د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا: سېرىكجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى «پۈتۈنلەي سىياسىي قارار»

0:00 / 0:00

10-مارت يەكشەنبە كۈنى، خىتايدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇ لاگېرلاردا يېتىۋاتقان قازاقلارنىڭ مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى يەكشەنبە سائەت 1:00 لەردە سېرىكجان بىلاشنى ئالمۇتادا قولغا ئالغان ۋە ئۇنى كېيىن پايتەخت ئاستاناغا يۆتكىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى بۇ ئالاھىدە خادىملار يەنە سېرىكجان بىلاشنىڭ باشچىلىقىدىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئىشخانىسى ئىچىدىكى بارلىق ماتېرىياللار، ھۆججەتلەر، كومپيۇتېرلار ۋە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قازاقلارنىڭ بەرگەن يازما گۇۋاھلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. سېرىكجان بىلاشنىڭ خانىمى لەيلا ئادىلجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خادىملار كېتىشتىن بۇرۇن «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ئىشخانىسىنى رەسمىي پېچەتلىگەن.

سېرىكجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى قاتارلىقلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ سېرىكجان بلاشنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ لاگېرلاردىكى قازاقلار شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيەتلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە سېرىكجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى پۈتۈنلەي «سىياسىي قارار» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، سېرىكجان بىلاشنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، خىتاي لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى قازاقىستاننىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ،» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلىرىدىن باشلاپ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغاندىن بېرى، سېرىكجان بىلاش قازاقىستاندا «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» دېگەن تەشكىلاتنى قۇرغان ۋە بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قامالغان قازاقلارنىڭ مەسىلىسىگە جۈملىدىن لاگېر مەسىلىسىگە دىققەت تارتىشتا زور رول ئوينىغان. ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن چەكلىمە ۋە توسۇقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

تېخى يېقىندا، ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە باشقارمىسى سېرىكجان بىلاشنى ئالمۇتا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە «قانۇنسىز تەشكىلاتقا باشچى بولۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەرز قىلغان ۋە 12-ۋە 13-فېۋرال كۈنلىرى ئېچىلغان سوتتا سېرىكجان 252 مىڭ تەنگە، يەنى ئالاھازەل 670 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇلغان. گەرچە سېرىكجان سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، 5-مارت كۈنى ئېچىلغان قايتا سوتتا سوت يەنىلا سېرىكجان ئۈستىدىكى قارارىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.

ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر سېرىكجان بىلاشقا قارىتىلغان بۇ خىل مۇئامىلە، ئۇنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى قۇرۇپ، زور ساندىكى ئاھالىنى سولىغانلىق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى شاھىت ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكالى ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قازاقىستانغا قاتتىق ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

سېرىكجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئاستاناغا ئەپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن ئاممىۋى ھەرىكەتلەر قوزغالغان بىر پەيتتە قازاقىستان سوتى ئۇنى ئۆيىدە نەزەربەنتكە ئېلىشنى قارار قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-مارت دۈشەنبە كۈنى قازاقىستان سوتى ئۇنى ئۆيىدە نەزەربەنتكە ئېلىش ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن سوتىغا قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە قارار چىقارغان.

بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى قازاقىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق.

سېرىكجاننىڭ نەزەربەند قىلىنىشى ۋە «ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ تاقىلىش ۋەزىيىتى خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان قازاق دەۋاگەرلەرگە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.