنى ئېلان قىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتىكەن.