«ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىغا بېرىلگەن مىرزا قاماق جازاسى 3-نۆۋەت يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلغان

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاتا يۇرتى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن قازاقلارنىڭ، خىتاي تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقلىرىنى ئىككى يىلدىن بۇيان مەتبۇئاتلارغا ئاڭلىتىپ كەلگەن سېرىكجان بىلاشئوغلى بۇ يىل 3‏-ئايدا ئالمۇتا شەھىرىدە قولغا ئېلىنىپ قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

نۇرسۇلتان شەھىرىدە 7-ئىيۇن ئېچىلغان ئالدىن قېتىملىق سوتتا بىلاشئوغلىنىڭ 10-ئىيۇلغا قەدەر مىرزا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ مىرزا قاماقتىن بوشۇتىلىدىغىنىغا ئىككى كۈن قالغاندا، يەنى 8-ئىيۇل قايتا نۇر سۇلتان شەھەرلىك سوتقا چاقىرتىلىپ، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا بېرىلگەن مىرزا قاماقنى 3-قېتىم تەكرار بىر ئاي ئۇزاتقان.

20 يىلدىن بۇيان ئالمۇتادا ياشاۋاتقان سېرىكجان 3-ئاينىڭ 10-كۈنى نۇرسۇلتان شەھىرىگە تۇتۇپ كېتىلگەندە، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا زور غۇلغۇلا قوزغالغان ۋە بىرىنچى قېتىملىق سوتتا ئۇنىڭغا ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايماننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن بىلاشئوغلى قاماقتىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى بولمىسىمۇ يەنىلا ئۇ پايتەخت نۇرسۇلتان شەھىرىدىن ئايرىلماسلىق شەرتى بىلەن مىرزا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ئالمۇتادىكى ئايالى ۋە ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىپ مەجبۇرىي نۇرسۇلتان شەھىرىدە ياشاۋاتقىنىغا 100 كۈندىن ئاشتى.

بىلاشئوغلىنىڭ سوتىغا ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان بۇ قېتىم قاتنىشالمىغان. ئايماننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، دائىرىلەر بىلاشئوغلىنىڭ سوتى بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا 7-ئىيۇل ئاخشىمى ئۇقتۇرغان.

سېرىكجاننىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى جىن بونن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ سېرىكجاننىڭ سوتى بولىدىغانلىقىنى سوت باشلىنىشىدىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقى، ئالمۇتا بىلەن پايتەختىنىڭ مۇساپىسى 1300كىلومېتىر كېلىدىغان بولغاچقا. قىسقا ۋاقىتتا سوتقا ئۈلگۈرۈپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن تىلغا ئالدى.

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئىيۇل قازاقىستان سابىق پرېزىدېنتى نۇرسۇلتاننىڭ نازاربايېفنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پايتەختتە ھەممە ئورۇنلار مەخسۇس 3 كۈنلۈك بايراملىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاتا يۇرت تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى بىلاشئوغلىنىڭ سوتىنىڭ دەل بايرام كۈنىگە تۇيۇقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا كېچىكىپ ئۇقتۇرۇلۇشىنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش دەپ قارىماقتا ئىكەن.

8-ئىيۇل سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ سوتى ھەققىدە، بەزى قازاق پائالىيەتچىلەرنىڭ تەمىنلىگەن سىن كۆرۈنۈشىدە، سېرىكجان سوتنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن مىرزا قاماقنى تەكرار ئۇزارتىشىنىڭ قانۇنى ئاساسى يوقلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادۋوكاتى قاتناشمىغان بۇ سوتتا ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان. ئۇ؛ «يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان ئۆيۈم ئالمۇتادا، مېنى ئاستانادا تۇتۇپ تۇرۇشۇڭلارنىڭمۇ ئەسلا قانۇنى ئاساسى يوق، قانچە ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرساڭلارمۇ مېنى قارىلاپ جىنايەت ئارتىشقا قانۇنىي ئىسپاتىڭلار يوق، چۈنكى مەن ئۆمرۈمدە ھېچقاچان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، قازاقىستان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ سوتلىنىپمۇ باقمىغان. مېنى سوتقا چاقىرغانلار مېنى ئەيىبلەيدىغانغا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ باشقا جىنايىتىم يوق. مېنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئاتا-ئانا ۋە بالىلىرى قامىلىپ تىرىك يېتىمگە ئايلانغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، ئادالەت تەلەپ قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھىم يوق» دېگەن.

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ نۇرسۇلتان شەھىرىدىكى ۋەكىلىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سوتقا قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلگەن 100 گە يېقىن قازاق قاتناشقان. گەرچە بۇ قېتىمغا سوت ئالدىنقى قېتىمقىدەك يېپىق شەكىلدە بولمىسىمۇ ئەمما ئىلگىرىكىدىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، سوتنىڭ سىرتىدا 6 ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قوراللىق ئالاھىدە قىسىم ھەمدە بىر بوش ئاپتوبۇس سوت ئاخىرلىشىپ، ئامما تارقاپ كەتكۈچە تۇرغان.

سېرىكجان سوت ئاخىرلاشقاندا ئۆزىنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان ۋە كىنايە قىلىپ: «بىز ھەممىمىز قېرىنداش بولساقمۇ ئوخشاش تۇپراقتىن كەلگەن بولساقمۇ ھېچ زامان تونۇشمىغان ئىدۇق، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مېنى سوتلىشى بىلەن جەم بولۇپ تونۇشتۇق، بۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى ۋە سېرىكجاننىڭ ۋەكىللىرىنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن سۈرەتلىك ۋە سىنلىق ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا سېرىكجاننىڭ قوللىغۇچىلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا قوللىرىدا ئىنگلىزچە، رۇسچە، قازاقچە ۋە خىتايچە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ مىرزاقاماقتىن بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ بايانات بەرگەن.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 2‏-ئايدا سېرىكجاننى قانۇنسىز تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 670 دوللار جەرىمانە قويغان. ئەمەلىيەتتە سېرىكجاننىڭ «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنى قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلىپى ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 4 قېتىم رەت قىلىنغان.

«ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئالمۇتادىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىلاشئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن تەڭ «ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يولىدىكى پائالىيەتلىرىمۇ بارغانچە پالەچ ھالەتكە چۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ لاگېرغا سولانغانلار ھەققىدە گۇۋاھلىق توپلاش پائالىيەتلىرىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۇناھسىز مىرزا قاماقتا تۇرۇۋاتقان بىلاشئوغلىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.