قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ سوتىنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ مىرزاقامىقىنى 10-ئىيۇلغا قەدەر ئۇزارتقان. سوت مەھكىمىسى مىرزاقاماقنى ئۇزارتىشتا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىڭ «جىنايىتى» گە ئالاقىدار دەلىللەرنى يېتەرلىك توپلاپ بولالمىغانلىقى، شۇنىڭدەك 9-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان پرېزىدېنتلىق سايلىمىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. بۇ قازاقىستان سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلاشئوغلىنى مىرازا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى 2-قېتىم ئۇزارتىشى ئىدى.
بۇ يىل 3-ئايدا ئالمۇتادا قولغا ئېلىنىپ، نۇرسۇلتان شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بىلاشئوغلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان قازاق تۇتقۇنلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى ئۇنى قولغا ئالغاندا ئۇنىڭغا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش جىنايىتى» ئارتقانىدى. لېكىن بىلاشئوغلىنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋانىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى بۇرۇن ئۇنىڭغا ئارتقان «جىنايەتلەر» نى بىكار قىلىپ، ئۇنى «جىھادقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەشكە ئىنتىلمەكتىكەن.
ئايمان ئۆمەروۋا 11-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىلاشئوغلى ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. لېكىن تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنىڭغا ئارتىلغان بۇرۇنقى ئەيىبلەشنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىلاشئوغلىنىڭ ماڭقا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېڭى ئەيىبلەشنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. بۇ دېلوغا مەسئۇل تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنىڭغا بۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈرمەپتۇ. شۇڭا، ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا ئارتىلغان يېڭى ئەيىبنامىنىڭ قانۇنى ھۆججەتلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىمنى ھاۋالە قىلدى. مەن جۈمە كۈنى يەنى 14-ئىيۇن كۈنى بىلاشئوغلى بىلەن كۆرۈشىمەن. شۇنداقلا تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئارتىلغان يېڭى ئەيىبلەشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئىگىلەيمەن».
ئايمان ئۆمەروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەپتىش ئەمەلدارى بىلاشئوغلىغا يېڭى ئەيىبنامە ھازىرلاشتا ئۇنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا قازاقىستاندىكى قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقا ئېتنىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، ئۇلارغا قىلغان سۆزىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. تەپتىش ئەمەلدارى بىلاشئوغلىنىڭ شۇ قېتىمقى سۆزىدە باشقىلارنى خىتايغا قارشى «جىھات» قا چاقىرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، ئايمان ئۆمەروۋا بىلاشئوغلىنىڭ كىشىلەرنى «جىھات» قا چاقىرغانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىلاشئوغلى يىغىندا خەلقئارا ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى تولۇق قوللىنىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى «ئاخبارات جىھاتى» ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن ئىكەن.
ئايمان ئۆمەروۋا بىلاشئوغلىنىڭ بۇ يەردە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىشنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇنىڭ بۇ يەردە جىھات دېگىنى ئۇچۇرنى كۆزدە تۇتقان. ئۇ ھەرگىز قوراللىق جىھاتنى كۆزدە تۇتقان ئەمەس. ئۇ بۇ پەقەت ئۇچۇر كۈرىشى ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ باشقا ياققا بۇرمىلىنىشى بەك غەلىتە. ئۇ بۇ يەردە ئاخبارات جىھاتى دېيىش ئارقىلىق ئۇچۇر تېخنولوگىيەسىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇڭا، مەن نۇرسۇلتانغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشۈم كېرەك. ئۇ بۇرۇن خۇددى سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى سەۋەبلىك تۈرمىدىن مىرزا قاماققا يۆتكەلگەن.»
بلاشئوغلىنىڭ 7-ئىيۇن كۈنى ئېچىلغان سوتى دەل قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. بۇ، قازاقىستاننىڭ نۇرسۇلتان نازاربايېف نامزات بولمىغان تۇنجى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، قاسىم جۈمەرت توقايېف مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن پرېزىدېنتلىققا سايلانغانىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 11-ئىيۇن كۈنى مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، بىلاشئوغلىغا مىرزا قاماقنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. قەھرىمان غوجامبەردى: «مىڭ ئەپسۇس، قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلمىدى. ئەمما ‹ئاتايۇرت›نىڭ بەرگەن تىزىملىك ۋە پاكىتلار ئاساسىدا خىتاي بىلەن ھەر خىل سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا 2 مىڭدەك قازاقنى بوشاتتى. ئەمدى مەيلى ئاتايۇرت بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ دەھشەتلىك مىللىي سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى چەكلەش كۈچىيىدۇ. بۇنى بىز سايلام جەريانىدا كۆردۇق. سېرىكجان بىلاشئوغلىغا مانا 2-قېتىم مىرزا قاماقنى ئۇزارتىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا مەسىلە خېلى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ»
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى يېقىن ئارىدا ئۆزگەرمەيدىكەن. ئۇ، پرېزىدېنت توقايېفنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى يەنە 2-3 يىل كۆزىتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قازاقىستان مەنپەئەتىگە بەرگەن پايدا-زىيىنىغا قاراپ، ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايمان ئۆمەروۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىكى سوتتا ئۇ مىرزاقاماقنىڭ بىكار قىلىنىپ، بىلاشئوغلىنىڭ كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىشىنى، ھېچبولمىسا ئۇنىڭ ئالمۇتاغا يۆتكىلىپ، ئائىلىسىدە مىرزاقاماققا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوت ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ مىرزاقاماقنى ئۇزارتىش ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئايمان ئۆمەروۋا مۇنداق دېدى: «سوتتا تەپتىش ئەمەلدارى تەكشۈرۈش ۋاقتى ۋە مىرزاقاماقنىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدىم. شۇنىڭ يەنە بىلاشئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچبولمىسا ئائىلىسىدە مىرزاقاماققا ئېلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. چۈنكى سوتچى ئۇنى قويۇپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، نۇرسۇلتاندىن ئالمۇتاغا يۆتكىلىپ، ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلالايتتى. چۈنكى، بىلاشئوغلىنىڭ ئايالى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئالمۇتادا تۇراتتى.».
ئايمان ئۆمەروۋانىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قويۇپ بەرمەسلىكنىڭ باھانىسىنى ئىزدىمەكتىكەن. ئۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سېرىكىجان بىلاشئوغلىنىڭ «ئاتايۇرت پىدائىيلار» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارغا قامالغان قازاق تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەشكىللىشى قازاقىستان دائىرىلىرىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇ بۇ يىل 3-ئايدا قولغا ئېلىنىشنىڭ سەل ئالدىدا ئالمۇتادىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە «قانۇنسىز تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 670 دوللار جەرىمانە تۆلىگەنىدى.
0:00 / 0:00